مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن ئۆز چۈشەنچەمنى قۇرئاننىڭ «غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھىچ كىم بىلمەيدۇ» دېگەن خەۋىرىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بىر ھەدىسىدە: جىنلارنىڭ بىر ئېغىز راس سۆزگە يۈز ئېغىز يالغان سۆزنى قېتىپ كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىدىن، يەنە بىر ھەدىستە: يۇلتۇز تەتقىق قىلغۇچىلار(مۇنەججىملەر)نىڭ يالغاننى سۆزلەيدىغانلىقى خەۋەر بېرىلگەن، غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمىسە، جىنلار كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن قانداق خەۋەر بېرىدۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-10-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/178686
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ
1 MB
: مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.doc
2.
مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم ...
153.5 KB
: مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم ....pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇتلەق سىر تۇتۇلغان غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ

 

101968-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن ئۆز چۈشەنچىمنى قۇرئاننىڭ «غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھىچ كىم بىلمەيدۇ» دېگەن خەۋىرىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بىر ھەدىسىدە: جىنلارنىڭ بىر ئېغىز راس سۆزگە يۈز ئېغىز يالغان سۆزنى قېتىپ كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىدىن، يەنە بىر ھەدىستە: يۇلتۇز تەتقىق قىلغۇچىلار(مۇنەججىملەر)نىڭ يالغاننى سۆزلەيدىغانلىقى خەۋەر بېرىلگەن، غەيبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمىسە، جىنلار كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن قانداق خەۋەر بېرىدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

 ھەقىقەتەن غەيبنى سىر تۇتۇش ئاللاھ ئۆزى بىلىشكە خاس قىلغان ئىلىملارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قۇرئان- ھەدىسنىڭ تىكستلىرىمۇ بۇنى مۇقەررەرلەشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھدىن بۆلەك ھېچكىم ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنلاردىكى غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار يەنى خالايىقلار قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ» نەملە سۈرىسى 65- ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: « غەيبنىڭ غەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ،دەرەختىن تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھغا مەلۇم بولۇپ لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر» ئەنئام سۈرىسى 59- ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ لوقمان سۈرىسىدىكى مۇنۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ:«قىيامەتنىڭ بولىدىغان ۋاقتى توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئاللاھ يامغۇرنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى(يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھىچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» ئايەتتە بايان قىلىنغان بەش تۈرلۈك  غەيبى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. بۇخارىيدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان 4477 -نومۇرلۇق ھەدىستە:« كىمكى مەن ئەتە بولىدىغان ئىشنى بىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ كىشى يالغان سۆزلىگەن بولدى، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇغان: "ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ"»

لېكىن بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، ئاللاھ ئۆزى بىلىشكە خاس قىلغان غەيبى ئىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر، غەيب دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:  كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا كەلمىگەن، رېئاللىققا ئايلانمىغان ئاللاھ تەرىپىدىن سىر تۇتۇلغان نەرسىلەر بولۇپ، بۇ  ئاسمان - زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىن مۇتلەق يىراقلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ تۈر ئاللاھ ئۆزى بىلىشكە خاس قىلغان غەيبى ئىلىمدىن بولۇپ بۇ مۇتلەق غەيب ئىلمى دەپ ئاتىلىدۇ.

ياكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىلمى بەزەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا كەلمىگەن بىلەن يەنە بىر قىسىم كىشىلەرگە مەلۇملۇق بولىدۇ، بۇ تۈر بۇنى بىلمىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن غەيب ھېسابلىنىدۇ، ھەقىقەتتە ئومۇمى خەلقنىڭ بىلىشىدىن يىراقلاشتۇرۇلمىغانلىق سەۋەبى غەيبى ئىلىم ھېسابلانمايدۇ، ھەمدە بۇ تۈر ئاللاھ ئۆزى بىلىشكە خاس قىلغان غەيبى ئىلىمنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ.

شەيخ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ " شەرھى ئەقىيدەتۇل ۋاسىتىييە" دېگەن كىتابىنىڭ 158-بىتىدە مۇنداق دېگەن: "غەيب دېگەن سۆزدىن مەقسەت قىلىنىدىغىنى،  كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا كەلمىگەن، ھازىر بولمىغان نەرسىلەر بولۇپ بۇ مەلۇم نىسبەتتە  بولىدۇ. ئەمما مۇتلەق غەيب دېگەن: ئاللاھ ئۆزى بىلىشكە خاس قىلغان غەيبى ئىلىمدۇر.

رەمبال - پالچى، جىنكەش قاتارلىقلارنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بەرگەن خەۋىرى ۋە ئەتە بولىدىغان ئىشلاردىن بەرگەن خەۋىرى ئاللاھنىڭ سىر تۇتۇشنى ئىرادە قىلغان غەيبى ئىلىملەر بىلەن ھىچ ئالاقىسى يوق. بەلكى  بۇلار يالغانچى كاززاپلاردىن ئىبارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ۋەھىي قىلغان سۆزلەرنى ئوغۇرلايدىغانلىقى ھەققىدە بىزگە خەۋەر بەرگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچى ۋە جىنكەشلەر ھەققىدە سۇئال سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇلار غەيب ئىلىملىرىدىن ھىچ نەرسىنى بىلمەيدۇ دېدى، ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن نەرسىلىرى بەزەن ۋاقىتتا توغرا چىقىپ قالىدىغۇ؟! دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:  ئاشۇ توغرا چىققان سۆزنى ئۇلار جىنلاردىن ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىۋالغان بولۇپ، جىنلار ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا توخۇ چوقۇلىغاندەك بىر نەرسىلەرنى دەيدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى قېتىپ سۆزلەيدۇ» بۇخارىي 7561- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى قانداق ئوغۇرلايدىغانلىقىنى بىزگە بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:« ئاللاھ تائالا بىر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا پەرىشتىلەرگە ئاڭلىتىدۇ، ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر خۇرسەنلىكتىن تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارغا يانداش ئاسماندىكى پەرىشتىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەتتا  دۇنيانىڭ ئاسمىنىدىكى پەرىشتىلەرمۇ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئەرشنى كۆتۈرگەن پەرىشتىلەرگە يېقىن پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ دېگەن سۆزىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە خەۋەر قىلىپ ھەتتا بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ ئاسمىنىدىكى پەرىشتىلەرگە يېتىپ كېلىدۇ، جىنلار بۇلاردىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ  ئۆزلىرىنىڭ (رەمبال - پالچى، جىنكەشلەر ئىبارەت) ئىنسانىي شەيتانلاردىن بولغان يېقىن كىشىلىرىگە ھەقىقى خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ، ئۇلار بۇ خەۋەرلەرگە ھەر خىل توقۇلمىلارنى قېتىپ كۆپەيتىپ تارقىتىدۇ» مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 2229- نومۇرلۇق ھەدىس.

بۇنىڭدىن جىنلارنىڭ غەيبدىن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقى پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ بىر - بىرىگە يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ يېقىنلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۇق. پەرىشتىلەرمۇ غەيبى ئېلىمدىن بىر نەرسىنى بىلمەيدۇ بەلكى ئۇلارمۇ بۇ خەۋەرلەرنى ئاللاھ تائالا  ئىلان قىلغاندىن كىيىن بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا بىلىشى مۇتلەق غەيبنى بىلگەنلىك ھېسابلانمايدۇ، بۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاش غەيبدىن ھىچ نەرسىنى بىلمەيدۇ،  ئاللاھ ئۇلارغا ئىلان قىلىپ بىلدۈرگەندىن كېيىن بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ غەيبنى بىلگۇچىدۇر، ئۆزىنىڭلا بىلىشىنى ئىرادە قىلىپ سىر تۇتقان غەيب ئىلىملاردىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ» جىن سۈرىسى 26-ئايەت

شەيخ ئۇسەيمىن - رەھىمەھۇللاھ - مۇنداق دېگەن:  پەرىشتىلەرنىڭ  ئەلچىسىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولغان جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە سەرخىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سۇئال سوراپ: قىيامەتتىن خەۋەر بەرگىن؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاپ بېرىپ: « قىيامەتتىن سورالغۇچى سورىغۇچىدىن ئالىم ئەمەس»دېدى، بۇنىڭ مەنىسى: بۇ ھەقتە سىنىڭ ئىلمىڭ بولمىغاندەك ئوخشاشلا مەنمۇ بىلمەيمەن دېگەنلىكتۇر. شەرھى ئەقىيدەتۇل ۋاسىتىييە 158- بەت.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 7 )
Go to the Top