وماذا بعد رمضان؟

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: وماذا بعد رمضان؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: مطوية من إعداد القسم العلمي بدار الوطن، تحتوي على بعض الوقفات مع وداع رمضان... ماذا استفدنا من رمضان؟ وماذا يجب علينا أن نفعل بعد رمضان؟ ولا تكونوا كالتي نقضت غزلها.. واعبد ربك حتى يأتيك اليقين.. وأخيراً شيئاً من أحكام العيد.
تأريخ الإضافة: 2008-10-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/178589
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
رامزاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟
997.5 KB
فتح: رامزاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟.doc
2.
رامزاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟
165.5 KB
فتح: رامزاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟.pdf
نبذة موسعة

 

رامىزاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟

 

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر ۋە ئاللاھ ھەممىگە يىتەرلىكتۇر، ئاللاھنىڭ سەرخىل بەندىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت سالاملار بولسۇن.

ھۆرمەتلىك خانىملار - ئەپەندىلەر! بىز مۇبارەك رامىزان ئېيى بىلەن خوشلاشقاچ، ئاللاھتىن بىزنىڭ رامزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سوراش بىلەن بىرگە بىرقانچە نۇقتىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

بىرىنچى:  بىز رامىزان ئېيىدىن قانداق پايدىلىنالىدۇق؟.

بىز ھازىر  كۈندۈزلىرى ئىسلام نۇرى چاقنىغان، كېچىلىرى ئىمان پۇراقلىرى بىلەن ھۇزۇر بېغىشلىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى بىلەن خوشلاشتۇق، بىز قۇرئان - كەرىم كۆپ تىلاۋەت قىلىنىدىغان، تەقۋالىق كۈچىيىدىغان، سەۋرچانلىق ئاشىدىغان، نەپسىگە قارشى كۆرەش كەسكىنلىشىدىغان، ئاللاھنىڭ رەھمەت - مەغپىرەتلىرى زىيادە بولىدىغان ۋە گۇناھكارلارنى دوزاختىن ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان مۇبارەك ئاي بىلەن ۋىدالاشتۇق.

بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا،  يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئەمەللەرنى قىلىش پەقەت رامىزان ئېيىغىلا خاس ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى ئاللاھنىڭ رەھمەت- مەغپىرىتى چۈشۈپ تۇرىدۇ، تەقۋالىق ۋە قۇرئان - كەرىم كۆرسەتكەن گۈزەل ئەخلاقلار ھەر ۋاقىت پارلاپ تۇرۇشى كېرەك . لېكىن رامزاندا ئېرىشىدىغان ئەجىر - ساۋاپ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ياخشىلىق زىيادە بولىدۇ، تائەت - ئىبادەت كۆپ بولىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ مەخلۇقاتىدىن خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى پەيغەمبەرلىككە تاللايدۇ،...». قەسەس سۈرىسى 67-ئايەت.

بىزنىڭ ئەمەلىيتىمىزدە تەقۋالىق ئىپادىلەندىمۇ؟ رامزاندىن ئىبارەت بۇ مەكتەپنى «تەقۋادار» ناملىق دىپلوم بىلەن تاماملىيالىدىقمۇ؟.

نەپسىمىزنى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ يېتىشتۈردۈقمۇ؟ شەھۋانىي - نەپسىمىزگە قارشى قىلغان كۆرەشتە غەلبە قازاندىقمۇ؟  ياكى يامان ئۆرپ - ئادەتلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىش بىزگە غالىپ كەلدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ رەھمەت - مەغپىرەتلىرى ۋە جەننەتكە نائىل بولىشىمىزغا سەۋەپ بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇقمۇ؟؟؟.

كۆڭۈلگە ھەرخىل سوئاللار كېلىدۇ، بۇ سوئاللار سەمىمى - راستچىل مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىن  جاۋاپ تەلەپ قىلىدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە:« مەن رامزاندىن قانداق نەتىجە ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشتىم»؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ بۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن   جاۋاپ بېرىشى كېرەك.

رامزان ئېيى ئىماننى كۈچلەندۈرىدىغان مەكتەپ بولۇپ بۇ ئاي يىلنىڭ باشقا ۋاقىتلىرى ۋە ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن ئىرادىنى كۈچلەندۇرۇپ روھىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تۇراققا ئوخشايدۇ.

رامزاندىن ئىبارەت بۇ ياخشى ۋاقىتتا ۋەز - نەسىھەت قوبۇل قىلمىغان، ياخشىلىقلاردىن ئىبرەت ئالمىغان ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يۆلىنىشىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان  كىشىدە قاچان ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ؟

ھەقىقەتەن رامزان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر مەكتەپ، بىز بۇ ئايدا ئۆزىمىزدىكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەدەپ - ئەخلاقىمىز، ئادەتلىرىمىز ۋە ئىش - ئەمەللىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمىگىچە( يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ،( يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ». رەئد سۈرىسى 11-ئايەت.

ئىككىنچى: سىلەر چىڭ ئەھدە قىلىشقاندىن كېيىن ئۆز ئەھدىسىنى بۇزغان كىشىلەردەك بولماڭلار.

سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، قەدىرلىك سىڭلىم!

سىلەر رامزاندىن ھەقىقى مەنپەئەتلىنىپ، تەقۋادارلارنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزۈڭلاردە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولساڭلار، سىلەر ھەقىقى روزا تۇتقۇچى، سەمىمىيلىك بىلەن كېچىلەردە ناماز ئوقۇغۇچى ۋە ئۆز نەپسىنى بويسۇندۇرۇشتا تىرىشچانلىق قىلغۇچى كىشىلەردىن بولىسىلەر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ رەھمەت - تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپ تائەبەد مۇشۇنداق ھالەتتە بولۇشنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلىڭلار.

سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار، سەن يىپنى پىششىق ئېگىرىپ رەخت توقۇپ ئۇنىڭدىن چىرايلىق كىيىم تىكىپ بولغاندىن كىيىن سەۋەبسىزلا ئۇ كىيىمنىڭ يىپىنى سۇغۇرۇپ سۆكىۋەتكەن  بىر ئايالنى كۆرگەندە، كىشىلەر بۇ ئايالغا قانداق باھا بىرەر؟!

بۇ خۇددى رامزاندىن كىيىنلا قىلىۋاتقان تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تاشلاپ، ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ پىسق - پۇجۇر ۋە گۇناھ - مەسىيەتكە قايتىۋالغان كىشىلەرنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ . ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ، لەززەتلەنگەن ۋە تائەت - ئىبادەت بىلەن نېمەتلەنگەندىن كىيىن پىسق - پۇجۇر ۋە گۇناھ - مەسىيەتكە قايتىۋالغان، ئاللاھنى رامىزاندىلا تونۇيدىغان كىشىلەر نېمىدېگەن ناچار كىشىلەر ھە!! قېرىندىشىم: كىشىلەردە ئاللاھقا چىڭ ئەھدە قىلغاندىن كېيىن ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇشنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇنىڭدىن مىسال ئۈچۈن بىر قانچىنى سۆزلەيمىز:

1- رامزاندا سۈننەت بولغان تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن جامائەت بىلەن تولغان مەسچىتلەر ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا  پەرز نامازلار ئۈچۈن جامائەتسىز قالغانلىقىنى كۆرىمىز، بەلكى پەرز نامازنى تەرىك قىلىپ تولۇق ئوقۇمىغانلار ئاللاھنىڭ ھەققىدە ئەڭ بۈيۈك خاتالىق ئۆتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۆزىگىمۇ زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.

2- ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا  كىشىلەرنىڭ ناخشا - مۇزىكىلارنى ياڭرىتىپ، ئاياللارنىڭ يىرىم - يالىڭاچ كىيىنىپ ئەرلەر بىلەن بىرگە كىنو - تىياتىرلارغا، باغچىلارغا ۋە ھەرخىل ئاتالمىش كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا (دىيبالارغا) كېرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز.

3- بىز رامزان ئېيىنى ئاللاھتىن يەنە بىر رامزانغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ تاماملىدۇق، رامزان تامام بولىشى بىلەنلا بىر قىسىم  مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرخىل ئەيشى - ئىشرەت ئۈچۈن سىرتقى رايونلارغا ۋە ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق ۋە پاساتچىلىق بىلەن تولغان يۇرتلارغا سەپەر قىلىش ئۈچۈن بەس - بەستە بىلەت سېتىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلغانلىق ئەمەس، رامزاندا قىلغان ئەمەللىرىمىزنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە ئوپ- ئوچۇق تۇزكورلۇق قىلغانلىق ۋە شۈكرى ئېيتمىغانلىقتىن ئىبارەت.

بۇ ئەمەللىرىمىزنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئەمەس، ( بۇنداق بولۇشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن)، چۈنكى روزا تۇتقۇچى ھېيتنىڭ كېلىشى بىلەن خۇرسەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ روزىنى تولۇق تۇتۇشقا مۇيەسسەر قىلغىنىغا رەھمەت - تەشەككۈرلەرنى ئېيتىش بىلەن بىرگە تۇتقان روزىسىنى   ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يىغلايدۇ. ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرمۇ رامزاندىن كىيىن ئالتە ئاي دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن تۇتقان روزىسىنى  قوبۇل قىلىشنى سورايتتى.

ئەمەلنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن: ئىنساننىڭ رامزاندىن بۇرۇنقى ھالىتىدىن رامزاندىن كىيىنكى ھالىتىنىڭ ياخشى بولىشى ۋە تائەت- ئىبادەتكە يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار"نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇنى تىخىمۇ زىيادە قىلىمەن» (يەنى ھېسسى ۋە مەنىۋىي ياخشىلىقلارنى زىيادە قىلىمەن). ئىبراھىم سۈرىسى 7-ئايەت. ئىماننىڭ ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ زىيادە بولىشىمۇ بۇ نېمەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بەندە پەرۋەردىگارىنىڭ نېمەتلىرىگە ھەقىقى شۈكۈر ئېيتسا ئۆزىدە  تائەت - ئىبادەتنىڭ زىيادە بولغىنىنى، گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق بولغىنىنى ھېس قىلىدۇ، ئىلگىركى ياخشى كىشىلەر ئېيتقاندەك: " گۇناھ - مەسىيەتنى تەرىك قىلىشمۇ نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر".

ئۈچىنچى: «سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە(يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن».

مۇسۇلمان دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دائىم ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك . ئىبادەتكە تۈلكىلىك قىلماسلىق لازىم . ئاللاھقا بىر ئاي ئىبادەت قىلىپ يەنە بىر ئايدا قىلمايدىغان، بىر يۇرتتا قىلىپ يەنە بىر يۇرتتا قىلمايدىغان، بىر جامائەت بىلەن قىلىپ يەنە بىر جامائەت بىلەن قىلمايدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشى مەن مۇسۇلمان دېگەن ئىنسانغا ۋاجىپ بولىدۇ.

بىلىش كېرەككى! رامزاننىڭ پەرۋەردىگارى باشقا ئاي - كۈنلەرنىڭ ۋە باشقا ۋاقىت- ئورۇنلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر . ئاللاھقا ئۇچراشقانغا قەدەر شەرىئەتتە مۇستەھكەم تۇرۇپ ئاللاھ رازى بولغان ھالەتتە دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىشقا تېرىشىش لازىم . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سېنى بۇيرىغاندەك توغرا يولدا بولغىن ۋە تەۋبە قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولغىن»ھۇد سۈرىسى 112-ئايەت. « ئاللاھقا ئىمان ۋە تائەت- ئىبادەت بىلەن يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار» پۇسسىلەت سۈرىسى 6-ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھغا ئىشەندىم دېگىن، ئاندىن ئۇ ئىماننىڭ تەقەززاسىدا مۇستەھكەم تۇرغىن» (مۇسلىم).

رامىزان روزىسى ئاخىرلاشقان بولسا يەنە باشقا نەپلە روزىلار بار: شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئۆچ كۈن، مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9- 10 لىرىدا، ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت.

تەراۋىھ نامىزى ئاخىرلاشقان بولسا ھەر كىچىدە ئوقۇيدىغان تەھەججۈد نامازلىرى بار، ئاللاھ  تائالا ساھابىلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:« ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى» زارىيات سۈرىسى 17-ئايەت.

سەدىقە پىتىر ۋە باشقا سەدىقىلەر ئاخىرلاشقان بولسا پەرز قىلىنغان زاكاتنىڭ سەدىقىسى بار، سەدىقە قىلىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپ.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، مەنىلىرىنى ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىش پەقەت رامىزانغىلا خاس بولماستىن بەلكى ھەممە ۋاقىتتا شۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

شۇنىڭدەك ياخشى ئەمەللەرنى ھەممە ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا قىلىش بىلەن تائەت - ئىبادەتكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىقتىن ساقلىنىش كېرەك . نەپلە ئەمەللەرنى دائىم ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغان تەقدىردىمۇ  بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرز ئەمەللەرنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنى  زايا قىلىۋېتىشى ۋە تەرىك قىلىشى توغرا ئەمەس، يېمەك - ئىچمەك، سۆز - ھەرىكەتلەردە ئىسلام پرىنسىپى ۋە ئەخلاقىغا زىت ئىشلارنى قىلىپ سالماسلىققا تىرىشىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ئاللاھ بىزنى ھەر ۋاقىت دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن! ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ سىز بىلەن قاچان ئۇچرىشىشىنى بىلمەيسىز، سىز ئۇنىڭ بىلەن گۇناھ - مەسىيەت ئىشلەۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىشىپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ. « ئى قەلبلەرنى ئۆرۈگۈچى ئاللاھ! بىزنىڭ قەلبىمىزنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن» .

تۆتىنچى: ھېيت كۈنى.

ھېيت كۈنىدە قىلىنىدىغان بەزى ئىشلار:

1-   ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى سەدىقە پىتىرنى ئادا قىلىش. بۇ،  خورما، ئارپا، قۇرت، بۇغداي، ئۈزۈمدىن ياكى گۈرۈچتىن ۋە باشقا يېمەكلىكلەردىن ئۆچ كىلو( 3 ) مىقداردا بېرىلىشى كېرەك . بۇ ئىبادەتنى ئەر- ئايال، قىرى - ياش، چوڭ - كىچىك، ھۆر ۋە قۇل قاتارلىق بارلىق مۇسۇلمانلار ئادا قىلىدۇ.

2- ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى بىرقانچە تال خورما يېيىش، خورمىنى تاق يېيىش ئەۋزەل.

3- مۇسۇلمانلار بىرلىكتە ناماز ئوقۇپ خۇتبە تىڭشىشى، ئاياللار - بالىلارنىمۇ ھېيت نامىزىغا بىرگە ئىلىپ  بېرىش ياخشى كۆرۈلىدۇ.

4-  مۇمكىن بولسا ھېيت نامىزىغا مېڭىپ بېرىش ياخشى، ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتقىچىلىك ئەرلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىدۇ :« ئاللاھ كاتتىدۇر! ئاللاھ كاتتىدۇر! ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر! ئاللاھ كاتتىدۇر! بارلىق ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر» .

5 - ئەرلەر غۇسلى قىلىپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى( ئەتىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان) ئىشلىتىش، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىسراپ قىلماستىن يىڭى كىيىم - كىچەكلەرنى كىيىش، چىرايلىق بولىمەن دەپ ساقالنى ئالماسلىق كېرەك، چۈنكى ساقال دېگەن ئەرنىڭ زىننىتىدۇر. ساقالنى ئېلىۋېتىش دىنىمىزدا چەكلەنگەن (ھارام) ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار بولسا نامازغا ياكى سىرتلارغا چىققاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك ۋە بەدەنلىرى ئېچىلىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز دەپ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ۋە يىرىم - يالىڭاچ  كىيىنىپ، ناماز ئوقۇيدىغان ۋە ئەرلەر بار جايلارغا بېرىش دېگەنلىك ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن ئىبارەت.

6 -  ئۇرۇق-تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاش ئارقىلىق، قەلبدىن ئۆچ - ئاداۋەت، ھەسەت ۋە يامان كۆرۈشتەك ناچار ئەخلاقلارنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

7 - پەقىر- مىسكىن، تۇل - ئايال، يىتىم - يېسىرلارغا ياردەم بېرىش، كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش كېرەك.

8 - "ئاللاھ بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن" ياكى "ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن" دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى دېيىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ ھېيتنى مۇبارەكلەش.

9 - ھېيت كۈنىدىن كىيىن رامزاندا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۇتالماي قالغان روزىلار بولسا ئۇنى تۇتۇۋېلىش. ئەگەر قازا روزىسى بولمىسا شەۋۋالدا تۇتىدىغان ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇشقا ئالدىراش كېرەك . مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: رامىزان روزىسىغا ئۇلىنىپ تۇتۇلغان شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزا  بىلەن بىر يىل روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ.

تۈگەنچە:

ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ ھېيت كۈنىنى ئۈمىت ۋە قورقۇنچنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈش كېرەك، رامزاندا قىلغان ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن قورقۇش، قوبۇل بولىشىنى ئۈمىت قىلىش، قىيامەت كۈنى ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزنى ۋە بەختلىك - بەختسىزلەر ئۇستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى ئەسلىشىمىز لازىم. ئۇنداق قىلىش ئىنساننىڭ ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولغۇسى.

ۋۇھەيب ئىبنى ئەلرۇد ھېيت كۈنىسىدە ئويۇن - تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئىچىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:" سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ھەيران قىلىۋاتىمەن!، ئاللاھ سىلەرنىڭ روزاڭلارنى قوبۇل قىلغان بولسا بۇ قىلغىنىڭلار  ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنىڭ قىلىقى ئەمەس، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ روزاڭلارنى قوبۇل قىلمىغان بولسا بۇ ئاللاھتىن قورققۇچىلارنىڭ قىلىقى ئەمەس".

ئەگەر ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ھېيت كۈنلىرىدە قىلىۋاتقان -ئاللاھقا ئۇرۇش ئىلان  قىلغاندەك- گۇناھ - مەسىيەت ۋە ئويۇن - تاماشالىرىنى كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر؟؟؟. ئاللاھدىن بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ تۇتقان روزا، ئوقۇغان تەراۋىھ نامىزى ۋە باشقا ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز . ھېيت كۈنىمىزنى بەخت - سائادەت كۈنى قىلىپ بېرىشىنى، يەنە بىرقانچە يىللار رامزان روزىسى تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ئەھۋالىمىزنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلىشىنى، نەپسىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىنى، ئىسلام ئۇممىتىنى ئىززەتلىك قىلىشىنى، ئاللاھ ھوزۇرىغا سەمىمىيلىك بىلەن قايتىشقا مۇيەسسەر قىلىشنى سورايمىز. ئامىن...

ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

 

 

الترجمات ( 2 )
Go to the Top