قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: قىز-خانىملار ھەيز - نىپاس ۋە بەزى ئۆزۈرلەر سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان رامزان روزىسىنى بالدۇر باشلامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن نەپلە روزىنىمۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-10-04
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/178532
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟
973 KB
: قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟.doc
2.
قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر ...
109.1 KB
: قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر ....pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟

 

4082-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

قىز-خانىملار ھەيز - نىپاس ۋە بەزى ئۆزۈرلەر سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان رامزان روزىسىنى بالدۇر باشلامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن نەپلە روزىنىمۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ- سانا ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئەگەر ھەدىستە زىكىر قىلىنغان تەرتىپ بويۇنچە قىلىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئالتە كۈن شەۋۋال روزىسىنى توتۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ . بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ».  (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 1984-نومۇرلۇق ھەدىس).

ئەمما بەزى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىدا, پەرز قازا روزىنى كېلەر يىل رامزان كېلىشتىن ئىلگىرى تۇتۇشقا پۇرسەت بارلىقىنى ئېتىبارغا ئالغان ھالدا شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنى قازا روزىدىن ئىلگىرى توتۇش جايىز دەپ قارىلىدۇ.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.

Go to the Top