رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 26/9/1429 ھـ 2008-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، بۇ خۇتبىدا رامزان ئېيىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئىبادەتنىڭ ئىنساننىڭ روھى ۋە جىسمىغا بولغان تەسىرى، بەدەننىڭ غىزاغا ئېھتىياجى بولغاندەك روھنىڭمۇ غىزاغا ئېھتىياجى بولۇپ روھنىڭ غىزاسى بولسا تائەت ئىبادەت ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، پىتىر سەدىقىسىگە ئائىت بەزى ئەھكاملار توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-10-02
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/178403
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى
1003.5 KB
: رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى.doc
2.
رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى
157.6 KB
: رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

رامزان ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى

 

 

2008- يىلى 09- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

بىرىنچى خۇتبە

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار بۈيۈك قۇدرەتلىك شان- شەرەپ ئىگىسى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممە نۇقسانلاردىن پاك بولغۇچى، مۆمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ پەزلى - ئىنئاملىرىغا ھېسابسىز رەھمەت - تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، ئىتائەت قىلغانلارغا ھەسسىلەپ ساۋاپ، ئاسىيلىق قىلغانلارغا قىلمىشىغا لايىق جازا بەرگۈچى ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، ھەممە ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى يول باشچىمىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئى ئاللاھ ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشقا ئالدىراڭلار، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇڭلار، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ نام - ئەمەللىرىنى بېكىتتى، تائەت - ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئۆزىگە يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى.

ئى مۇسۇلمانلار!ھەربىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بولغىنىدەك يامانلىقنىڭمۇ جازاسى بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن قىيامەت كۈنى بىز ئەمەللەر تارتىلىدىغان ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ( يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرىۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمىلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز».

ئاللاھنىڭ بىزدىكى ھەققى ناھايىتى كاتتا بولۇپ بىز بۇنىڭغا لايىق ئىبادەت قىلىشقا قادىر بولالمايمىز، نېمەتلىرىگە تولۇق شۈكۈر ئېيتالمايمىز، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ رەھمەت- مەغپىرەت قىلىپ بىزگە مۇشۇ ئىبادەتلەرنى پەرز قىلىش بىلەن كۇپايە قىلدى، بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىپى كىلىدىغان ئىشنى قىلىشتىن توستى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار».

تائەت - ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى كۈچلاندۇرۇپ روھىنى پاكلايدۇ، بەدەننىڭ غىزاغا ئېھتىياجى بولغاندەك، روھمۇ  تائەت - ئىبادەت بىلەن پاكلىنىدۇ، گۇناھ - مەسىيەتلەر ئىمان - ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ياكى بىكار قىلىۋېتىدۇ، بەدەن ۋە روھقا نىسبەتەن زەھەرلىك مىكرۇبقا ئوخشايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېگەن:« مەن سىلەرنى بىر نەرسىگە بۇيرۇسام سىلەر ئىمكانىيتىڭلارنىڭ يېتىشچە ئۇنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنى بىر نەرسىدىن چەكلىسەم ئۇنىڭدىن يېنىڭلار»( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

ئى مۇسۇلمانلار بىلىڭلاركى ! ئىبادەت ئاللاھغا خالىس نىيەت ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىنسا  ئىبادەتنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈلىدۇ، ئىبادەت قىلغۇچى گۇناھتىن پاك بولىدۇ، ئۇ كىشى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت تاپقۇسى، ئاللاھتىن قورقۇپ گۇناھ - مەسىيەتنى تەرىك قىلغان كىشىنىڭ ئەجرى زىيادە بولىدۇ .

ئەمما ئىبادەتلەر خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىنمىسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى  ئىخلاسسىز ياكى  سۈننەتكە مۇۋاپىق قىلمىغان ئىبادەتلىرىگە ئاساسەن ئازابلايدۇ .  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولىدۇ، ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، ئاخىرەتتە جاپا تارتقۇچىلاردۇر، ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ، سۇلىرى قايناپ تۇرغان  بۇلاقتىن سۇغۇرۇلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن( يەنى بەتبۇي ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يىمەكلىك بولمايدۇ، زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ»، تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ" بۇ ئايەتلەر ئىبادەتنى سۈننەتكە مۇۋاپىق قىلمىغانلار توغرىسىدا سۆزلەنگەن" دەپ چۈشەندۈرىدۇ .

ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىش: ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ، پىكىر قىلىپ، ئويلىنىپ قىلغان ئىش - ئىزلىرىغا قاراپ باقسۇن . ھەر بىر ئىبادەت ھىكمەت بىلەن تەلەپ قىلىنغان يول بويۇنچە ئادا قىلىندىمۇ؟، نەپسى پاكلاندىمۇ؟ ئەخلاقى تۈزەلدىمۇ؟ قەلبى ئاخىرەتكە يۈزلەندىمۇ؟ مەغرۇرلاندۇرىدىغان دۇنيادىن ئېھىتىيات قىلدىمۇ؟ قىلغان - ئەتكەنلىرىدىن ئاللاھقا يېلىنىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلدىمۇ؟ ئاللاھقا ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى تەييار قىلدىمۇ؟ . قىلغان تائەت - ئىبادەتلەر بىلەن قەلبىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ياخشىلىنىش ھاسىل بولىدىكەن ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىپ ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرسۇن، چۈنكى مۇنبەت زېمىنغا يامغۇر پايدا قىلىپ كۆپ ھوسۇل بەرگەندەك بۇ ئىبادەت قىلغۇچىغىمۇ  قۇرئان - ھەدىس ۋە ياخشى ئەمەللەر مەنپەئەت قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشتى.

ئەمما قىلغان ئىبادەتلىرىدە ياخشى تەسىرلەر كۆرۈلمىگەن، ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولمىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىغا ئۆكۈنۈپ يىغلىسۇن، ئۇ كىشىلەر قەلبى تاشقا ئوخشاش بولۇپ تاشنى يامغۇر ئېرىتەلمىگەندەك ئۇلارغىمۇ قىلغان ئەمەللەرنىڭ تەسىرى بولمايدۇ، ئۇلار چىن قەلبىدىن ئاللاھقا يېلىنىپ - يالۋۇرۇشى كېرەك . ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:« تائەت - ئىبادەت تەسىرى قەلبكە نۇر، چىرايغا گۈزەللىك، بەدەنگە قۇۋۋەت، كىشىلەر قەلبىدە ياخشى كۆرۈلۈش ۋە رىزقى كەڭرى بولۇش بولىدۇ، گۇناھ - مەسىيەتنىڭ تەسىرى قەلبتە زۇلمەت، چىرايىدا غەم- قايغۇ، بەدەندە ئاجىزلىق، كىشىلەر قەلبىدە ئۆچ كۆرۈلۈش ۋە رىزقى كەڭرى بولماسلىق بولىدۇ».

ئى خالايىقلار! سىلەر رامىزان ئېيدا تۇرۇۋاتىسىلەر، ھەممە ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسى ۋە بارلىق يامانلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى بولغان تەقۋالىقنى كەسىپ قىلىڭلار،  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى» . رامزاندا روزا تۇتۇش بىلەن تەقۋالىقنى كەسىپ قىلغان كىشىنىڭ بەخت - سائادىتى نېمە دېگەن كاتتا ھە!، رامزاندا روزا تۇتۇش بىلەن تەقۋالىقنى كەسىپ قىلالمىغان كىشىلەرنىڭ  قايغۇ - ئەلەملىرى ۋە تارتقان زېيىنى نېمە دېگەن كاتتا ھە! ئۇلارنىڭ رامزاندا ئېرىشكىنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازاۋى بولدى،،  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بولىدۇ، يامان ئىش قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ زېيىنى ئۈچۈن بولىدۇ، سىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ».

دىققەت قىلىڭلار! تائەت - ئىبادەتنىڭ،  قىلغۇچىغا، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن كائىناتقا ياخشى تەسىرى بولىدۇ . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە كۇفىردىن، گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاسمان - زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق،»،  ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ ئەر - ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاپ بىرىمىز»، دۇنيادىكى يامانلىق بىلەن ئاخىرەتتىكى ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى گۇناھ - مەسىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« (ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھدىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ ».

ئاللاھ تائالا ئىلگىركى ئۇممەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«(بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال- مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى،ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتتى».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:" ھەقىقەتەن ئاي - كۈن ۋە يىللارنىڭ ئەڭ ناچىرى قىيامەتكە يېقىن بولغىنى" ( كەنزىل ئۇممالدىن)، بۇنى ئىمام ئەھمەد ۋە بۇخارىيلار ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان :« ھەر دەۋرىدىن كېيىنكىسى ناچار بولىدۇ، ھەتتا سىلەر ئاللاھقا ئۇچراشقىچە شۇنداق، مەن بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان» دېگەن ئەسەر كۇچلاندۇرىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! بۇ مۇبارەك ئاينىڭ قالغىنىنى تىرىشىپ ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىش بىلەن تاماملاڭلار، چۈنكى ئەمەللەر تۈگەنچىسى بىلەن بولىدۇ، كىيىنكى كېچىلەرنى قەدىر كېچىسىنى ئۈمىت قىلىش بىلەن بىدار ئۆتكۈزۈڭلار، ئاللاھ كىشىلەرنى ھەر كېچىسى ئىبادەت قىلسۇن دەپ بۇ كېچىنى مەخپى قىلدى، بۇھەقتە كەلگەن ئەسەردە:« كىمكى قەدىر كېچىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇرسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.

رامىزاننى ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ئاشكارا - يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھقا سەمىمى تەۋبە قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، چۈنكى ئىنساننىڭ تەۋبە قىلغان كۈنى ھاياتىدىكى ئەڭ شەرەپلىك كۈن ھېسابلىنىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئەب ئىبنى مالىكنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولغان كۈنى ئۇنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېگەن:« «بۈگۈن سىنىڭ ئاناڭدىن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خوشاللىق بىر كۈندۇر، خوش بېشارەت ئالغىن».

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەرنى شەيتان غاپىللىقتا قويمىسۇن، مۇبارەك ئاي تامام بولۇشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭلار، سىلەر تەۋبە قىلىشتىن غاپىل قىلىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، تەۋبە قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ ئەبەدىي بەختسىزلەردىن بولۇپ قالماڭلار، ھىچ كىممۇ سىلەر بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىغا توسانچا بولالمايدۇ، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! يىلنىڭ ھەممە ۋاقىتلىرىدا قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلىڭلار، ھۆكمىگە ئەمەل قىلىڭلار، ئاللاھ ئۆزىنىڭ كالامىغا ئېشىنىپ ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ھەممە ياخشىلىقنى ئاتا قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار، كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھىمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ  ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاپ بەرگۈچىدۇر».

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كالامىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن دۇنيادا خارلىق ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب تەييارلاپ مۇنداق دېدى:« ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي!، ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفىردا چىڭ تۇرىدۇ، گۇمراھلىقتا تىخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا نەزەر سالساقمۇ شۇ زاماندا ياشىغان ئۇممەتلەردىن ئاللاھنىڭ كالامىغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر نىجات تاپتى، ئىنكار قىلغۇچىلار ھالاك بولدى . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى  سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئەمەلىنى تۈزەتكەنلەرگە كەلگۈسىدىن غەم قىلىش، كەتكەنگە قايغۇرۇش يوقتۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر ».

ئاللاھ تائالا مۇشۇ كاتتا قۇرئان بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇنىڭدىكى ۋەز - نەسىھەت ۋە ھۆكۈملەر بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە مەنپەئەت بەرسۇن، ئاللاھ تائالادىن ئۆزۈمگە، سىلەرگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەچۈرۈم تىلەيمەن، سىلەرمۇ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ گۇناھلارنى بەك كەچۈرگۈچى ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ياخشى - سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە، ھىدايەتكە چاقىرغۇچى يول باشچىمىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز .

ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن سەدىقە پىتىرنى بېكىتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كۇفىردىن ۋە گۇناھتىن پاك بولغان ئادەم مەقسەتكە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى ئاندىن ناماز ئوقۇدى».

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئەبى سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:« بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە سەدىقە پىتىرنى (3) ئۆچ كىلو مىقداردا  يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى پىشلاقتىن ( قۇرت) ياكى ئۈزۈمدىن بېرەتتۇق»  دېيىلگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سەدىقە پىتىرنى پەرز قىلدى.(نەسائىيدىن).

گۇرۇچ ياكى شۇ يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان باشقا يېمەكلىكلەردىن قايسىسىدىن بولسۇن ئاز بولغاندا (3) ئۆچ كىلو مىقداردا بېرىش كېرەك، بېرىلىدىغان ۋاقىت ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بولىشى كېرەك، ھېيتتىن بىر -ئىككى كۈن ئىلگىرى بەرسىمۇ بولىدۇ، ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە بولىدۇ.

بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:« « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار» .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ماڭا بىرقېتىم دۇرۇت ئېيتسا، بۇ دۇرۇتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ھەسسە رەھمەت قىلىدۇ».

ئى مۆمىنلەر!بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولباشچىسى، ئىلگىركى ۋە كىيىنكى كىشىلەرنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.                                              

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن . ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن،  سىنىڭ سېخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن، ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى بىرلەشتۈرگىن، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغىن، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن، مۇسۇلمانلاردىن قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن، سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازاۋى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغىن، خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دىنىڭغا، كىتابىڭغا ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ياردەم بەرگىن، سەن ھەممىدىن كۈچلۈك غالىبدۇرسەن، بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن، سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن .

ئى ئاللاھ! سەن ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈمچاندۇرسەن، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، ئەقىلسىز ھاماقەت كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بىزنى ئازابلىمىغىن، بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىن دۇنيا ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلار بىلەن دىنىڭغا ۋە كىتابىڭغا ياردەم بەرگىن، سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. بىزنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى، ئاشكارا يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن، سەن ھەممىدىن ئەۋۋەل ۋە كىيىن سەندىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق .

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر،  ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 10 )
Go to the Top