رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 19/9/1429 ھىجرى 2008-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، ئېتىكاپنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى، تەھەججۈد نامىزى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، مۇسۇلمان رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە جان-جەھلى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلىشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/177855
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا
394.5 KB
: رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا.doc
2.
رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا ...
137.5 KB
: رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا ....pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا

 

2008-يىلى 09-ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

بىرىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھنى ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىغا لايىق رەۋىشتە ماختايمىز،   ئۇنىڭ پەزلى- ئېھسان ۋە نېمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئاللاھنى ئىسمى، سۈپەتلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ھىچ شېرىكى يوق، يەككە- يىگانە دەپ، پەيغەمبىرىمىز ۋە يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن  دائىم يېڭىلىنىپ، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىش، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئىبارەت، «ئى مۆمىنلەر!ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار».

ئى مۇسۇلمانلار! رامزاندا ئىنساننىڭ نەپسى غەپلەتتىن ۋە ھورۇنلۇق - بوشاڭلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئىبادەت مەيدانىغا، تائەت باغچىسىغا چىقىدۇ، تىللار ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىدۇ، كۆزلەردىن ياشلار تۆكۈلىدۇ، قەلبلەر ئۆرتىنىدۇ، نەپسىلەر ئاللاھغا يۈزلىنىدۇ، ئىبادەتكە لەززەت، قەلبلەرگە خۇرسەنلىك ۋە ئۆمۈرگە بەرىكەت بولىدۇ.

تەھەججۈد نامىزى، ئاللاھقا يېلىنىپ مۇناجات قىلىش، كىچىدە ئوقۇلغان قۇرئان تىلاۋىتىنىڭ لەززىتىگە نىسبەتەن دۇنيانىڭ لەززەتلىرى ھىچ نېمىگە ئەرزىمەيدۇ . سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جىبرىئل ئەلەيھىسسالام مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! سەن قانداق ياشىغىن، چوقۇم دۇنيادىن كېتىسەن، خالىغان نەرسىنى ياخشى كۆرگىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن، دۇنيادا قانداق ئەمەللەرنى قىلساڭ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى كۆرىسەن، بىلگىنكى، مۆمىننىڭ شان - شەرىپى كىچىدە ناماز ئوقۇش بىلەن، ئىززىتى كىشىلەردىن بىھاجەت بولۇش بىلەن بولىدۇ»( ھاكىم ۋە بەيھەقىيدىن).

ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر كىچىدە ناماز ئوقۇڭلار، بۇ سىلەردىن ئىلگىركى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئادىتى، بۇ ئىش سىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، خاتالىقنى كەچۈرۈم قىلىپ گۇناھنى ئۆچۈرىدۇ» ( تىرمىزىيدىن).

ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمىكى كىچىدە تۇرۇپ قۇرئاندىن ئون ئايەت ئوقۇسا غاپىللارنىڭ قاتارىغا يېزىلمايدۇ، يۈز ئايەت ئوقۇسا كىچىدە قىيامدا تۇرغۇچىلار دەپ يېزىلىدۇ، مىڭ ئايەت ئوقۇسا كۆپ ئىبادەت قىلغۇچىلار دەپ يېزىلىدۇ»( ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى خۇزەيمەدىن).

كىچىدە قىيامدا تۇرغۇچىلار ئۆز پەرۋەردىگارىغا ياخىشى كۆرەلگۈچى، راستچىل-سەمىمى كىشىلەردۇر، ئۇلار كېچىلەرنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا يېلىنىش، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش بىلەن بىدار ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇر تامچىلىغاندەك ياش تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

مۇغىيرەتە ئىبنى شۆبە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەندە ئاياللىرى: ئاللاھ سىلىنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان تۇرسا نېمە ئۇنچە جاپا چىكىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« مەن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتقۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟ !»   دېگەن. ( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

مانا ھازىر رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى يېقىنلاشتى. ئاللاھغا يۈزلىنىدىغان ئەڭ كاتتا كېچىلەر كېلىپ قالدى، بۇ كېچىلەرنى غەنىمەت بىلەيلى، كېچىلەرنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا يېلىنىش، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، تەھەججۈد نامىزى ئوقۇش بىلەن بىدار ئۆتكۈزەيلى، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئاياللىرىنىمۇ ئويغىتاتتى، ئادەتتىكىدىن ئارتۇقراق ئىبادەت قىلاتتى، ھىممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلايتتى،(يەنى ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى)»( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا( ئىبادەت، ياخشىلىق ،ئاللاھقا يۈزلىنىش جەھەتلەردە) رامزاندىن باشقا چاغلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى» (مۇسلىمدىن).

كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچىلار! دۇئالارنى ئىجاۋەت قىلغۇچى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىڭلار، كېچىدە پەقەت كەسكىن ئىرادىلىك كىشىلەر تۇرالايدۇ، قەبرىدە ئىنسانغا كېچىدە ئوقۇغان نامازدەك مەنپەئەت بېرىدىغان نەرسە يوق.

«شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى دۇنيادىكى چاغدا ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى، ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى، ئۇلار سەھەرلەردە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تىلەيتتى».

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

ئاللاھنى بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرىگە چەكسىز ماختايمىز، بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز . ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت  تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ  كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاسىيلىق قىلماڭلار . «ئى مۆمىنلەر!ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، راستچىل كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇڭلار».

ئى مۇسۇلمانلار! قەدىر كېچىسى پەزىلەتلىك، كاتتا، بەركەتلىك ۋە شەرەپلىك كېچە، بۇ كېچىدە كۆپ ياخشىلىق ۋە ئالى ساۋاپلار تەقسىم قىلىنىدۇ، بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەللەر باشقا مىڭ ئايدا قىلىنغان ئەمەللەردىن ياخشى، كىمىكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇرسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ . بۇ كېچىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم بولغان كىشى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ كېچىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكەن كىشى بەخىتلىك بولىدۇ .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئاللاھغا يېقىنلىشىپ ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ ئېتىكاپ قىلاتتى، قەدىر كېچىسىنى بۇ ئاخىرقى مۇبارەك ئون كۈندە تەلەپ قىلىڭلار.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە:«قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈندە تەلەپ قىلىڭلار» دېگەن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! غەپلەتتىن بىشىڭلارنى سىلكىۋېتىپ، ھورۇنلۇق - بوشاڭلىقتىن ئاگاھ بولۇپ، قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ بىدار تۇرۇشقا تەييار بولۇڭلار.

نەپسىڭلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئىمام ئەھمەد ئۆز نەپسىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيتتى:" ئى نەپسىم! ئاللاھقا بويسۇنغىن، ئۇنداق قىلمىساڭ كىيىن مىنى بىئارام قىلىسەن".

« ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟، ئېيتقىنكى :« بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ».

ئى مۆمىنلەر بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزى باشلىدى، بۇنىڭغا ئاللاھقا دائىم تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى  بىرگە قىلدى، ئىنسان ۋە جىنلارنى بۇنىڭغا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىدىكى ئېسىل سۆزىدە مۇنداق دېدى:«ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ،ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن . سىنىڭ سىخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن .

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، ئى ئاللاھ! تۇتقان روزىمىزنى، كىچىدە ئوقۇغان تەراۋىھ نامازلىرىمىزنى ۋە ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، باسقان قەدەملىرىمىزنى پاك قىلغىن . دەرىجىمىزنى ئالى قىلغىن، بىزنى گۇناھ - مەسىيەتتىن خالاس قىلغىن، نەپسىمىزگە ئەگىشىپ كېتىشتىن ساقلىغىن، بىز بىلەن خاتالىقنىڭ ئارىسىنى يىراق قىلغىن، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغىن .

ئى ئاللاھ!  سەن بىلەن ئۇچراشقاندا بىزنى خۇرسەن قىلغىن، بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن، بىزگە سىنىڭ ھۆكمۈڭگە رازى بولۇش ۋە ئىتائەت قىلىش بىلەن قانائەتچان بولۇشنى ئاتا قىلغىن . سەن بىزگە ئاتا قىلغان ھالال نەرسىلەر بىلەن ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز پەزلىڭ بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات قىلدۇرغىن، بىزنىڭ رىزقىمىزنى كەڭرى قىلغىن، بىزنى باشقىلارنىڭ دەشنام قىلىشىدىن ساقلىغىن، كاپىرلارنى بىزدىن ئۈستۈن قىلمىغىن.

ئى مەغپىرىتى كەڭرى، ئەپۇ قىلىشى كاتتا، رەھمىتى يېقىن بولغۇچى ئاللاھ! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن رەھمەت - مەغپىرەت ئاتا قىلغىن، ساڭا تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن بىزنى بەخىتلىك قىلغىن، بىزگە سىنى كۆرۈپ تۇرغاندەك قورقۇنچ ئاتا قىلغىن .

ئى ئاللاھ! ئىككى ھەرەم شەھىرىنىڭ تىنچلىق- باياشاتلىقىنى، شان - شەرىپى ۋە خاتىرجەملىكنى داۋاملاشتۇرغىن، رەھبەرلىرىنى ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى كۆتۈرىدىغان، ھەج - ئۆمۈر قىلغۇچى ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلاردىن قىلغىن . سىنىڭ رەھمەت - پەزلىڭ بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەھىرىنىڭ تىنچلىق- باياشاتلىقىنى، شان - شەرىپى ۋە خاتىرجەملىكىنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلەرنىڭ ھىلى - مىكرىدىن، ئىپلاسلارنىڭ بۇزۇقچىلىقىدىن ساقلىغىن، دۇنيادا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا تىزدىن غەلبە- نۇسرەت، تەمكىنلىك ئاتا قىلغىن . ئەقسا مەسچىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىپلاسلىقىدىن قۇتقازغىن، پەلەستىندىكى بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا بۇلاڭچى يەھۇدىيلار ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلغىن، ئۇلارنىڭ بالا- مۇسىيبەتلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكىن، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىرىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن، كېسەللىرىگە شىپالىق ئاتا قىلغىن، ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلغانلارنى مەغلۇب قىلغىن، رامىزان ئېيىنى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىززەت، غەلبە، قۇتۇلۇش ۋە تەمكىن بولىدىغان ئاي قىلغىن، ئى مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھ!.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر،  ناھايىتى كاتتا ۋە بۈيۈك ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

 

Go to the Top