شهر رمضان فرصة للعبادة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: شهر رمضان فرصة للعبادة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة، ألقاها فضيلة الشيخ صالح بن عبد الله بن حميد 19/9/1429 هجري فبين حفظه الله في خطبته فضل شهر رمضان وليلة القدر، وأن رمضان شهر القرآن والعبادة وبه يتقرب العبد إلى الله، و يستغل الفرصة التي لا تعوض، ويجتهد فيه بعمل الخير.
تأريخ الإضافة: 2008-09-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/177824
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت
978 KB
فتح: رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت.doc
2.
رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت
118.7 KB
فتح: رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت.pdf
نبذة موسعة

 

 

رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت

 

 

2008-يىلى 09- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"رامىزان ئېيى ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت، مۇسۇلمان بۇ ئاينىڭ كېلىشىدىن چەكسىز  خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. ئى مۇسۇلمانلار سەجدىنى كۆپ قىلىڭلار، يىتىم-مىسكىنلەرنى ياخشى كۆرۈڭلار، تۇغقانلىرىڭلارنى يوقلاپ تۇرۇڭلار، سەدىقىنى كۆپ قىلىڭلار، ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىڭلار!

رامىزان ئېيى تىرىشچانلارنىڭ كۆڭۈل ئارامى، باغچىسى، ئابىدلارنىڭ كۆز قارچۇغىسىدۇر. بۇ ئايدا ئىبادەت ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىقلار قىلىنىدۇ. رامىزان ئېينىڭ پەزىلىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مۇسابىقىگە چۈشىدۇ . رامىزان روزىسىنى تۇتۇش گۇناھلارغا كەپپارەتتۇر. رامىزان ئېيىدا جەھەننەمنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىدۇ. جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ بارلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئايدا قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بولغان ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر. قەدىر كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ كېچىدە قىلغان ئىبادەت مىڭ ئاي قىلغان ئىبادەتتىن ياخشىدۇر. رامىزان ئېيى شۇنداق خۇشاللىق ئايكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى بۇ ئاي كېلىشى بىلەن تەڭ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. بىر بىرلىرىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئايدا جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلىش نېمىدېگەن خۇشاللىنارلىق!. بۇ ئاي ئوتتىن ئازات بولۇش، جەننەتكە نائىل بولۇش، مەغپىرەت ئېيىدۇر. رامىزان ئېيىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن مۇسۇلمانلار غەمكىن بولىدۇ. ھەرقانداق بەندە ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىمىغۇچە تەن سالامەتلىكىنىڭ لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرىگە داۋام قىلالمايدۇ. بەندە خاتالىق كېسىلىنى تەۋبە ئارقىلىق داۋالىشى كېرەك. غەپلەت كېسىلىنى ئاللاھ تەرەپكە قايتىش بىلەن داۋالىشى كېرەك. قەبرىنىڭ تەنھالىقىنى ياخشى ئەمەلدىن باشقا ھىچ نەرسە يوقىتالمايدۇ. ئوتنىڭ ئازابىنى ئىمان نۇرىدىن باشقا نەرسە كەتكۇزەلمەييدۇ. قىيامەتتىكى كۆۋرۈكتە، ھاياتتا قەدەملەر ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرماستىن ئورناشمايدۇ. توغرا يول ئەھلىنىڭ يولىدا ماڭغان كىشى جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. نەسىھەتچىلەرنىڭ توغرا نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلار پۇشايمان قىلىدۇ. ھەقىقىي كارامەت تەقۋالىق كارامىتىدۇر. ھەقىقىي شەرەپ ئىتائەت شەرىپىدۇر .

ئاللاھ بەزى كۈن ۋە ئايلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. قەدىر كېچىسىنى مىڭ ئايدىن ئۈستۈن قىلدى. ھەربىر مەۋسۈمدە ئاللاھنىڭ بىر پەزلى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەۋسۈملەردىن پايدىلانغانلار ھەقىقىي بەخىتلىك كىشىلەردۇر. بۇ بەرىكەتلىك كۈنلەردە ئاللاھنىڭ بەرىكەتلىرىنىڭ ھىدىنى پۇرىغان كىشىمۇ ئىنتايىن بەخىتلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەرىكىتىگە نائىل قىلغان كىشىنى دۇنيا -ئاخىرەتتە بەختسىز قىلمايدۇ. رامزاندىن قېپقالغان ساناقلىق ئاز كۈنلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، ئاللاھتىن قورقۇش، ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، كۆزلەرنى يىغا زارى بىلەن ئۆتكۈزۈش، قۇلاقلارنى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتكۈزۈش تولىمۇ ياخشىدۇر. پۇرسەت كېتىشتىن بۇرۇن ئالى ھىممەت بىلەت ئاللاھنىڭ قىممەت باھالىق جەننىتىنى تىلەش كېرەك.

ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشتۇر. ئاللاھ ھارام قىلىپ چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشتۇر. ئاللاھقا نىيەتنى توغرىلاش، نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئاللاھقا يېقىنلىشىش، مەكرۇھلاردىن يىراق بولۇش ئارقىلىق ھاراملاردىن ساقلىنىش ھەقىقىي تەقۋالىقتۇر. ئاللاھ كىمنى ياخشى كۆرسە  تائىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى زىكىر، ئىستىغفارنى كۆپ قىلىشتۇر . بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئايدا كېچىلەرنى ئۇخلىماي ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسىدۇر. رامىزان ئېيى ئۇلۇغ ئاي بولۇپ ياخشى كىشىلەر بۇ ئاينى ھەرگىز بوش ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن تائەت- ئىبادەت قىلىدۇ. رامىزان ئېيىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي بەخىتلىك كىشىدۇر. ئىنساننىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايغا يېتىشكىنىنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھنىڭ بۈيۈك نېمىتىدۇر. بۇ ئايدا ياخشى ئەمەللەر، ئىبادەتلەر ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشۈشتىن ياخشى رىقابەت يوقتۇر. ھەربىر مۇسۇلمان بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن قەدىر كېچىسىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئۇلۇغ پۇرسەتتىن مەھرۇم قېلىش ھەقىقىي مەھرۇملۇقتۇر. ئاللاھ بىزلەرنى قەدىر كېچىسىگە يەتكۈزسۇن، گۇناهلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلسۇن، ئۇلۇغ رامزاننىڭ شاراپىتىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن!.

 

Go to the Top