رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 19/9/1429 ھىجرى 2008-يىلى-09-ئاينىڭ-19 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامزاننىڭ ۋە قەدىر كېچىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيى قۇرئان تىلاۋەت ۋە ھەر تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان بۇ تېپىلماس پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-23
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/177823
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت
978 KB
: رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت.doc
2.
رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت
118.7 KB
: رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت

 

 

2008-يىلى 09- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"رامىزان ئېيى ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت، مۇسۇلمان بۇ ئاينىڭ كېلىشىدىن چەكسىز  خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. ئى مۇسۇلمانلار سەجدىنى كۆپ قىلىڭلار، يىتىم-مىسكىنلەرنى ياخشى كۆرۈڭلار، تۇغقانلىرىڭلارنى يوقلاپ تۇرۇڭلار، سەدىقىنى كۆپ قىلىڭلار، ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىڭلار!

رامىزان ئېيى تىرىشچانلارنىڭ كۆڭۈل ئارامى، باغچىسى، ئابىدلارنىڭ كۆز قارچۇغىسىدۇر. بۇ ئايدا ئىبادەت ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىقلار قىلىنىدۇ. رامىزان ئېينىڭ پەزىلىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مۇسابىقىگە چۈشىدۇ . رامىزان روزىسىنى تۇتۇش گۇناھلارغا كەپپارەتتۇر. رامىزان ئېيىدا جەھەننەمنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىدۇ. جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ بارلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئايدا قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بولغان ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر. قەدىر كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ كېچىدە قىلغان ئىبادەت مىڭ ئاي قىلغان ئىبادەتتىن ياخشىدۇر. رامىزان ئېيى شۇنداق خۇشاللىق ئايكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى بۇ ئاي كېلىشى بىلەن تەڭ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. بىر بىرلىرىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئايدا جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلىش نېمىدېگەن خۇشاللىنارلىق!. بۇ ئاي ئوتتىن ئازات بولۇش، جەننەتكە نائىل بولۇش، مەغپىرەت ئېيىدۇر. رامىزان ئېيىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن مۇسۇلمانلار غەمكىن بولىدۇ. ھەرقانداق بەندە ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىمىغۇچە تەن سالامەتلىكىنىڭ لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرىگە داۋام قىلالمايدۇ. بەندە خاتالىق كېسىلىنى تەۋبە ئارقىلىق داۋالىشى كېرەك. غەپلەت كېسىلىنى ئاللاھ تەرەپكە قايتىش بىلەن داۋالىشى كېرەك. قەبرىنىڭ تەنھالىقىنى ياخشى ئەمەلدىن باشقا ھىچ نەرسە يوقىتالمايدۇ. ئوتنىڭ ئازابىنى ئىمان نۇرىدىن باشقا نەرسە كەتكۇزەلمەييدۇ. قىيامەتتىكى كۆۋرۈكتە، ھاياتتا قەدەملەر ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرماستىن ئورناشمايدۇ. توغرا يول ئەھلىنىڭ يولىدا ماڭغان كىشى جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. نەسىھەتچىلەرنىڭ توغرا نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلار پۇشايمان قىلىدۇ. ھەقىقىي كارامەت تەقۋالىق كارامىتىدۇر. ھەقىقىي شەرەپ ئىتائەت شەرىپىدۇر .

ئاللاھ بەزى كۈن ۋە ئايلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. قەدىر كېچىسىنى مىڭ ئايدىن ئۈستۈن قىلدى. ھەربىر مەۋسۈمدە ئاللاھنىڭ بىر پەزلى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەۋسۈملەردىن پايدىلانغانلار ھەقىقىي بەخىتلىك كىشىلەردۇر. بۇ بەرىكەتلىك كۈنلەردە ئاللاھنىڭ بەرىكەتلىرىنىڭ ھىدىنى پۇرىغان كىشىمۇ ئىنتايىن بەخىتلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەرىكىتىگە نائىل قىلغان كىشىنى دۇنيا -ئاخىرەتتە بەختسىز قىلمايدۇ. رامزاندىن قېپقالغان ساناقلىق ئاز كۈنلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، ئاللاھتىن قورقۇش، ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، كۆزلەرنى يىغا زارى بىلەن ئۆتكۈزۈش، قۇلاقلارنى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتكۈزۈش تولىمۇ ياخشىدۇر. پۇرسەت كېتىشتىن بۇرۇن ئالى ھىممەت بىلەت ئاللاھنىڭ قىممەت باھالىق جەننىتىنى تىلەش كېرەك.

ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشتۇر. ئاللاھ ھارام قىلىپ چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشتۇر. ئاللاھقا نىيەتنى توغرىلاش، نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئاللاھقا يېقىنلىشىش، مەكرۇھلاردىن يىراق بولۇش ئارقىلىق ھاراملاردىن ساقلىنىش ھەقىقىي تەقۋالىقتۇر. ئاللاھ كىمنى ياخشى كۆرسە  تائىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى زىكىر، ئىستىغفارنى كۆپ قىلىشتۇر . بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئايدا كېچىلەرنى ئۇخلىماي ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسىدۇر. رامىزان ئېيى ئۇلۇغ ئاي بولۇپ ياخشى كىشىلەر بۇ ئاينى ھەرگىز بوش ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن تائەت- ئىبادەت قىلىدۇ. رامىزان ئېيىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي بەخىتلىك كىشىدۇر. ئىنساننىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايغا يېتىشكىنىنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھنىڭ بۈيۈك نېمىتىدۇر. بۇ ئايدا ياخشى ئەمەللەر، ئىبادەتلەر ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشۈشتىن ياخشى رىقابەت يوقتۇر. ھەربىر مۇسۇلمان بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن قەدىر كېچىسىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئۇلۇغ پۇرسەتتىن مەھرۇم قېلىش ھەقىقىي مەھرۇملۇقتۇر. ئاللاھ بىزلەرنى قەدىر كېچىسىگە يەتكۈزسۇن، گۇناهلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلسۇن، ئۇلۇغ رامزاننىڭ شاراپىتىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن!.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 12 )
Go to the Top