قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتور ماقالىسىدا مۇسۇلمان قىز-خانىملارنىڭ ئائىلىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىدىكى ئەھمىيىتى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ روزا، تەھەججۈد نامازلىرىنى خاتىرجەم ئادا قىلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەمدە بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا بوي سۇنۇش، ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۇش، كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ھېسداشلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا قانداق قىلغاندا ئائىلىسىدە چاقنىغان يۇلتۇز بولۇپ ئاللاھ رازىلىقىنى قازىنىشتا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/177575
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى
980 KB
: قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى
68.9 KB
: قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى

 

ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى پۈتۈن ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك بولغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن ئەلۋەتتە كۆپ ساۋاب يېزىلىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت.  رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئاياللار ئۈچۈن بىر مول ھوسۇل ۋاقتى بولۇپ، ئاياللار  ئەگەر بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلىپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئادا قىلسا ئەرلەردىن  ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب قازىنىدۇ. بۇ مۇنداق:

ئايال كىشىمۇ خۇددى ئەر كىشىگە ئوخشاشلا ئىسلام پەرزلىرىنى ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مۇندىن باشقا جامائەتنى ئىپتارغا چاقىرىش ئىشلىرىدا پەقەت ئايال كىشى كۈندۈزدە روزا تۇتۇقلۇق تۇرۇپ  يالغۇز جاپالىق ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ساۋاب تاپىدۇ. ئايال كىشى ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنى غىزالاندۇرۇش ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلاش ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى تەرەپتىنمۇ يەنە ساۋاب تاپىدۇ.

رامىزان ئېيى يىلدا بىر قېتىملا كەلگىنى ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر  بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئاينىڭ خەيراتلىرىدىن تولۇق مەنپەئەت ئالالىسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەس ھوشىنى تېپىپ بولغىچە بۇ ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەنلەر بۇ ئاينىڭ شاراپىتىدىن ھەۋز كەۋسەرلەرنى ئىچەلىگەندەك بولىدۇ، يەنە بىر رامىزان كەلسە ۋاقىتنى چىڭ تۇتسام ۋە بۇ ئايدىن تولۇق پايدىلانسام دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆمرى ئىككىنچى رامزانغا يەتمەيدۇ. چۈنكى خۇددى قەدىمكىلەر ئېيتقاندەك « ئۆمۈر ئاتقان ئوق»تۇر. ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ۋاقىتتىن پايدىلىنىش كېرەك. رامزاندەك بىر يىلدا ئاران بىرلا قېتىم كېلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. ئەقىللىق ئاياللار قىلىدىغان ئىشلىرىنى پروگراممىلاشتۇرۇپ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەستىن تولۇق پايدىلىنىدۇ.

تۆۋەندە ئايال مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رامىزان ئېيىدا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن 20 ئىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1- رامىزان ئېيىدا قىلىدىغان پۈتۈن ئىبادەتلەر ۋە ئۆي ئىشلىرىنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن قىلىش.

2- بەش ۋاخ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىش.

3- سۈننەت ۋە نەپلە ئەمەللىرىنى كۆپ قىلىش.

4- سەدىقىنى كۆپ بېرىش، ئاجىز - ئۇرۇقلارغا ياردەم قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش.

5- قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش. ئىمكان قەدەر رامىزان ئېيىدا  قۇرئان كەرىمنى تامام قىلىش.

6- ئىمكان قەدەر ئاخشاملىرى تاراۋىھ نامىزىغا چىقىپ، ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا ئايرىم سەپ تۈزۈپ بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتكە ئىشتىراك قىلىش.

7- ۋەز - نەسىھەتلەرنى كۆپ ئاڭلاش.

8- جامائەتنى، خوشنىلارنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ئىپتارلاتتۇرۇش .

9- ئاتا - ئانىسىنى، قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنى ئالاھىدە ئىپتار قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇش، خىزمەتلىرىنى قىلىش ۋە دۇئالىرىنى ئېلىش.

10-ئېرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، ئۇلارنى ئىپتار ۋە سۇھۇرلاردا ياخشى غىزالاندۇرۇش.

11-غەيۋەت، شىكايەت، گەپ توشۇش، يالغان سۆزلەش، باشقىلارنى رەنجىتىش قاتارلىق ئىشلاردىن ۋە پۈتۈن ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق تۇرۇش.

12-ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئايدا تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ كۆپ ساۋاب تېپىشقا تىرىشىش.

13-تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ۋە پايدىسىز سۆھبەتلەر بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق. كۆپ ئۇخلاپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەسلىك.

14-ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاققا توغرا كەلمەيدىغان ئادەتلىرى بولسا بۇ ئايدا شۇلارنى تۈزىتىش ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش. چۈنكى بۇ ئاي تەربىيە ئېلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئېيىدۇر.

15-بوش ۋاقىتلىرىنى قۇرئان ئوقۇش ۋە دىنى كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش بىلەن تولدۇرۇش. چۈنكى رامىزان ئېيى  قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈشكە باشلىغان بىر مۇبارەك ئاي. شۇڭا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىدا ئىبادەتلەرنى ئەڭ كۆپ قىلاتتى، سەدىقىنى ئەڭ كۆپ بېرەتتى.

16-رامزاندا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ يېمەسلىك ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. چۈنكى كۆپ يېيىش ئادەمنى ئىبادەتلەردىن ھورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. مۇندىن باشقا كۆپ يېيىشنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاشقا زىيىنى بولىدۇ. شۇڭا رامىزان ئېيىدا ئاز يەپ، ھوشيار تۇرۇش لازىم.

17-رامىزان كېچىلىرىدە دۇئانى كۆپ قىلىش، كېچىنىڭ ئاخىرقى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك.

18-رامىزان ئېيىنى پۈتۈن گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە يامان ئادەتلەرنى تاشلاش پۇرسىتى دەپ تونۇپ، بۇ ئايدا ھاياتلىق ئىشلىرىنى  توغرا رەتكە سېلىشنى ئۆگىنىش.

19-رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسىنى تولۇق ۋە زىيادىسى بىلەن ئادا قىلىش.

20- روزى ھېيت كۈنىدە ئاۋۋال ئاتا - ئانىلارنى، ئاندىن تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىش، كەمبەغەللەرگە خەير - ئېھسان قىلىپ ئۇلارنى خوش قىلىش.

      يۇقىرىقىلارنى تولۇق ئورۇنلىغان ئايال كىشى ئەرلەردىن چوقۇم ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئىسلام تارىخىدىكى ئۈلگىلىك ئاياللار شۇنداق قىلاتتى. رامىزان ئېيىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلاتتى. بىزمۇ ئەشۇ ئۈلگىلىك مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۆزلىرىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، رامىزان ئېيىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە مەنىۋى مول ھوسۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىشىمىز لازىم.

جانابى ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە ھىدايەت تىلەيمەن ۋە بۇ  ئۇلۇغ ئايدا كۆپلىگەن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق توپلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن.

ئاللاھ تائالادىن پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتىنى بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىنى تىلەيمەن.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 28 )
Go to the Top