رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە  ئاگاھلاندۇرۇش كېرەكمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە  ئاگاھلاندۇرۇش كېرەكمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بەزى كىشىلەر، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ياكى ئېچىۋاتقان مۇسۇلمان كىشىلەرنى كۆرگەندە  ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ ئۇ كىشىگە ئاللاھ يېمەك - ئىچمەك ئاتا قىلدى دەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى توغرىمۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/176019
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ...
974 KB
: رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ....doc
2.
رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ...
128.7 KB
: رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ....pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە  ئاگاھلاندۇرۇش كېرەكمۇ؟


 

 

23424-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بەزى كىشىلەر، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ياكى ئېچىۋاتقان مۇسۇلمان كىشىلەرنى كۆرگەندە  ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ ئۇ كىشىگە ئاللاھ يېمەك - ئىچمەك ئاتا قىلدى دەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى توغرىمۇ؟ .

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

كىمىكى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەپ- ئېچىۋاتقان ياكى ئىپتار قىلىشقا سەۋەپ بولىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىۋاتقان مۇسۇلمان كىشىنى كۆرگەندە  دەرھال ئۇ كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قىلىۋاتقان ئېشىدىن چەكلەش كېرەك، رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئاشكارا ھالەتتە بۇنداق ھەرىكەتلەردە بولۇش چەكلىنىدۇ، گەرچە ئۇنداق قىلغان كىشى ئۇنتۇلۇپ قىلىش بىلەن ئۆزرۈلۈك بولسىمۇ، لېكىن باشقا كىشىلەرنىڭمۇ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ئاللاھ چەكلىگەن ھارام ئىشلارنى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېگەن سۆزىدە سەمىمى بولسا ئۇ كىشىگە بۇ كۈننىڭ روزىسىنى باشقا تۇتۇش لازىم كەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ قويغان ياكى ئىچىپ قويغان بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر».بىرلىككە كەلگەن ھەدىس .

شۇنىڭدەك مۇساپىرلارنىڭ )يەنى سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەر( ئېغىز ئېچىشىغا دىنىمىزدا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن سەپەر جەريانىدا ياكى بىرەر جايغا چۈشكەندە كىشىلەر ئارىسىدا ئوچۇق- ئاشكارا بىر نەرسىلەرنى يەپ - ئېچىشى ۋە روزىدارلارنىڭ قىلىشى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشى توغرا ئەمەس.

مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەت(كافىرلار) نىڭمۇ ئوچۇق- ئاشكارا بىر نەرسىلەرنى يەپ - ئېچىشى توغرا ئەمەس ھەم چەكلىنىدۇ، چۈنكى كاپىرلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى تۈپەيلى ئىنسانىي ئەخلاق بىلەن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئېتىقادچىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىنى ئىشلارغا سەل قارىماسلىق ئۈچۈن بولۇپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان غەيرى دىندىكىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلام دىندا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشى ۋە باتىل دىنى پائالىيەت ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە زىت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى 4-توم 254-بەت.

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 19 )
Go to the Top