بلوغ رمضان نعمة عظيمة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: بلوغ رمضان نعمة عظيمة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ عبد الباري الثبيتي 28/8/1429 هجري، بين فضيلته فضل شهر رمضان، وأنه مدرسة إيمانية تعيد للقلوب صفائها، وللنفوس إشراقتها، وللضمائر نقاءها، و أعظم مطْلب في هذا الشهر إصلاح القلوب والحصول على تقوى الله - سبحانه -.
تأريخ الإضافة: 2008-09-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/174857
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بۈيۈك نېمەتتۇر
402 KB
فتح: رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بۈيۈك نېمەتتۇر.doc
2.
رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بۈيۈك نېمەتتۇر
148.2 KB
فتح: رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بۈيۈك نېمەتتۇر.pdf
نبذة موسعة

 

 

رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بۈيۈك نېمەتتۇر

 

 

2008-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار رامىزان ئېيىنى ھەممە ئايلارنىڭ سەردارى قىلىپ بۇ  ئايدا ساۋاپ ۋە ياخشىلىقلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى ماختايمەن ۋە شۈكرى ئېيتىمەن. ھەقىقەتەن ئاللاھ  ناھايىتى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە شۈكرى ئېيتىلغۇچىدۇر. خۇرسەنلىك بىلەن  مۇقىم تۇرىدىغان جەننەتنى ئارزۇ قىلىپ ئاللاھنى يەككە - يىگانە، ھىچ شېرىكى يوق دەپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزگۈچى ۋە ياخشى ئورۇنلىغۇچى بولغان بىزنىڭ رەھبىرىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن  دائىم رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلاردا ئاللاھنىڭ  كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:« ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى».

ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنگەن، يىتىپ كېلىشىنى ئىشتىياق بىلەن كۈتكەن رامىزان ئېيى نۇر چىچىۋاتىدۇ، ھەر يىلدا بىر ئاي ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان مەدرىسە خاراكتىرلىق بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى رەتلەيدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى روزا تۇتقۇچىلار بۇ ئاينى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.

رامىزان ئېيى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ساپلىققا قايتۇرىدىغان، نەپسىنى نۇرلاندۇرىدىغان، كۆڭلىنى پاكلايدىغان بىر مەكتەپ بولۇپ كىشىلەر قەلبىگە ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ياخشىلىق ئۇرىغىنى چاچىدۇ.

بىز ھەرخىل يوللار بىلەن پايدا - مەنپەئەت تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، يۆلىنىشىمىزنى مەڭگۈلۈك ياخشى ئەمەللەر تەرەپكە بۇرىشىمىز كېرەك، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر، ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر».

بىز ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيى بىلەن خوشلاشقان بولۇپ، گوياكى رامزاننىڭ كالېندار ۋاراقلىرى بىرقانچە كۈن ئىلگىرى قاتلانغاندەك تۇيۇلىدۇ، بىر يىلدىن كىيىن بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار يەنە رامىزاننى قارشى ئېلىۋاتىدۇ، بىر يىل ئۆتتى، بۇ يىلنىڭ لەززىتى كېتىپ چارچاشلىرى قالدى، شات - خۇراملىق ئۇنتۇلۇپ، ياخشى -يامانلىقلىرى قالدى.

شۇنداق! دۇنيا ئۆزىنىڭ شادلىقى ۋە ئازاب - ئوقۇبىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى ئاز ياكى كۆپ ياشاش بىلەن تۈگەيدۇ، ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئىمتىھان- سىناق مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ. « سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا ئەسلىگە قايتىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى، يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى»، ئۇنىڭدىن كىيىن دۇنيا بىر ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ.

مۇشۇ كۈنلەردە بىر قىسىم كىشىلەر نۇرغۇن ئۈمىدلەر بىلەن رامىزاننى كۈتۈۋاتىدۇ، لېكىن رامىزان كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلىنىڭ ئۇشتۇمتۇت يىتىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ھېچ قانداق ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى يەنى ئۇنىڭغا نېمە بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىشلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر».

رامىزان ئېيىنىڭ يىتىپ كېلىشى، بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا مۇيەسسەر قىلىنغان كىشىنىڭ، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمىتى ۋە چوڭ شەپقىتىگە نائىل بولغانلىقىدۇر. ئى ئاللاھ! بىزنى رامزاندا سالامەت قىلسىلا. بىزنىڭ روزىمىزنى تولۇق قوبۇل قىلسىلا.

دىنى قېرىنداشلار!  سىلەرنى  كۆپ ۋاقىتتىن كىيىن قايتا كەلگەن، ئايرىلغاندىن كىيىن داۋاملاشقان، مۇبارەك ئاينىڭ يىتىپ كەلگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە  خوش - خەۋەر بەرگەندەك، سىلەرگە خوش - خەۋەر بىرىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« سىلەرگە رامزاندىن ئىبارەت  مۇبارەك ئاي يىتىپ كەلدى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، بۇ ئايدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلارغا كىشەن - تاقاق سېلىنىدۇ».

ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! رامىزان ئېيى، روزا ئۈچۈن ئىددىيە تەييارلىق قىلىش، نەپسنى پاكلاش، مال-دۇنيالارنىڭ زاكىتىنى چىقىرىش، رامىزان كۈنلىرىنى باشقا كۈلەردىن پەرقلىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلارغا پىلان تۇزۇش بىلەن كۇتۇۋىلىنىدۇ.

بۇ ئايدا تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش قەلبنى ئىسلاھ قىلىش بولۇپ، دائىم گۇناھ - مەسىيەت بىلەن بولغان قەلب بۇ چوڭ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.

رامىزان قۇرئان - كەرىم كۆپ ئوقۇلىدىغان ئاي، قەلب بولسا، ئىمان ئورۇنلىشىدىغان ۋە قۇرئان ساقلىنىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئەگەر بۇ ئورۇن گۇناھ - مەسىيەت بىلەن  بۇلغانسا، بۇ جايغا قۇرئان - كەرىم قانداق تەسىر قىلىدۇ؟!.

مانا بۇ بىزنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ  نامازدىكى ئەھۋالىنىڭ كۆرۈنىشى بولۇپ، ئۇلارغا ناھايىتى تېزلىكتە تىت - تىتلىق ھاسىل بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى قۇلاقلىرىغا ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ. ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ئەگەر قەلبىڭلار پاك بولسا ئىدى! سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سۆزىگە قانمايتتىڭلار".

مۇسۇلمان قېرىندىشىم! رامىزاندا سەمىمىيلىك بىلەن تەۋبە قىلىپ، قەلبىڭزنى ئىسلاھ قىلىشقا، رەھمەت ۋە ياخشىلىقلارنى جەلب قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەقىقەتەن رامىزان ئېيى بولسا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدىغان، خاتالىقلار ئەپۇ قىلىنىدىغان ئاي بولۇپ، بۇنى توسۇپ قويىدىغان ئىش ئۆز  -ئارا ئاداۋەتلىشىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت، رامىزاننى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن  نەپسىمىزنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان، كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، مۇستەھكەملىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئوچ - ئاداۋەتلەردىن  پاكىزە قىلىپ تەييارلىشىمىز ۋە رامىزان ھاياتىمىزنى شۇنداق مەنىلىك ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.

ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقۇچى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگۈچى، قېرىنداشلىرىغا ئاداۋەت تۇتقۇچى ۋە جەمئىيەتتە چېقىمچىلىق - گەپ توشۇش بىلەن جان باققۇچى كىشىلەرگە نىسبەتەن رامىزان ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ رامىزان ئېيىدىن مەنپەئەت ئېلىشىدىن ئۈمىت كۇتۇلمەيدۇ!.

رامىزان بولسا مۆمىنلەر بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدىغان ۋە پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاي. رامىزان ئېيىنىڭ خىسلەتلىرىدىن: بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، ئىرقى ۋە ھېسسى چەكلىمىلەرنى قايرىپ قويۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ  چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ. ئۇلارنىڭ پىقىرچىلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇلارنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرى بىلەن بىئارام بولىدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز - ئارا ياردەمنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە يېقىن ھەمراھلىرىدىن، ۋەتىنىدىن، مىللى ۋە دىنى قېرىنداشلىرىدىن باشلايدۇ.

رامىزان ياخشىلىق ۋە خەيرى - ئېھسان بىلەن داۋاملىق ئوچۇق بولغان قول ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش بىلەن نۇرلىنىدىغان قەلبلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.

رامىزان دۇئا ئىجابەت بولىدىغان، ئاللاھنىڭ رەھمەت - مەغپىرەت سوۋغىلىرى كۆپ بولىدىغان ئاي بولۇپ، كېلىش مەنبىيى پاك بولمىغان، ھارام ماللار دۇنيادا بالا - مۇسىبەت، ئاخىرەتتە ئازابقا سەۋەب بولىدۇ، بۇ مال ئىگىلىرىنىڭ دۇئاسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ كىشىگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ماللىرىمىزنى ھارامدىن پاكىزلاپ، تىللىرىمىز بىلەن ئاللاھغا دۇئا قىلىپ، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ھېرىسمەن بولۇپ تۇرغاندا، ئاللاھ تائالا « مىنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرىلىق سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن» دەۋاتقان ۋاقىتتا ھەسرەت - نادامەت چىكىش نېمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق ئىش ھە!.

رامىزان ئېيى ئىماننى كۈچلەندۈرىدىغان، ئەخلاقنى ياخشىلايدىغان ۋە ئىرادىنى چىڭىتىدىغان بىر مەكتەپ بولۇپ، كىمىكى بۇ كۇرستىن تولۇق پايدىلىنىدىكەن، ئۇ كىشى كۈندۈزدە سەبىر قىلغۇچىلارنىڭ لەززىتىنى تېتىسا، كەچ  ۋاقتى ۋە كېچىلەردە ئاللاھغا مۇناجات قىلىشنىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۈچۈن رامزاندا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلىدۇ، ئوتلۇق دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، ئۇلارغا قەدرى كېچىسىدە پەرىشتىلەر ئۇچرىشىپ تىنىچ - سالامەتلىك بىلەن خوش - خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنغان ۋە گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان ھالەتتە رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ نېمە دىگەن بۈيۈك بەخت ھە!

ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت  قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:« رامىزان بىلەن قۇرئان قىيامەت كۈنىدە ئىنسان ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، رامىزان: ئى رەببىم! مەن ئۇ كىشىنى كۈندۈزدە يېمەك - ئىچمەك ۋە شەھۋەتلىرىدىن چەكلىدىم، مىنىڭ شاپائىتىمنى قوبۇل قىلسىلا دەيدۇ. قۇرئان: مەن ئۇ كىشىنى كىچىدە ئۇيقىدىن چەكلىدىم، مىنىڭ شاپائىتىمنى قوبۇل قىلسىلا دەيدۇ. بۇلارنىڭ شاپائەتلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ».

سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقۇچىلار كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟ دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە جەننەتكەكېرىدۇ. ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشىك تاقىلىپ باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ».

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ئۆزۈم ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار مەلۇم ۋاقىت ۋە كۈنلەرنى ياخشىلىق ئۈچۈن تاللىغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ رامىزان روزىسىنى تۇتقان كىشىنىڭ  ئىلگىرى ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى ۋەدە قىلغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە - يىگانە دەپ، ئىنسانلارغا يول باشچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن رەھبىرىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە، ھەرۋاقىت   ئاللاھدىن چەكسىز رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

ئىلگىركى ئەجدادلىرىمىز رامزاننىڭ مېۋىسىنى ئۈزدى، ئۇلار كۈندۈزنى ئىشەنچ، جۇشقۇن ئەمەللەرنى قىلىش، كېچىنى تەھەججۈد ۋە قۇرئان ئوقۇش، رامىزان ئېيىنى  تەلىم - تەربىيە، ئىبادەت ۋە خەيرى - ئېھسان قىلىش بىلەن تاماملىدى. ئۇلار رامزاندا تىللىرىنى ناچار گەپ - سۆز ۋە جاھىللىقتىن، كۆزلىرىنى ھارام ياكى قەبىھ نەرسىلەرگە قاراشتىن، قەلبلىرىنى  خاتالىق ياكى گۇناھ - مەسىيەتنى مەقسەت قىلىشتىن، قوللىرىنى يامانلىق ياكى كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن ساقلىدى. (بۇنىڭ ئۆزى رامىزان ئېيى روزا ئىبادىتىنىڭ، بىز مۇسۇلمانلاردىن كۇتكەن تەقەززاسى ئىدى، چۈنكى يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلىنىش ئارقىلىق تەقۋالىقنىڭ ھاسىل بولىشى ئىنتايىن ئېنىق. -م-)

ئەبى ئۇمامە ئەل باھىلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مىنى ئاللاھ تەرەپتىن مەنپەئەتلىك بولغان بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا؟دېسەم، ماڭا:« سەن كۆپ روزا تۇتقىن، بۇ ئىشنىڭ ئەجىردە ئوخشىشى يوق» دېدى.

سۆزنىڭ ئاساسلىق خۇلاسىسى،  پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ: « كىمكى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». « كىمكى رامزاننىڭ كېچىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ تەراۋىھ ئوقۇسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». « كىمكى قەدىر كېچىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇرسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرى بولۇپ، بۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرەپتىن روزا تۇتقۇچىغا بولغان ئىززەت ۋە نېمىدېگەن كاتتا مۇكاپات ھە!!!.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ھىدايەتكە چاقىرغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى: « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن، سىنىڭ سىخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن. دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى  تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە بىھاجەتلىكنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ دىنىمىزنى ياخشى قىلغىن، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئېسىلىدىغان تۇتقىمىزدۇر، دۇنيالىقىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىن ئۇ بىزنىڭ ھاياتلىقتىكى ياشاش ئاساسىمىزدۇر، ئاخىرتىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىن ئۇ بىزنىڭ قايتىدىغان جايىمىزدۇر. بارلىق ياخشىلىققا نىسبەتەن بىزگە ھاياتلىقىمىزنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقلارغا نىسبەتەن ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن.

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ياردەم بەرگىن، زىيىنىمىزغا ياردەم بەرمىگىن، بىزگە غەلبە نۇسرەت ئاتا قىلغىن، دۈشمەنلەرگە غەلبە ئاتا قىلمىغىن، بىزنىڭ پايدىمىزغا چارە تەدبىر قىلغىن، زىيىنىمىزغا چارە تەدبىر قىلمىغىن، بىزنى ھىدايەت قىلغىن، بىزگە ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن. بىزگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئۈستىدىن بىزگە غەلبە نۇسرەت ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى ساڭا زىكىر ئېيتقۇچى، شۈكۈر ئېيتقۇچى، سەن بىلەن پاناھلانغۇچى، ساڭا تايانغۇچى ۋە سەن تەرەپكە قايتقۇچى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن، دەلىل ئىسپاتلىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، تىلىمىزنى توغرا قىلغىن، دىلىمىزنىڭ كىرلىرىنى پاكلىغىن. ئى ئاللاھ! بىزنى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتقان، تەراۋىھ ئوقۇغان،  قەدىر كېچىسىنى كۈتكەن كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلغىن. پەرۋەردىگارىمىز!بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان  تارتقۇچىلاردىن بولىمىز.

ئى ئاللاھ!بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنى سىنىڭ توغرا يولۇڭغا مۇۋەپپەق قىلغىن، ياردىمىڭ بىلەن كۈچلاندۇرغىن، ئۇلارنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان قىلغىن.

ئى ئاللاھ!بىزگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. ئاتا-ئانىلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.  


 

 

Go to the Top