كيف نستعد لقدوم شهر رمضان؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: كيف نستعد لقدوم شهر رمضان؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: كيف نستعد لرمضان ؟ وما هي أفضل الأعمال لهذا الشهر الكريم ؟
تأريخ الإضافة: 2008-08-25
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/174086
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم؟
1 MB
فتح: ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم؟.doc
2.
ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم؟
143.9 KB
فتح: ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم؟.pdf
نبذة موسعة

 

ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم

 

92748-نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال: رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟ بۇ ئېسىل ئايدا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەر قايسىلار؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ ئۈچۈندۇر.

بىرىنچى: مۇھتەرەم قېرىندىشىم! سىز رامىزان ئېيىغا قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدىكى بۇ سوئالنى سوراپ ياخشى قىلدىڭىز، رامىزان روزىسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى شەرئى ئىبادەت ئەمەستەك، بەلكى ئۆرپ-ئادەتكە تۇتقان پوزتسىيەدە بولىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيى كېلىشتىن خىلى بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بەزەن يېمەكلىكنىڭ تېپىلماسلىقى ياكى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يىمەكلىك سېتىۋالدى،  ھەقىقەتتە ئۇلار رامىزان ئېيىدا تۇتىدىغان روزىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى ئىبادەت بىلەن تەقۋالىقتىن خالى قالدى، رامىزان ئېيىنى قورساقلىرىنى تويغۇزىدىغان ۋە كۆزلىرىنى ئارام ئالدۇرىدىغان ئاي قىلىۋالدى. قىسقىسى رامىزاننى قانداق باياشات، قورسىقى ئىچىپ قالمىغان ھالدا ئوتكۇزۇشنى خىلى بۇرۇنلام پىلانلىدىيۇ، ئەمما رامىزان ئايدىكى ئىبادەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، رامىزان ئېيىنىڭ روھانى تەربىيە خاراكتىرلىق قېممىتىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۆتكۈزۈش، ئائىلىدە قانداق تەربىيە خىزمىتى ئىلىپ بېرىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە سەل قارىلىپ كىلىندى ۋە كىلىنىۋاتىدۇ.

 ئىككىنچى:  يەنە بىرقىسىم كىشىلەر رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈپ شەئبان ئېيىدىن باشلاپ دىققەت بىلەن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بەلكى بەزىلەر بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلەرنى قىلىمىز:

1ـ سەمىمىيەت بىلەن تەۋبە قىلىش.

ھەرۋاقىت تەۋبە قىلىش پەرز، لېكىن بەركەتلىك كاتتا ئايغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئۆزى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇلارنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش ئەڭ لايىق بولغان ئىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى ئۇكىشىنىڭ قەلبى تىنىچ، دىلى سالامەت تائەت ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتتا  بەركەتلىك رامىزان ئېيى يىتىپ كېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار».(نۇر سۈرىسى 31 - ئايەت).

ئەغەرئىبنى يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« ئى خالايىقلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن مەن كۈندە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن».

2 ـ دۇئا قىلىش.

بەزەن سەلەپلەرنىڭ رامىزان ئېيى كېلىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن ئاللاھغا دۇئا قىلىپ ئۆزلىرىنى رامىزانغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، رامزاندىن كىيىن يەنە بەش ئاي ئاللاھ دىن ئۆزلىرىنىڭ رامزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

مۇسۇلمان پەرۋەردىگارىدىن رامىزانغا دىنىدا مۇستەھكەم، تەن- سالامەتلىكلىكى ياخشى ھالەتتە يەتكۈزۈشىنى، رامزاندا ئاللاھغا ئىتائەت قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ياردەم بېرىشنى  ۋە ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشى كېرەك.

3 ـ مۇشۇ كاتتا ئاينىڭ يىقىنلاشقانلىغىدىن خۇرسەن بولۇش.

ھەقىقەتەن رامىزان ئېيىنىڭ يىتىپ كېلىشى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى، چۈنكى رامىزان ئېيى جەننەتنىڭ ئېشىكى ئېچىلىدىغان، دوزاخنىڭ ئېشىكى تاقىلىدىغان ياخشىلىق كۆپ بولىدىغان پەسىلنىڭ بىرى، بۇ ئاي قۇرئان چۈشكەن ۋە كۆپ تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋە بىزنىڭ دىنىمىزدا تۇنجى قېتىم ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىنغان ئايدىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئېيتقىنكى،« ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان(دۇنيا - ماللىرىدىن)ياخشىدۇر ». يۇنىس سۈرىسى 58-ئايەت

4 ـ پەرز قىلىنغان روزىنى تۇتۇش بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش.

ئەبى سەلەمە مۇنداق دېدى: مەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مەن ئۆزۈمنىڭ رامزاندىن تۇتالماي قالغان روزىلىرىمنى  پەقەت شەئبان ئېيىدا تۇتاتتىم».(بۇخارى1849، مۇسلىم1146).

ھاپىز ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېدى:  بۇنىڭ ئائىشە ئانىمىزنىڭ شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا رامزاندا تۇتالماي قالغان روزىلارنى يەنە بىر رامىزانغىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. (پەتھۇل بارىي4191).

5 ـ رامزاننىڭ پەزىلىتىنى بىلىش ۋە روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېرىشىش لازىم.( دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ ئەمەل قىلىشىمىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.-م-)

6 ـ رامزاندا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىبادەتلىرىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ئامىللارنى تېزلىكتە ھەل قىلىش كېرەك.

7 ـ ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئايالى ۋە بالىلىرىغا رامزاننىڭ ئەھكاملىرىدىن خەۋەر بېرىش ۋە كىچىك پەرزەنتلەرنى روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

8 ـ ئۆيدە ئوقۇش مۇمكىن بولىدىغان بەزەن كىتابلارنى تەييار قىلىش ياكى بۇ كىتابلارنى جامائەتكە ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئىمامىغا سوۋغا قىلىش.

9 ـ رامىزان روزىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن شەئبان ئېيىدىمۇ روزا تۇتۇش.  ئائىشە ئانىمىز مۇنداق مۇنداق دېگەن:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  بىرقانچە كۈن روزا تۇتاتتى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  ئىپتار قىلمايدىكەن دەيتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام   بىرقانچە كۈن ئىپتار قىلاتتى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  روزا تۇتماپتۇ دەپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتمايتتى، شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى»(بۇخارى1868، مۇسلىم1156).

ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن يا رەسۇلۇللاھ! سىلىنىڭ باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىمغۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  مۇنداق دېدى:« رەجەب بىلەن رامزاننىڭ ئارىلىقىدىكى بۇ ئايدىن نۇرغۇن كىشىلەر غاپىل قالىدۇ، بۇ ئايدا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ تەرىپىگە كۆتۈرۈلىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزا تۇتقان ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» (نەسائىي2357، ئەلبانىي ھەسەن دېگەن).

ھەدىستە شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى بايان قىلىنىپ بۇ ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدىغان ئاي دېيىلگەن، ھەقىقەتەن بەزەن ئالىملار يەنە بىر ھېكمەتنى بايان قىلغان بولۇپ بۇ روزا پەرز نامازدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازغا ئوخشاش، چۈنكى ئۇ پەرز ئىبادەتنى جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشقا نەپسىنى تەييارلايدۇ، رامزاندىن ئىلگىرى شەئباندا تۇتقان روزىدىمۇ شۇنداق دىيىلىدۇ.

10 ـ قۇرئان ئوقۇش.

سەلەمە ئىبنى كۇھەيىل مۇنداق دېگەن: شەئبان ئېيى قارىيلار ئېيى دېيىلەتتى. ئەمرى ئىبنى قەيىس شەئبان ئېيى كىرگەن ۋاقتىدا دۇكانلىرىنى تاقاپ قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلاتتى.

ئەبۇبەكرى ئەل بەلخى مۇنداق دېگەن: رەجەب ئېيى زىرائەت تىرىش ئېيى، شەئبان ئېيى زىرائەتنى سۇغۇرۇش ئېيى، رامىزان ئېيى زىرائەتتىن ھۆسۈل ئېلىش ئېيى.

يەنە مۇنداق دېدى: رەجەب ئېيى شامالغا ئوخشاش، شەئبان ئېيى بۇلۇتقا ئوخشاش، رامىزان ئېيى يامغۇرغا ئوخشاش، كىمكى رەجەبتە زىرائەت تېرىپ، كۆچەت تىكمىسە، شەئباندا سۇغارمىسا، رامزاندا قايسى زىرائەتنى ئورايدۇ؟ ھازىر رەجەب ئېيى تۈگىدى، سىز رامزاندا ھوسۇل ئېلىشنى ئىستىسىڭىز، ھازىر شەئباندا ھەركەت قىلىڭ، يۇقىرىقىدىكىلەر سىز بىلەن سەلەپلەرنىڭ بۇ بەرىكەتلىك ئايدىكى ئەھۋالى، مۇشۇ ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئالى دەرىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز قانداق؟!.

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top