شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كېچىسى ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن چىقتۇق، لېكىن ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا ئاينى كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىمىزمۇ قانداق؟ چۈنكى بۇ شەكلىك كۈن ئىكەنلىكى ئېنىق؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-21
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/173341
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە
1 MB
: شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە.doc
2.
شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە
139.3 KB
: شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە

 

 

13711- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كېچىسى ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن چىقتۇق، لېكىن ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا ئاينى كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىمىزمۇ قانداق؟ چۈنكى بۇ شەكلىك كۈن ئىكەنلىكى ئېنىق؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ ئۈچۈندۇر.

 شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى ياكى رامىزان ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى كۈنى ئىكەنلىكىدە شەك قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن بۇ كۈن شەك كۈن دەپ ئاتىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ھېيت قىلىڭلار، ئەگەر ئاي بۇلۇتلۇق بولسا ئاينى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار»  بۇخارىيدا رىۋايەت قىلىنغان 1909- نومۇرلۇق ھەدىس.

ئەممار ئىبنى ياسىر(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«كىمكى شەك كۈنى روزا تۇتسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» تىرمىزىيدىن، ئەلبانىي سەھىھ دېگەن. 553- نومۇرلۇق ھەدىس.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ئەممارنىڭ بۇ سۆزى شەك كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ، چۈنكى ساھابىلار بۇنداق سۆزنى ئۆزلىگىدىن دېمەيدۇ بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلاپ دەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى، شەك كۈنى روزا تۇتۇش ھەققىدە مۇنداق دېدى: "ھەدىسلەر شەك كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ" ھەيئەتلەرنىڭ پەتىۋاسى10-توم 117 - بەت.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) شەك كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى ئىختىلاپلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دېدى: شەك كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى سۆزلەر ئەڭ توغرا سۆز، لېكىن ئىمامنىڭ ياكى يول باشچىنىڭ قارىشىدا مۇشۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ پەرىزلىكى ئىسپاتلانسا ۋە كىشىلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىسا، بۇ بۇيرۇق رەت قىلىنمايدۇ. شەرھى مۇمتىئ 6-توم 318 -بەت.

 ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 13 )
Go to the Top