گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 14/8/1429 ھـ / 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ جۈمە خۇتبىسىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن ، بۇ خۇتبىدا ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ياخشىلىققا تائەت - ئىبادەت بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى گۇناھ - مەسىيەتنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى، گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمگەن كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىززەت - شەرەپتىن خارلىققا، نېمەتلىنىشتىن مەھرۇملۇققا، تىنىچ - خاتىرجەملىكتىن خاتىرجەمسىزلىككە، مۇستەھكەم تۇرۇشتىن مەيدانسىزلىققا، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشتىن دوزاخقا، تائەت - ئىبادەت بىلەن خۇرسەن بولۇشتىن غەم - قايغۇ، خاپىلىققا، پاك ھاياتلىقتىن پەسكەشلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/173299
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى
575.5 KB
: گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى.doc
2.
گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ...
190.8 KB
: گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ....pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

گۇناھ - مەسىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى

 

2008-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

 

بىرىنچى خۈتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار دۇنيادا ھىچ نەرسە مەخپى بولمىغان، ئاشكارا- يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار ئاللاھغا مەنسۇپتۇر، پەرۋەردىگارىم ئاللاھنى ماختايمەن، نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىمەن، ئاللاھغا تەۋبە قىلىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ھىچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدىغان، ھەركىشىدىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن ھېساب ئالىدىغان پەرۋەردىگارىم ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن.

 ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇڭلار، تەقۋالىق دېگەن؛ ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئېرىشىش ۋە ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ  ھوزۇرىدىكى ياخشىلىققا تائەت - ئىبادەت بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ، يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى گۇناھ - مەسىيەتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار. بۇ پەزل ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھ (پەزل- ئېھسانغا تېگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يىتەرلىكتۇر ».

دۇنيادىكى يامانلىق بىلەن ئاخىرەتتىكى ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى گۇناھ - مەسىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ».

ئاللاھ ئەززەۋەجەللە مۇنداق دېگەن:« (ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھدىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ ».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ».

ئاللاھ سۇبھانەھۇ تائالا ھەدىس قۇدسىيدە مۇنداق دېگەن:« ئى بەندىلىرىم! مەن ھەقىقەتەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بىرىمەن، كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە، ئاللاھغا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قىلسا، پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن»(مۇسلىمدىن).

ئاللاھ تائالا بىزنى تائەت - ئىبادەت بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چەكسىز ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:« پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان- زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل- مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ ».

ئاللاھ تائالا بىزنى گۇناھ - مەسىيەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:« كىمكى ئاللاھغا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ ».

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە گۇناھ - مەسىيەتنىڭ دۇنيادىكى زېيىنى ۋە ئاخىرەتتىكى جازاسىنى بايان قىلىپ، بىزنى گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق بولۇش، ئاللاھنىڭ دەرھال جازالىمىغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ بۇنىڭغا سەل قارىماسلىققا بۇيرىدى، ھەقىقەتەن گۇناھ - مەسىيەت ئۇنتۇلمايدۇ، بۇنىڭدىن ھېساب ئالغۇچى، دائىم ھايات زات ئاللاھ ، قۇرئان كەرىمدە  بىزگە ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقى ۋەقەلىكلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ بىزنى گۇناھ - مەسىيەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ۋە جازاسىدىن ئاگاھ بولۇش، يۈز بېرىشى ئېنىق بولغان ھەسرەت - نادامەت ۋە زىيانغا قەدەم باسماسلىق، ئاخىرەتتە ئازابقا دۈچكەلگەندە ئائىلە - بالىلىرىمىز ۋە توپلىغان مال - دۇنيالىرىمىزنىڭ بىزگە مەنپەئەت قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى:« ئادنى ۋە سەمۇدنى (ھالاك قىلدۇق)، (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ (ھىجازدىكى، يەمەندىكى) تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى. شەيتان ئۇلارغا (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى (لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى). (دۇنيا- دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، فىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى. (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال- مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى».ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ھىچ كىشى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى پرىنسىپىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«  (ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟».

ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن نام - ئەمەللەرنى يازغۇچى پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىسيانىدىن، پاسىق - پاجىرلارنىڭ پىسق - پۇجۇرىدىن، ئاللاھقا بويۇنتاۋلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىدىن شىكايەت قىلىدۇ. زېمىن سىلكىنىپ تۇرۇپ ئۈستىدە بولۇۋاتقان گۇناھ - مەسىيەتلەردىن ئاللاھغا شىكايەت قىلىدۇ، كافىر بەدبەخلەر تەپ- تارتماستىن ئوچۇق - ئاشكارا ھالەتتە ئاللاھنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى، دىننى سۆكۈشكە ۋە ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ئىنسانلار ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولىشى ۋە يوقىلىشىغا سەۋەپ بولغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرقى زاماندىكى ئىنسانلار قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن پەقەت ئاز بىر قىسىم مۆمىنلەر نىجات تېپىپ قۇتۇلۇپ قالدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئىبلىس ئۇلارنى (ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۆمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى. ئىبلىسنىڭ ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئۈستىدىن (ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن) ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر».

ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئېشىنىدىغان ھەر بىر مۆمىن كىشىلەرنى ناچار ئەمەللەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ھازىر بولۇۋاتقان گۇناھ - مەسىيەتلەر ئاللاھ تەرەپتىن كىلىدىغان ئازابنىڭ يىقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار جامائەتلىرى! سىلەر دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن  كىشىلەرنىڭ زېمىندا بۇزۇقچىلىق ۋە پاساتچىلىق قىلىشىنى توختاتساڭلار، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنغا يات بولغان ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئەگىشىپ كۇفۇرلۇقنى ئاشكارا قىلىشىدىن چەكلىسەڭلار   ئاللاھ  سىلەرنى بۇ ئازابتىن ساقلايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر».

ئى مۇسۇلمانلار! گۇناھ - مەسىيەتلەر دېگەن شۇملۇق - نومۇسسىزلىق، ئەسكىلىك - ۋەيران بولۇش، رەسۋالىق ۋە دوزاخقا كىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىززەت - شەرەپتىن خارلىققا، نېمەتلىنىشتىن مەھرۇملۇققا، تىنىچ - خاتىرجەملىكتىن خاتىرجەمسىزلىككە، كەڭرى تۇرمۇشتىن قىسىنچىلىق - ئاچلىققا، كىيىم - كېچەك زىننەتلىرىدىن  يىرىم يالىڭاچلىق، رەسۋالىققا، بەرىكەتنىڭ يوقىلىشىغا، بايلىقتىن نامرات - كەمبەغەللىككە، ئىپپەتلىك بولۇشتىن پاجىر - پاسىقلىققا، ھاياسىزلىققا، ئەقىل - پاراسەت، كەمتەرلىكتىن ئەقىلسىزلىق، نادانلىققا، بىرلىك - ئىتتىپاقلىقتىن بۆلگۈنچىلىك ۋە چىچىلاڭغۇلۇققا، مۇستەھكەم تۇرۇشتىن مەيدانسىزلىققا، دوستلۇق - مېھرىبانلىقتىن ئۆچ كۆرۈش - نەپرەتلىنىشكە، مۇلايىملىقتىن قاتتىقلىق - قوپاللىققا، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشتىن دوزاخقا، تائەت - ئىبادەت بىلەن خۇرسەن بولۇشتىن غەم - قايغۇ، خاپىلىققا، پاك ھاياتلىقتىن پەسكەشلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىدۇ.    

قىبرىس( يۇنان) دۆلىتى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى، بەزىلەر ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالا ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىززەتلىك قىلىپ غەلبە ئاتا قىلغان، كافىر - مۇشرىكلارنى خارقىلىپ مەغلۇب قىلغان مۇشۇ كۈندە نېمە ئۈچۈن يىغلايسەن؟ دېدى، ئۇ مۇنداق دېدى: گۇناھنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ يىغلايمەن، بۇلار (بىز مەغلۇب قىلغان بۇ كىشىلەر) زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت بىلەن ياشىغان مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلماي زايا قىلىۋەتتى، ھازىر سىلەر ئۇلارنىڭ خارلىق - رەسۋالىقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر دېدى.

ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇندىماي زايا قىلىۋەتكەن كىشىلەردىنمۇ بەك خار بولغۇچى كىشى يوق، ئىنسانلار گۇناھ - مەسىيەتتىن ئۈزۈل - كېسىل ساقلانغۇچى ئەمەس، لېكىن ھەر بىر كىشى ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشى ۋە قىلىۋاتقان گۇناھ - مەسىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرماستىن دەرھال توختىشى كېرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:« سىلەرنىڭ ھەممىڭلار خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلاردۇر». ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى (يەنى كۇففارلارنى) ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى»دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟(دېيىلىدۇ). ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى (ھالاك قىلغىنىمىزدىن كېيىن)سىلەر ئۇلارنىڭ جايلىرىدا تۇردۇڭلار (ئۇلارنىڭ جايلىرىدىن ئىبرەت ئالساڭلارچۇ)، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق مەلۇم بولدى. سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈردۇق (يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدۇق). ئۇلار ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۆمىنلەرگە) مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (چوڭ) بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ. ئاللاھنى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (دوستلىرى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن)ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر ».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر ».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« بىلىڭلاركى ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر ۋە ئاللاھ  كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە بەك مېھرىباندۇر».

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار تەقۋالىق بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىنى ئىززەتلىك قىلغان، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى خار قىلغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى ھىچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە دەپ، ئاللاھ ئۆزى تاللىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسىلەر.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر».

ئى مۇسۇلمانلار! بىلىڭلاركى، گۇناھ - مەسىيەت دېگەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقىشتۇر، گۇناھ - مەسىيەتلەر ناچارلىق ۋە پاساتچىلىق جەھەتتە پەرقلىق بولۇپ، بۇ گۇناھلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن كاتتا بولىدۇ، گۇناھنىڭ چوڭى بولسۇن ياكى كىچىكى بولسۇن ھەممىسى يامانلىق - ناچارلىقتىن ئىبارەت. سىلەر گۇناھكار بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئائىلە - پەرزەنتلىرىڭلارنى ۋە سىلەر ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىمۇ بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىڭلار. ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. دۇنيادا شەيتانلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ زىيان تارتقۇچى كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدىن ئىبرەت ئىلىڭلار. باشقىلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى باشقىلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت قىلىشىغا مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىدىن ئىبرەت ئىلىڭلار.

گۇناھ - مەسىيەتنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابلىرىنىڭ بىرى قەلبنىڭ پېچەتلىنىپ تامغا بېسىلىشى، غەپلەتتە قىلىشى، يوقىلىشى، بۇزۇلۇشى ۋە قاراڭغۇلۇقتا قىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق قەلب ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، ناچار - قەبىھلىك بىلەن گۈزەللىكنى پەرق ئەتمەيدۇ، گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، تائەت - ئىبادەتنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ)».

ئىنسان قەلبى گۇناھ - مەسىيەتكە چۆمگەندە بۇنىڭغا بولىدىغان ئازاب- ئوقۇبەتنى سەزمەيدۇ، ئاقىۋىتىنى ھېس قىلمايدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغاندا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:« ئەقىللىق كىشى  ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىدۇ، نادان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللاھدىن ئەپۇ تەمە قىلىدۇ»( تىرمىزىيدىن).

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! گۇناھ - مەسىيەتتىن ھەزەر قىلىڭلار، زىيان تارتقۇچىلارمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن زىيان تارتقان، ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولغۇچىلارمۇ گۇناھ - مەسىيەتنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولغان. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن  بەندىلەردىن تەۋبە قىلىپ ئۆزى تەرەپكە قايتقۇچىلارنى، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان يېگۈچىلەرنى، دائىم تائەت - ئىبادەتتە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېھتىياجلىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىلارنى، ئەپۇ تەلەپ قىلىپ يىلىنغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. سەھىھ مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« مىنىڭ جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر خەلقنى پەيدا قىلاتتى، ئۇلار گۇناھ قىلىپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلاتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلاتتى».

ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ياخشىلىقنى تائەت - ئىبادەت قىلىش، گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق بولۇش، سەمىمىيەتلىك بىلەن ھەقىقى تەۋبە قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلىڭلار،ئاللاھنىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىڭلار. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىمگە شۈكرى قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر ( نېمىتىمگە كۇفرى) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ»دەپ جاكارلىدى ».

بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:« « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ماڭا بىرقېتىم دۇرۇت ئېيتسا، بۇ دۇرۇتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ھەسسە رەھمەت قىلىدۇ».

ئى مۆمىنلەر!بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولباشچىسى، ئىلگىركى ۋە كىيىنكى كىشىلەرنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.                                              

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن. سىنىڭ سىخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا -ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. بىزنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى، ئاشكارا يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن. سەن ھەممىنىڭ ئەۋۋىلى ۋە ئاخىرىسەن، سەندىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق. بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھ! بىز نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەممەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن، سەندىن سېغىنىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىمىز. بىزنى ھەرقانداق يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى تەقدىرىمىزنىڭ يامان بولىشىدىن، دۈشمەنلەرنىڭ ئىچى قارىلىقىدىن، بەختسىزلىكتىن، ئېغىر قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىغىن. قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن. مۇسۇلمانلاردىن قەرىزدارلارنىڭ قەرزىنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن. سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن. بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن، ئىنسان ۋە جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن. بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن، سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تىنىچ-خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن. بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىن دۇنيا ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلار بىلەن دىنىڭغا ۋە كىتابىڭغا ياردەم بەرگىن. سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇدەك ۋاقىتمۇ تاشلاپ قويمىغىن. ئى ئاللاھ! سەن ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈمچاندۇرسەن، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرىيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top