ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 14/8/1429ھـ 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ، ھاۋايى-ھەۋەس، بىھۇدە ئويۇن-تاماشا، ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئىنسان ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلسە، دىلى قارىلىشىپ، تائەت ئىبادەتتىن يىراقلىشىپ ئەقلى كور بولىدىغانلىقى، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش روھى سۇسلىشىپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ئېڭىنىڭ ئۆلىدىغانلىقى، ئىنسان نەپسىنى بىكار قويسا ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ، ۋەيران بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/173271
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا
1 MB
: ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا.doc
2.
ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا
123.5 KB
: ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا

 

 

2008 - يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"  ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش مۆمىننىڭ سۈپەتلىرىدىن" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتى ھاۋايى-ھەۋەس، بىھۇدە ئويۇن-تاماشادىن يىراق بولۇشتۇر. ھەقىقىي مۆمىن كىشى دۇنيا-ئاخىرىتىگە پايدىلىق بولمىغان سۆز-ھەركەتلەردىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. گۇناھ-مەسىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئويۇن -تاماشا، كەيپ-ساپاغا يېقىنلاشمايدۇ. سۆز-ھەرىكەتلىرىدە پايدىسىز، زىيانلىق ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلمايدۇ. ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز، ئىشلاردىن يىراق بولۇش قاتارلىقلار مۆمىننىڭ خىسلىتىدۇر. قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇلارنى بىھۇدە ئويۇن-تاماشادىن يىراق بولىدۇ دەپ سۈپەتلىگەن. قۇرئان كەرىم تەبىرى بويىچە پايدا-مەنپەئەتسىز ئويۇن، كەيپ-ساپانى"لەغۋى" دەپ ئىپادىلىگەن. "لەغۋى" ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەزمۇنى يوق، پۇچەك، سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاتايدۇ. ئۇنداق سۆز-ھەرىكەتلەر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، ئىنساننىڭ ئۆمرىنى زايا قىلىدۇ. قەلبنى روھلاندۇرۇپ، ئەقىلنى يورۇتالمىغان سۆز-ھەركەتلەرمۇ بىھۇدە سۆزلەر قاتارىدىندۇر.

ئەخلاق دائىرىسىدىن ھالقىغان، قەبىھ سۆزلەر، ئەقىلنى بۇلغاپلا قالماستىن ئىنساننىڭ نورمال كەيپىياتىنى بۇزىدۇ. دىلىنى جاراھەتلەندۈرىدۇ. ساپ قەلب ئىگىسى بولغان مۆمىنلەر ھېچقاچان بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايدۇ. ئۆزىنى بۇلغىمايدۇ. ھەقىقىي مۆمىن ئىماننىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق مەشغۇل بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتكە پايدىسىز سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇشنى ئېسىگىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. ئەقىلسىز، جاھىللار بىلەنمۇ جەڭگى-جېدەلگە كىرمەيدۇ.قىسقىسى بىكارتەلەپ ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ئاۋارە قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدۇ.

مۇسۇلماننىڭ ھاياتى بەك قىممەتلىكتۇر. ھېچقاچان بىمەنە، پايدىسىز ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ئاۋارە قىلمايدۇ. تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىش، دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى خالىغان مىللەت بىھۇدە ئىشلارغا بېرىلمەيدۇ. دۇنيا خەلقىگە يولباشچى ئىسلام ئۈممىتى قامۇسىدا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش، پايدىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش يوقتۇر. چۈنكى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆزىنى مەشغۇل قىلغان ئىنسان ئۆمرىنى زايا قىلىدۇ. ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئەقىللىق ئىنسان ۋە مىللەت بىر مىنۇتمۇ ۋاقتىنى پايدىسىز ئۆتكۈزمەيدۇ.

ئىنساننىڭ نەپسى شۇنداق نەرسىكى، بىكار قويسا ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. جىددىي ھەرىكەتكە كېلىش تەلەپ قىلىنغاندا كېرەككە كەلمەيدۇ. نەتىجىدە دىن ۋە دۇنيادىنمۇ مەھرۇم كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىخۇدلىشىپ، ئاخىرىدا كېرەككە كەلمەيدىغان ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئەگەردە ئىنسان  شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلىشقا ئادەتلەنسىچۇ؟! ئۇنداق ئادەم دۇنيالىقىنىمۇ ئاخىرىتىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.

دەم ئېلىش كۈنلىرى، تەتىل زامانلىرىدا ئىنسان مېڭىسىنى دەم ئالدۇرۇش، روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا مۇھتاج، ئىسلام شەرىئىتى ھېچقاچان ئۇنىڭغا قارشى ئەمەس. بەلكى ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى مېڭىسىنى دەم ئالدۇرۇش، روھىي دۇنياسىنى چارچاش، ھارغىنلىقتىن ساقلاش، دەم ئالدۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن تەتىل قىلىش دەم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش، دۇنيا-ئاخىرىتىگە پايدىسى يوق بىھۇدە ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار مېڭىنى دەم ئالدۇرماستىن چىرىتىدۇ.  گۇناھ -مەسىيەتكە يېقىنلاشماستىن، ھېچ پايدىسى يوق كېرەكسىز ئىشلارنى قىلمايمۇ كۆڭۈل ئېچىشنىڭ يوللىرى بار.

 غەيۋەت-شىكايەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىپ قېرىنداشلار ئارىسىدا گەپ توشۇپ ئۆز ئارا ئاداۋەت پەيدا قىلىش بىھۇدە قىلمىش بولۇپ،  دىنىمىزدا گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ سۆزلەرنى قىلىپ، ئىغۋا تارقىتىپ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدا ئاداۋەت، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىش ئەڭ يامان ۋە خەتەرلىك بىھۇدە ئىشتۇر. بەزى كىشىلەر بۇ كۈنلەردە كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئايلاندۇرۇپ، كۈندۈزى ئۇيقۇ بىلەن كېچىسى بولسا قەھۋەخانىلاردا ئىچىپ- چېكىش، قەرت ئويناش، مۇسابىقىلارنى كۆرۈش بىلەن ئۆمرىنىڭ زايا بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال-قىزلار بولسا تېلېۋىزور ئالدىدا سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ تەربىيە قىممىتى بولمىغان، ئەكسىچە ئەھمىيەتسىز فىلىملەرنى كۆرۈش بىلەن ۋاقتنى زىيان تارتىدۇ. ۋاقتىنى بۇ شەكىلدە ئىسراپ قىلىپ ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ دىلى قارىلىشىپ، ئەقلى كور بولىدۇ. تائەت ئىبادەتتىن يىراقلىشىدۇ. كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش روھى سۇسلىشىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ئېڭى ئۆلىدۇ. ھەقىقىي ئەقىللىق، دانا مۆمىن دۇنيا-ئاخىرىتىنى زىيان تارتىدىغان ئىشلارغا قەدەم ئالمايدۇ. ئاقىل مۆمىن دۇنيالىقى ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندەك، ئاخىرىتى ئۈچۈن بولسا ئەتە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ئىشلەيدۇ.

(دېمەك؛ يۇقىرىدىكى نەسىھەتلەردىن شۇنى چۇشىنىۋالالايمىزكى، ئىنسان ئەقلىنى ياخشى، پاك، گۈزەل ئىشلارغا ئىشلەتسە، ئەلبەتتە ئۇنىڭ قەلبىگە خوشاللىق بېغىشلىنىدىغانلىقى، ناچار قىلمىش، ئاخلاقسىزلىق، گۈناھ -مەسىيەت يوللىرىغا سەرپ قىلسا، ھاياتلىقتىن زىرىكىش، راھەتسىزلىك ھېس قىلىش، ئۇمىتسىزلىنىش قاتارلىق ئىشلار ئىنسان قەلبىنى چىرمىۋالىدىغانلىقى، ئىنسان ئاللاھقا يىقىنلىشىش نېيىتى بىلەن تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۈزەل ئەخلاقنى ھاياتىغا مۇجەسسەملەشتۇرۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ھاياتلىق يولىدا ئابىدە تىكلەپ ياشىسا، ھاياتنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئوتكۇزگەنلىك بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىمانىنى كۈچلاندۇرۇپ، ئەقلىنى پارلىتىپ، ساغلام ئەقىدە، توغرا مىللەت ۋە ۋەتەن قارىشىغا ئىگە بولىشى ئۈچۈن تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .-مۇھەررىر-)

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 8 )
Go to the Top