قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مۇسىبەت ئىگىلىرىدىن بىرقىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بەزى قارىلارنى قەبرىستانلىققا تەكلىپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلگۈچىگە پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزىلەر چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتمە قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئىسلام دىندا بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قەبرىستانلىقتا ۋە باشقا جايلاردا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلۈككە پايدىسى بولامدۇ؟ ئۆلۈككە پايدىسى يېتىدىغان توغرا ئىشلار قايسى؟ بىزگە بۇنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىلە، ئاللاھ سىلەرگە زىيادە ساۋاپ ئاتا قىلسۇن، بىزمۇ سىلەرگە كۆپ رەھمەت تەشەككۈر ئېيتىمىز.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/173051
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا
549.5 KB
: قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا.doc
2.
قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا
135.3 KB
: قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا

 

 

9979نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مۇسىبەت ئىگىلىرىدىن بىرقىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بەزى قارىلارنى قەبرىستانلىققا تەكلىپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلگۈچىگە پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزىلەر چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتمە قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئىسلام دىندا بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قەبرىستانلىقتا ۋە باشقا جايلاردا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلۈككە پايدىسى بولامدۇ؟ ئۆلۈككە پايدىسى يېتىدىغان توغرا ئىشلار قايسى؟ بىزگە بۇنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىلە، ئاللاھ سىلەرگە زىيادە ساۋاپ ئاتا قىلسۇن، بىزمۇ سىلەرگە كۆپ رەھمەت تەشەككۈر ئېيتىمىز.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا مەنسۇپتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە :« كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ». يەنى بۇ ھەدىستىن دىندا يوق بولغان ئىشنى كىم پەيدا قىلسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جىنايىتى شۇ كىشىگە قايتىدۇ دېگەن مەنا ئىپادىلەنگەنلىكتىن بۇ ئىش ئىسلام دىندا توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن.

قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇيدىغان، ئۆلۈكنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئىشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ بىدئەت ئىشلاردىن، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ماڭغان كىشىلەرگە ئەگىشىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ:«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر( يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەخۇتبىلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: «سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يولنىڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەسكى، ناچارلىرى دىندا  ئەسلى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر، دىندا ئەسلى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەتتۇر». بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە مۇسۇلمان ئۆلگەندىن كىيىن پايدىسى بولىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۈزۈلىدۇ، ئەمما ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلى داۋاملىشىدۇ، بىرىنچى: سەدىقە جارىي، (ئىنسان ھاياتلىقتا ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا، ۋاپاتىدىن كىيىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن مېيىتكىمۇ ساۋابى يىتىپ تۇرىدۇ) ئىككىنچى: مەنپەئەتلىك ئېلىم،( بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى مۇسۇلمان شەرئى ئىلىملارنى ئۇگۇنۇپ، مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىلمى خىزمەت قىلغان بولسا، ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەت ئىسلاھاتى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۈستۈن قىلىدىغان يېڭىچە بىلىملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا) ئۈچىنچى: ئىنساپلىق پەرزەنت تەربىيىلەش،( يەنى ئىسلام ئىدىيىسى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئاللاھنىڭ ھەققى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققى قاتارلىقلارنى تونۇيدىغان ئاڭ-سەۋىيە بىلەن پەرزەنت تەربىيىلەش) ».

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:« ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاتا -ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغان بىرەر ياخشى ئىش بارمۇ؟ دەپ سورىدى،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ھەئە- بار، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئاللاھدىن ئۇلارغا كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش، دوست بۇرادەرلىرىنى ئىززەت ئىكرام قىلىش، ئۇ ئىككىيلەننىڭ تەرىپىدىن بولغان ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت».  

"ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش" دېگەندىن ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق كىلىدىغان تاپشۇرۇقلىرى بولسا ئورۇنداش ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئاتا ئانىسى ئۈچۈن سەدىقە قىلىش، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىش، شارائىتى يار بەرسە ئۇلار ئۈچۈن ھەج -ئۆمرە قىلىشمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 9- توم  319-بەتتىن ئىلىندى

      (دېمەك؛ قەبرىستاندا ئۆلۈك بېشىدا قۇرئان تامام قىلدۇرۇش، ئاتالمىش موللىلار ۋە يوقسۇللارغا قەبرە بېشىدا پۇل تارقىتىش، مېيىتقا ساۋابى يېتىدۇ دېگەن ئاساسسىز كۆز قاراش بىلەن، مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ ھالىغا قارىماستىن بەزى بىر ئالدىپەش نانتاپالارنىڭ قىستىشى ياكى سەت تۇرىدۇ، دادىلىرى، ئانىلىرى كېچىك كىشىلەر ئەمەسىدى، ئاخۇنۇملارنىڭ ئالدىدا پۇل قويمىساق سەت تۇرىدۇ...دىگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن سەپسەتەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مۇسىبەت ئىگىلىرى، ئۆلەپ-تىرىلىپ تاپقان پۇللىرىنى ئاتالمىش ساۋاپ ئۈچۈن بېغىشلاشقا مەجبۇر بولدى.ئۆلگۈچىنى بىر زىيان تارتقان بولسا، ئۇنىڭغا قوشۇپ پۇل-ماللىرىدىنمۇ ۋاقىتسىز ئايرىلدى. نە دىن- شەرىئەتكە، نە ئەقىل -مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ چىقىپ بازار تاپقۇزۇشقا تىرىشتى. شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ بەزى بىر يېزا-قىشلاقلىرىدا تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان  يەتتە كۈن، قىرىق كۈن، بىر يىل بولغاندا، مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى يەنىلام نەزىر قىلىش دىنىمىزدىن، ئۆلۈككە ساۋاپ بولىدۇ، نەزىر قىلمىسا مېيت خاتىرجەم ياتالمايدۇ، نەزىر قىلمىسا جەمئىيەتتە سەت تۇرىدۇ، تونۇش-پىلىش، خۇلۇم-خوشنىلار نېمە دەپ قالىدۇ... دىگەندەك بەزى بىر پوپ موللىلار ۋە سوپى ئىشانلارنىڭ شەرىئەتكە ئاساسلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان زاڭ پەتىۋالىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئانچە ئاز ئەمەس.ئاز-تولا قوۋۇرغىسىنىڭ مېيى بارلارغۇ جاھىللىقتىن شەرىئەت بىلەن ھېسابلاشماي نەزىرە قىلسۇن، يوقسۇل بىچارىلەرچۇ؟! نەزىر قىلسا ئۆلۈككە ساۋابى يېتىدۇ، قىلمىسا مېيتكە ۋە مۇسىبەت ئىگىلىرىگە ياخشى بولمايدۇ دېيىش ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن دىيارىمىزدا، يوقسۇللار نەزىرە قىلىش ئۈچۈن بار- يوقىنى سېتىپ ياكى قەرز قىلىپ يۇرۇپ قورسىقى توقلارغا زىياپەت بېرىپ، باتىل پەتىۋاچىلارنىڭ ھاڭدەك تويماس ئېغىزىغا شورىلىپ تۇگەيدۇ. دىنىمىزدا ھىچ قاچان ئۆلگەن كىشىنىڭ ئارقىسىدىن مىراسخورلار مال-دۇنيانى سورىۋىتىشكە بۇيرۇلمايدۇ، بەلكى، شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ساغلام يول بىلەن ئېھسان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئىمكانىيىتى يار بەرسە نەزىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا، يوقسۇل، يىتىم- يېسىر، تۇل-خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئىلىش، ئويلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا ياردەم قىلىش، ئۇندىن باشقا دىندا ئەسلى بار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ساۋابىنى مېيتكە بېغىشلاش قاتارلىق ئىشلار شەرىئىتىمىزدە يولغا قويۇلغان. نەزىرە قىلىش، ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدا كۆرسۇتۇلمىگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز لازىم. كىمىكى جەمئىيەتتە بىر بىدئەتنىڭ يوقىلىشىغا ھەسسە قوشۇدىكەن، بىر سۈننەتنىڭ ئەھيا بولىشىغا تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھدىن ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى سورايمەن.- مۇھەررىر-)


 

Go to the Top