ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 29/7/1429ھـ 2008-يىلى08-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئاللاھ ئەرلەرگە ئايرىم ئاياللارغا ئايرىم شەكىل، خۇسۇسىيەت ئاتا قىلغان بولۇپ، دۇنيادا ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق خىزمىتى ۋە ئورنى بارلىقى، ھەرقايسى تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتسە، تەبىئەتنى بۇزۇپلا قالماستىن، ئىسلام ۋە مىللەت، ۋەتەننىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۈشى، بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمەسلىك بولسا، جەمئىيەتتە چوڭ بىر خەتەر ۋە بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىققاندىن سىرت، دىن ۋە مىللەت دۈشمەنلىرىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسلامىي ئەخلاق، مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى يوقىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-05
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/171443
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك
463 KB
: ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك.doc
2.
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك
107.5 KB
: ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك

 

 2008- يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈز مىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

" ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي فىترىتىدىن ھالقىپ ئەرلەر ئاياللارنى ئاياللار ئەرلەرنى تەقلىد قىلماسلىقى لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بەرگەن سانسىزلىغان نېمەتلىردىن بىرى شۇكى، ئاللاھ ئەرلەرگە ئايرىم ئاياللارغا ئايرىم شەكىل، خۇسۇسىيەت ئاتا قىلغان بولۇپ، دۇنيادا ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق خىزمىتى ۋە ئورنى باردۇر. ئەركىشىگە ئەرلىك خۇسۇسىيەتلەردىن بىر قانچىنى بەرگەن بولۇپ ئايال كىشىدە يوق. ئايالغا بىر قانچە تۈرلۈك خۇسۇسىيەتنى بەرگەن بولۇپ ئەركىشىدە يوقتۇر.

ئەرلەرگە بېرىلگەن كامالەت، خۇسۇسىيەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ھېچقانداق ئەيىب نۇقسان تاپالمايسىز. ئاياللارغا بىرىلگەن خۇسۇسىيەتنىڭمۇ شۇنداق مۇكەممەللىكىدىن ھېچكىشى ئۇنىڭغا ئەيىب -نۇقسان چىقىرالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھىكمەت تەقەززاسى شۇنداق بولۇشنى ئىرادە قىلغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن ھەرقايسى تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتسە، تەبىئەتنى بۇزۇپلا قالماستىن ئۆزگىچە ئىسلامنىڭ بەلكى ئىنسانلىق شەخسىيەت، ئىمتىيازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشى ئېنىق.

مۇسۇلمانلار بېشىغا كەلگەن ئەڭ قەبىھ ئىللەتلەردىن بىرى بەزى ياشلارنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ تەبىئىي فىترەتكە خىلاپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن يۈز ئۆرىگەن ، يۈرۈش-تۈرۈش  كىيىم-كىچەكلىرىدە  ئاياللارغا خاس سۈپەتتە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ شەرمى - ھايانى يوقاتقان، ئۆرپ-ئادەتكىمۇ رىئايە قىلمىغان ھالدا شەيتانى نەپسىنىڭ كەينىگە كېرىپ، ئەرلەر ئۆزىگە خاس بولمىغان، ئاياللارنىڭمۇ ئاياللىق نازاكىتىگە زىت يۇرۇش-تۇرۇشلار كۆزىمىزگە چېلىقىپلام تۇرۇۋاتىدۇ. ئاللاھ كىيىم-كېچەكنى ئەۋرەتنى يۆگەش ئۈچۈن يولغا قويغان بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ زىننىتى قىلىپ نېمەت قىلدى. قانداقمۇ بۇ نېمەت ئىنسانلار ئۈچۈن بالا-مۇسىبەت بولسۇن. گۈزەل كىيىم قەبىھ مەنزىرىگە ئايلىنىپ قالسۇن.

ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ كىيىۋالغان ھەرخىل كىيىملىرى، بۇ نېمەتنى مۇسىبەتكە ئايلاندۇرۋالغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. بەزى ياشلارنىڭ كىيىملىرى ئەۋرەتنى يۆگىمەستىن، بەزى سەزگۈر ئەزالىرىنى تېخىمۇ كۆزگە چېلىقتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى كىيىم كەيمىگەندەكلا جىسىمنىڭ ھەممە ئەزاسى ئېنىق مەلۈم بولۇپ قالىدۇ.كۈنىگە يىڭى مودا قوغلىشىپ خەلقئارادىكى مەشھۇر مودا كىيىملىرىنى جەمئىيەتكە كۆتۈرۈپ چىقىشىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان تەبىئىتىنى بۇزۇپ ئەرنى ئايالغا ئايالنى ئەرگە ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. بەزى ياشلارنى يېقىن كېلىپ ئىنچىكىلەپ قارىمىسىڭىز ئوغۇل-قىزلىقىنى پەرق ئېتىش تولىمۇ قىيىن. ھەتتاكى گەپ-سۆز، ھەركەتلىرىدىنمۇ ئوغۇل قىزلىقىنى پەرقىتىش قىيىن بولغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

 ھەقىقەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىفىدا: ئەرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئايال، ئايالنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت ئوقۇغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يەنە ئۆزىنى ئەركىشىگە ئوخشىتىۋالغان ئايال، ئايال كىشىگە ئوخشىتىۋالغان ئەرگە لەنەت قىلغان.

ئىسلامىي شەخسىيەت، ھەقىقىي مۇسۇلمان تەبىئىي فىترەتتىن شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىن ھالال-ھارام ئۆلچىمىدىن ھېچقاچان ھالقىمايدۇ.

ئاللاھ مۇسۇلماننى شەخسىيىتى كۈچلۈك، سالاھىيىتى ئېنىق، بەلگىلىرى ئالاھىدە بولۇشنى خالىدى. چۈشەنچە، خۇسۇسىيەتلەردە تەڭپۇڭلۇقنى يوقۇتۇپ قويۇشقا يول يوق. ئەرلەرنىڭ ئايرىم ئاياللارنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى بار. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزگىچە رولى بار. بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمەسلىك، رىئايە قىلماسلىق بولسا، جەمئىيەتتە چوڭ بىر خەتەر ۋە بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. مۇسۇلمانلار دىنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا بوشلۇق پەيدا قىلغان ھامان ئۇ بوشلۇقتىن دۈشمەنلەر سوقۇنۇپ كىرىشكە تەييار تۇرىدۇ.

مۇسۇلمانلار جامائىتى ئاللاھتىن قورقۇشى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان ئۆزگىچە ئىمتىياز ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشتە جەمئىيەتكە ياراملىق، ساغلام ئىدىيە، ساغلام تەپەككۇر، ئەدەپ-ئەخلاق ئىچىدە ياشايدىغان ئەۋلاد قىلىپ تەربىيىلىشى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر. ئىنسان ساغلام تەبىئىتىنى يوقاتسا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى يوقاتقان بولىدۇ.

مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن دىنىدىن، ئەخلاقىدىن، ئىنسانىي فىترەت(تەبىئەت) تىن يات ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ قېلىشىدىنمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەت بولمىسا كېرەك. چۈنكى ياشلار مىللەتنىڭ بايلىقى ۋە خەزىنىسىدۇر. بۇ بايلىق يوقۇلۇپ يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ياشلار زەيپانە مىجەز، خۇمسى شەكىل چوڭۇپ قالدىمۇ ئۇنداق ياش ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن بولىدۇ، ئۇنداقلاردىن خەلققە، مۇسۇلمانلارغا قانداقمۇ ياخشىلىق كەلسۇن!؟. بىز غەربنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىپ ئۇلارنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلىرىدىن پايدىلانماستىن ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي چىرىكلىك،جىنسىي بوزۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىۋېرىدىغان بولساق ئەۋلادلاردا قاتتىق چېكىنىش يۈز بېرىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ ئارقىدا قېلىشىغا ھەسسە قوشقان بولىمىز.

(جەمئىيىتىمىزدە ھەممىگە مەلۇم بولسا كېرەك، بىز ئۇيغۇر ياشلىرىغا يات بولغان، ئاڭلاپ قالساقمۇ ئەستەغپىرۇللاھ... شۇنداقمۇ ئىنسانلار بولامدۇ دەپ ھەيرانلىق بىلەن، نورمال ئەخلاق - ئىدىيە بىلەن ياشىغىلى نېسىپ قىلغان ئاللاھقا مىڭلاپ شۇكرىلەرنى ئېيتىدىغان، دىنى ۋە مىللى ئەخلاقى كۆز قارىشىمىز قوبۇل قىلالمايدىغان ئاتالمىش« ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى»توغرىسىدا  ئېنتىر تور بېكەتلىرى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مۇنازىرە مەيدانلىرى ۋە مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە شۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلار ئانچە -مۇنچە كۆزگە چېلىقىپ قىلىۋاتىدۇ، بەزى بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز  غەرب مەدەنىيىتى ياكى بەزى بىر نومۇسسىز ئىنسانىيلىق ئۆلچىمىگە توشمايدىغان مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبى بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى توغرا چۈشىنىشنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھۆرلىكى ئىكەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار  ئىمان-ئەخلاق، مىللەت - ۋەتەن ئوبرازىغا داغ كىلىدىغان سەزگۈر مەسىلىلەرنى نورمال چۈشىنىشكە تەرغىب قىلىشى ۋە مۇنبەرلەردە ئورۇن بېرىلىشى مىللىتىمىزنىڭ دىنى، مىللى كۆز قاراشلىرىنىڭ چۇشكۈنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

ئى قېرىنداشلار! ھاياتىمىز ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىن شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ كېتىۋەرسە كېلىچەك ھاياتىمىز نېمە بولغۇسى؟!! ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا بىزلەرگە ئاتا قىلغان نېمەت ۋە خاسلىقلارنى ئىگە بولۇپ جارى قىلدۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قانداق جاۋاپ بېرىشىمىز، مىللەت، ۋەتەن، ئەجدادلىرىمىزغا قانداق يۈز كىلەلىشىمىز  قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ؟ مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئازغۇن، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ۋە كىرىۋاتقان ئوغۇل- قىز قېرىنداشلىرىمىزنى قانداق ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆردۇقمۇ؟. توغرىسى دىنى ۋە مىللى ئەخلاقى كىرزىسىمىزنى ھەل قىلىش ھەممىمىزنىڭ بىر كىشىلىك ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىمىزلا بولۇپ قالماستىن ئانا ۋەتىنىمىزنىڭمۇ بىزدىن كۈتىدىغان نۆۋەتتىكى بىردىن بىر تەقەززاسىدۇر. بۇ توغرىدا بىردەك باش قاتۇرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ئىمانى بۇرچىمىزدۇر. -مۇھەررىر- )

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top