خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: خەتىچە سادىق
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد ئەلى ئۇيغۇرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتۇر بۇ ماقالىسىدا، خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلب گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى، ھىجاپ قىلىش ئۆرپ-ئادەت بولماستىن بەلكى، ياراتقۇچى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىغا بوي سۇنغانلىق ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىنىڭ ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا ھىجابى بىلەن ئىززەتلىك بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشى كېرەكلىكى، ھىجاپ ۋە بېشىنى ئوراشنىڭ مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىغا نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-03
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/169314
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ
460.5 KB
: خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ.doc
2.
خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ
129.2 KB
: خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ

 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

غەرب ئەللىرىدە كىشلەر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ بېشىغا رومال ئارتقىنىنى كۆرۈپ، خىلمۇ-خىل گەپلەرنى قىلىشىدۇ ۋە بۇ ئېكسترىمىزم، فېئوداللىق، خۇراپاتلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك، تىرىك ئازاب چەككەنلىك، ياكى قەلبى دىننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچۇراۋېتىپتۇ دىگەندەك بىر نىمىلەرنى ئاساسسىز پەرەز قىلىشىدۇ.

كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئى نەزەر، ھەر كۈنى ئىشقا چىققاندا ياكى بازارغا چىققاندا، رومال ئارتسام ئۆزەمنى شۇنداق روھلۇق ۋە راھەت ھېس قىلىمەن. مەيلى كىشلەر قانداق پەرەز قىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۆزەمنىڭ ھاياتقا قارىتا ئۆزگىچە كۆز قارىشىم بار.

رومال ئارتىش مېنىڭچە قەلب گۈزەللىكنىڭ تاشقى ئىپادىسى. مەن بىر قىز، كەلگۈسىدە توي قىلىپ ئائىلە قۇرىمەن، مەن ئاتا - ئانامنىڭ توي ئىشىمغا چات كىرىۋېلىشىنى خالىمايمەن، نىكاھ مەسىلەمنى ئۆزەم ھەل قىلىمەن. مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك  يىگىتنىڭ مىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ياغلىقىم قەلبىمنىڭ ئىپادىسى. مەن ئىنتايىن پاك، ئاق كۆڭۈل، ئىناق ۋە بەخىتلىك ئائىلەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى رەببىمدىن سورايمەن. ھامان بىر كۈنى ئاللاھ مەن ئۈچۈن تاللىغان يىگىت ماڭا قاراپ كېلىدۇ. مەن مەڭگۈ رومال ئارتىمەن، پەقەت شۇ كىشىمگىلا ئاچىمەن، پەقەت ئۇنىڭغىلا بارلىق گۈزەللىكىمنى نامايان قىلىمەن. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئالدىدىلا رومىلىمنى ئېلىۋەتسەم، ئۇ چوقۇم مىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئادىمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، ئاندىن ئۇ، بۇ ئائىلىنى، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى قەدىرلەيدۇ. مىنىڭ تەسسەۋۇرۇمدىكى بەخىتلىك ئائىلە دەل شۇنداق ئىللىق ۋە ئۆز - ئارا مېھرىبانلىققا تولغان. رومال ئارتىش قىيىن ئىشمۇ ئەمەس، ئاللاھ ئۆزى رازى بولىدىغان ھەر قانداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۆمىنلەرگە قولاي قىلىپ بەردى. رومال ئارتىش بولسا ئاللاھنىڭ ئاياللارغا قىلغان ئىلتىپاتى، ھۆر ۋە پاك، دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق بىر خانىم ئىكەنلىكىنىڭ ئۇلۇغۋار شوئارى.

بىز ئەرلەرگە ئوخشىمايمىز، رومال بولسا، ئەرلەرنىڭ بىز ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىشىمىزدىكى ئەڭ روشەن نامايەندە. ئەرلەر ئىدارە قىلىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە، رومال بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزنى نامايان قىلىدۇ. بىز بەتنىيەت ۋە بىئەدەپ قىلمىشلارنىڭ روھانى ھاياتىمىزغا دەخىل تەرۇز قىلىشىنى خالىمايمىز. بىز پەقەت ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ۋە قەدىر - قىممىتىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز. پاراكەندىچىلىكتە قېلىشنى، خورلۇققا ئۇچرىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز. رومال ئارتىش بىزنىڭ ھەر قانداق نورمال ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىمىزغا ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بىز باشقىلارغا ئوخشاش نورمال بىلىم ئالالايمىز، خىزمەت قىلالايمىز، يەنە كېلىپ ئىخلاسمەن قەلبىمىز تېخىمۇ تېرىشىپ ئۆگىنىشىمىزگە، تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلىشىمىزغا، ھەممە ئادەمگە سەمىمى بولۇشىمىزغا  تۈرتكە بولىدۇ، چۈنكى رومال ئارتىش ئاللاھدىن ئەيمەنگەنلىكنىڭ ئەڭ ئاددى بەلگىسى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەج سۈرىسىنىڭ 78-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).» «قۇرئان كەرىم»نىڭ نىسا سۈرىسىنىڭ 28-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىغا خىلاپلىق قىلىشتىن) ئاجىز يارىتىلدى.» «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 78-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ- دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»

رومال ئارتىش ئاللاھنىڭ مۆمىن ئاياللارنى ھىدايەت قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر، ئاياللارنىڭ  ئۆز قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئورۇنلۇق ھەرىكىتىدۇر، ئاللاھ ۋەھىي قىلىپ: رومال ئارتقانلىق ئەرلەرنىڭ زۇلۇمىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئەمەس، ئاياللارنىڭ ئىززەت ئابرويىنى تۆۋەنلەتكەنلىكمۇ ئەمەس، فېئوداللىق ياكى خۇراپاتلىق تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاياللارنى دەخىل-تەرۇزگە ئۇچراپ قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىشتۇر،- دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ نەقەدەر مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

رومال ئارتىش بولسا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئايال ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە بارلىقىغا شەك كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ، ئىسلامنىڭ قانۇن شەرىئەتلىرىگە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتۇر. بۇ پەقەت بېشىغا ئارتىۋالغان ئاددىي نىپىز رەخت بولۇپلا قالماي، ئۇ بىر ئىتىقاد، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ، قەلىبتىكى مەقسەت- مۇددىئاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رومال ئارتىپ سىرتقا چىققاندا مەيلى ئۆگىنىش، خىزمەت، سەيلە-تاماشا قىلغاندا ۋە ياكى بازار ئارىلىغاندا بولسۇن، رومال ھەر ۋاقىت سىزنى سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇڭ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ، سۆز - ھەرىكەتتە قائىدە - يوسۇنلۇق، سېخى بولۇڭ، مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ئوبرازىغا ۋە ئىدىيە-ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىڭ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بېشىغا ئارتىۋېلىنغان بۇ بىر پارچە نىپىز رەختنىڭ مەنىۋى كۈچى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئۆز نەزەر دائىرسىنى، ئەدەبسىز گەپ-سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى  چەكلەپ، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك مۇنەۋۋەر خانىم- قىزلاردىن قىلىش رولىغا ئىگە. چۈنكى بارلىق ھەرىكەت قەلىبتىكى ئوي پىكىردىن كېلىدۇ.رومال ئارتىپ ئىشىكتىن چىققاندا ياكى ئاممىۋى سورۇندا نامايەن بولغاندا سۆز ھەرىكەتتە ئېھتىيات قىلىپ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ. مەسىلەن، سۆز-ھەرىكەتتە تېتىقسىز، شەخسىيەتچى-راھەتپەرەس، يالغانچىلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالىدىغان بولمايدۇ. ئازراقچە چەكتىن چىقىپ كېتىش قىلمىشى بولسا ئۆزىگە تىترەك ئولىشىدۇ، ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى «بۇ ئوبرازىم بۇنداق قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ». بەلكىم بەزى ئىشلارنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆز ۋە قۇلىقىدىن ساقىت قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ دۇنيادا قېچىپ قۇتۇلغان بىلەن، ئۇ ئالەمدە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .بۇ ھېساب -كىتاب ئۇ ئالەمگە بارغاندا بېرىلىدۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئىنتايىن ئاجىز، ئېزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتنى دېمەك ئاسان، بىراق قىلماق تەس. رومال ئارتقان ئاياللاردا ئارتۇق بولغىنى ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكى، ئاڭلىقلىق روھى، بۇ ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. قەددىنى رۇسلاپ جەمئىيەتتىكى ئاياللارغا ئۈلگە بولۇشقا ئۈندەيدۇ. كىشلەر دائىم ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدا پەقەت قىلدەك پەرقلەر بار،-دېيىشىدۇ. بېشىغا رومال ئارتقاندا، كاللىسىدىكى شۇ بىر خىل قاراش ئاسانلا ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامان نىيىتىنى بىخ ھالەتتە يوقۇتۇپ تاشلايدۇ.

مەيلى كىشلەر قانداق پەرەز قېلىشسۇن، ئۆزەمنىڭ ھېس-تۇيغۇم ناھايىتى ياخشى، مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن .ئاللاھ بارلىق ياخشى سۆز - ھەرىكەتلەرنى (قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقى، جۈملىدىن قانداق ياخشى ئايال بولغىلى  بولىدىغانلىقىنى) ئېنىق ئېيتىپ بەردى. يەنە كېلىپ ئېيتىپ بەرگەن يول شۇنداق ئاددى بولۇپ ھەممە ئادەم قىلالايدۇ، بەجا كەلتۈرەلمىگىدەك نېمىسى بار؟! رومال ئارتقانلىق ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغانلىق، ئۇ يەنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىمۇ ئۆزىنى تاۋلىغانلىق، پاك ۋە مېھىر -مۇھەببەتلىك قەلبىمنى تاۋلاپ، ئاللاھ ھاياتىمغا يۈكلىگەن بۇرچىنى ئۇرۇندىغانلىقىم.

بۇ جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ مىنىڭ قەلبىمنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھەر قانداق كىشىگە قەستەن ئازار بېرىشنى خالىمايمەن، بۇ ھەرگىزمۇ زۇلۇمنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن قۇبۇل قىلغانلىق ئەمەس، ياكى نادانلارچە دىنىي ئەسەبىيىلىكمۇ ئەمەس. مەن يولدىن چىققان تىرورچىمۇ ئەمەس. مەن پەقەت بۇ ئالەمدە ياخشى ئايال بولۇپ، ئاللاھنىڭ يېتەكچىلىكىنى قۇبۇل قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئۇ ئالەمدە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مىنىڭ رومال ئارتقاندىكى تۇيغۇم بىلەن، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئاتا-ئانامغا، يولدۇشۇمغا، جەمئىيەتكە، خەلققە يۈز كېلەلەيمەن، بولۇپمۇ ئۆز ۋۇجۇدۇمغا ۋە روھىمغا يۈز كېلەلەيمەن. بۇ مىنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىم. مەن ۋەزىيەتكە باقمايمەن، خالىغىنىمنى قىلىمەن، باشقىلار قانداق سۆز - چۆچەك قىلسۇن ياكى گۇمان قىلسۇن، مەن ئۆز يولۇمدا ماڭىمەن.

ماڭا ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىنىش، مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ۋەتەنگە ئائىت خاسلىقنى ساقلاپ قىلىش ئەڭ مۇھىمدۇر. جانابى ئاللاھتىن پۈتۈن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئىمان، ئىپپەت، ھايا، ۋىجدان، غۇرۇر ۋە كېلەچەكنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئەقىل ئاتا قىلىشىنى سورايمەن.  

 

Go to the Top