পাগড়ী পরিধান করা কী সুন্নাত?

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: পাগড়ী পরিধান করা কী সুন্নাত?
ভাষা: উইগুর
মুফতী: মুহাম্মাদ সালেহ আল-মুনাজ্জিদ
অনুবাদক: মুহাম্মদ ইউসূফ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: পাগড়ী পরিধান করা কী সুন্নাত?
সংযোজন তারিখ: 2008-07-30
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/168999
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
سەللە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدىنمۇ؟
540 KB
: سەللە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدىنمۇ؟.doc
2.
سەللە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدىنمۇ؟
139.4 KB
: سەللە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدىنمۇ؟.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

 

سەللە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدىنمۇ؟

 

113894نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

سەللە كىيىش سۈننەتمۇ ياكى ئادەتمۇ؟

جاۋاب:

ھەدىسلەردە سابىت بولىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەللە كىيگەن. شۇنىڭدەك ئىشتان، كۆڭلەك، ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە باشقىلارنى كىيەتتى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قەۋمىنىڭ ئادىتىدە بولغان نەرسىلەر ئىدى. ئۆلىمالار سەللىنىڭ سۈننەت ياكى ئادەت ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشقان. لېكىن ئەڭ كۈچلۈك قاراش سەللە سۈننەت ئەمەس، بەلكى ئادەتتۇر. ئەسلىدە ئىنسان ئۆز قەۋمى كىيگەن نەرسىنى كىيسە بولىدۇ. ئۇلاردىن ئايرىم كىيىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۆھرەت كىيىمىدىن توسقان. ئەگەر سەللىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيگەنلىكى ئۈچۈن سۈننەت دېيىلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتان، كۆڭلەك، ئۇزۇن كۆڭلەك (ئەرەبلەر ئۆز ۋاقتىدا ئىككى پارچە لاتىنى كىيىم ئورنىدا قوللىناتتى) كىيگەن. بۇلارنى كىيىشمۇ سۈننەتمۇ؟

پەتىۋا ھەيئىتى بۇ توغرىدا سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: بىرسى مۇنداق سورىغان، ساقىلىمنى قويدۇمو قىسقا كىيىم كىيدىم ، بېشىمغا سەللە كىيدىم. لېكىن كۆپ كىشىلەر بۇ ئىشىمنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ بېشىمغا ياغلىق ۋە دۈگىلەك(ئەرەبلەرنىڭ ياغلىقنىڭ ئۇستىگە قويۇۋالىدىغان نەرسە) تاقىمىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى مەسخىرە قىلىدۇ. سەللە كىيىش سۈننەتمۇ ياكى ئۇ ھازىرقى زامانغا يارىمامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيگەن سەللە قانداق ئىدى؟  رەڭگى ئاقمىدى ياكى قارىمىدى؟ ئۇنى كىيگىنىم ئۈچۈن گۇناھكار بولامدىم؟

ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: ئەمما سىزنىڭ ساقال قويغىنىڭىز ياخشى بۇنى ۋاجىپ دەيمىز. سۈننەتكە ئەگەشكىنىڭىزمۇ ياخشى ئىش. ئەمما كىشىلەرنىڭ سىزنى مەسخىرە قىلغىنى توغرا ئەمەس. سەللە كىيىش مۇباھ ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇ سۈننەت ئەمەس. شەھىرىڭىزدىكى خەلق نېمىنى كىيسە سىزمۇ شۇنى كىيىڭ.

بۇ پەتىۋانى بەرگەنلەر  شەيخ ئابدۇللا ئىبنى باز، ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ، ئابدۇللا غۇدەييان، سالىھ  ئەلفەۋزان، بەكرى ئەبۇ زەيد قاتارلىق ئۆلىمالاردۇر.

شەيخ ئۇسەيمىن سەللە سۈننەتمۇ دەپ سورالغاندا، «ياق، ئۇ سۈننەت ئەمەس، بەلكى ئادەتتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك سەللە كىيىش سۈننەت ئەمەس، ئۇ ئادەتتۇر. ئۇنى كىيىش كىيمەسلىك ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. لېكىن بىراۋ ئۆز شەھەر خەلقىنىڭ كىيىمىدىن باشقىچە يوسۇندا كىيىنىپ ئۆزىنى باشقىچە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسا بۇ جايىز ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۆھرەت كىيىمىدىن توسقان.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.

সংশ্লিষ্ট বিষয়াবলী ( 4 )
Go to the Top