সত্তর হাজার বার কালেমায়ে তাওহীদের জিকির

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: সত্তর হাজার বার কালেমায়ে তাওহীদের জিকির
ভাষা: উইগুর
মুফতী: মুহাম্মাদ সালেহ আল-মুনাজ্জিদ
অনুবাদক: মুহাম্মদ ইউসূফ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: এটা কি সঠিক যে, আমি যদি সত্তর হাজার বার কালেমায়ে তাওহীদ জিকির করি তাহেল আমার সকল গুনাহ ক্ষমা করা হবে?
সংযোজন তারিখ: 2008-07-20
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/166479
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
تەۋھىد كەلىمىسىنى يەتمىش مىڭ قېتىم زىكىر قىلىش
1.1 MB
: تەۋھىد كەلىمىسىنى يەتمىش مىڭ قېتىم زىكىر قىلىش.doc
2.
تەۋھىد كەلىمىسىنى يەتمىش مىڭ قېتىم زىكىر قىلىش
125.8 KB
: تەۋھىد كەلىمىسىنى يەتمىش مىڭ قېتىم زىكىر قىلىش.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

تەۋھىد كەلىمىسىنى يەتمىش مىڭ قېتىم زىكىر قىلىش

 

107450نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

«لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ئوقۇسا پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنامدۇ؟

جاۋاب:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە،«لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ئوقۇسا پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ دەپ كەلمىگەن. شۇڭا بۇ سۆزنى دىنغا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ سۆز ھەدىستە ئەمەس، بەلكى ئىبنى ئەرەبىي دېگەن ئازغۇن كىشىنىڭ سۆزلىرىدە تېپىلىدۇ. ئۇ «ھېكمەتلەر»دېگەن كىتابىدا:« سېنىڭ،«لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ئوقۇشۇڭنى شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى دۇزاخ ئوتىدىن ئازات قىلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ھەقتە ھەدىسمۇ كەلگەن.» دېگەن.

بىز بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ۋە پەزىلىتىگە ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمىز. بۇ كەلىمە قىيامەت كۈنىدە دۇزاخ قۇتۇلۇشنىڭ ۋە ياخشىلىق تارازىدا ئەمەللەرنىڭ ئېغىر كىشىلىشىنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« كىمكى ،«لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى چىن دىلىدىن بېرىلىپ ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ دۇزاخ ئوتىنى ئۇنىڭغا ھارام قىلىدۇ» دېگەن.(بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس).

بىزنىڭ ئىنكار قىلىدىغىنىمىز بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنى مۇشۇ مەخسۇس سانغا بەلگىلىۋېلىش، بۇ سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىشتۇر. شەيخ ئىبنى تەيمىيە « لائىلاھە «ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70مىڭ قېتىم ئوقۇپ ئۇنى مېيتقا ئاتىسا، شۇ مېيت دۇزاختىن ئازات بولىدۇ»دېگەن سۆز ھەدىسمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئوقۇپ مېيتقا ئاتىسا ساۋاب بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا  مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:« بۇ ھەدىس ئەمەس. تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ياكى ئاز قېتىم ئوقۇپ مېيتقا ئاتىسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا پايدىسى بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

সংশ্লিষ্ট বিষয়াবলী ( 4 )
Go to the Top