ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 8/7/1429 ھـ / 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا، جەھەننەمنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق جاي ئىكەنلىكى، ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولىشى ئۈچۈن ھاياتلىق دۇنياسى ئەڭ چوڭ پۇرسەت ئىكەنلىكى، دوزاخ ئەھلىنىڭ يېمەك ئىچمەكلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەلەملىك ئازابلار، ئاللاھنىڭ كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ راست ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-07-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/166381
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!
1.2 MB
: ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!.doc
2.
ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!
177.7 KB
: ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئى مۇسۇلمانلار دوزاختىن ئاگاھ بولۇڭلار!

 

8/7/1429ھ  2008-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى

 

بىرىنچى خۇتبە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر، ھەممىدىن غالىپ، ئىززەتلىك، ئۇلۇغ، ئازابى قاتتىق، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاخنىڭ ئوتى بىلەن ئازابلىنىدىغانلى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ ئىنتىقام ئالغۇچى، تەقۋالىق بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىكرام قىلىش بىلەن ئۇلارغا ھەممە ياخشىلىق مەۋجۇد بولغان ئالاھىدە بىر بوستان بىلەن مۇكاپاتلاشنى ۋەدە قىلغۇچى ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز ۋە ماختايمىز. كىمىكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ بەختى ئۈچۈن، كىمكى ناچار يامان قىلمىشلارنى قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ. سىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ، گۈزەل ماختاش، كاتتىلىق، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ھىچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرغۇچى پەيغەمبىرىمىز ۋە يول باشچىمىز بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن  دائىم يېڭىلىنىپ، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھدىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشكە ئالدىراڭلار،«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار».

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلارنىڭ قورقۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە كاتتىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئوچۇق دەلىللەرنى بېكىتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنى بۇزۇقچىلىق ۋە  ئازغۇنلۇقتىن چەكلەپ، توغرا يول تېپىپ بەختكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئازابلىنىدىغان جاينى ۋە ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەپ بەردى.

ئاللاھ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، چەكلىگەن ۋە توسقان ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان دوزاختىن ھەزەر قىلىڭلار ۋە قورقۇڭلار، ئۇ دوزاخ بولسا ئوتلىرى لاۋىلداپ تۇرغان، دەھشەتلىك، قورقۇنۇچلۇق، قىززىقلىق دەرىجىسى تەسەەۋۋۇر قىلغۇسىز، قاراڭغۇ ـ زۇلمەتلىك، تېڭىرقاپ قالغۇدەك كەڭرى، خىلۋەت، قاپ ـ قارا دەھشەتلىك كۆيدۈرگۈچى ئوت ھىچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ ۋە قويمايدۇ، بەلكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇ چوڭلۇقىدىن ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر، ئۇنىڭ ئوت ـ يالقۇنلىرى پەسلەپ قالمايدۇ، چوغلىرى ئۆچۈپ قالمايدۇ، ئۇ جايغا كىرىدىغانلارغا خاس ئازاب ـ ئوقۇبەت ۋەدە قىلىنغان، ئۇلار ھەممە بەخت ـ  سائادەت ۋە لەززەتتىن مەھرۇم قىلىنغان، ئۇلارنىڭ كىرىدىغان جايى جەھەننەم بولۇپ بو نېمە دېگەن قورقۇنۇشلىق جاي ھە! جەھەننەمنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا ئۇلارنىڭ ئۈنى ئۆچكەن، ئىشىك ـ دېرىزىلەردىن ۋە تۈتۈن پەردىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ ئاھ ـ زارى، دات ـ پەرياتلىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« مىنىڭ جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر مەن كۆرگەننى كۆرگەن بولساڭلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار!». ئۇلار:«ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى  سىلە نېمىنى كۆردىلە؟ دەپ سورىدى.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : «مەن جەننەتنى ۋە دوزاخنى كۆردۈم» دېدى .

نۇئمان  ئىبنى بەشىر ( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان :« مەن سىلەرنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگەن سۆزنى قايتا ـ قايتا تەكرارلىدى ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاپىنى دولىسىدىن سىرىلىپ چۈشۈپ قالدى.ۋە يەنە « جەننەت ۋە دوزاختىن ئىبارەت، ئىككى بۈيۈك نەرسىنى ئۇنتۇماڭلار! دەۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدى ۋە كۆز يىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنتى.ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنى قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدىن مەن بىلگەننى سىلەر بىلگەن بولساڭلار، سىلەر زېمىن ئۈستىدە ماڭمايىتتىڭلار!، ئەگەر ماڭساڭلار باشلىرىڭلارغا توپا چاچاتتىڭلار».

ئى مۇسۇلمانلار! جەننەت ۋە دوزاخ سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ ئايىغىنىڭ بۇغىچىدىنمۇ يېقىن، سىلەرنىڭ دۇنيادا كۆيدۈرۈۋاتقان ئوتۇڭلار جەھەننەمنىڭ ئوتىنىڭ يەتمىش ھەسسىسىنىڭ بىرىگە توغرى كېلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئوتى بۇنىڭدىن ئاتمىش توققۇز ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ ھەممىسى ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ، سىلەر ياز پەسلىدە تەرلەپ تۇرالمىغان ئىسسىق بولسا جەھەننەمنىڭ بىر قېتىملىق نەپەس ئېلىشى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە جەھەننەمنىڭ ئوتلۇق ئازابىنى ئەسلىتىدۇ، ئىمام بۇخارىينىڭ كىتابىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:«دوزاخ ئاللاھغا شىكايەت قىلىپ ئى پەرۋەردىگارىم!مىنىڭ بەزىلىرىم  بەزىلىرىمنى يۇتۇپ كەتتى دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا يازدا بىر قېتىم ۋە قىشتا بىر قېتىم نەپەس ئىلىشقا ئىجازەت بەردى. سىلەر يازدا كۆرۈۋاتقان قاتتىق ئىسسىق بىلەن قىشتا كۆرۈۋاتقان قاتتىق سوغۇق، ھەقىقەتەن جەھەننەمنىڭ تىنىقىدىن ئىبارەت». «قىيامەت كۈنى جەھەننەم چەمبەر ـ چەس باغلاغلىق ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ، جەھەننەمنىڭ يەتمىش مىڭ تۇتقۇچى بولۇپ، ھەر بىر تۇتقۇچىنى يەتمىش مىڭ پەرىشتە سۆرەيدۇ». گۇناھكارلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن جەھەننەم دەھشەتلىك ئازاب ۋە ئاچچىقتىن كەڭرىپ كەتكەن ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ، جەھەننەمنىڭ كەڭرىلىكى كۆرۈلگەندە بۇنىڭغا جىنايەتچىلەر بىلەن زالىملار ئازلىق قىلىدۇ، بارلىق خالايىقلار قورقۇنچىدىن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ، بۇ ھالەتتە ئەسلىگەننىڭ كافىر ئىنسانغا  نېمە پايدىسى بولسۇن!؟. ئۇ ئېيتىدۇ:« كاشكى مەن دۇنيادىكى ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ؟!»، شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ، ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ،  جەھەننەمنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەتمىش مىڭ يىللىق مۇساپىدەك بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ يەتمىش يىل ئىلگىرى جەھەننەمگە تاشلانغان تاشنىڭ ئاۋازى بولۇپ بۇ تاش ئەمدى  جەھەننەمنىڭ ئاستىغا چۈشتى».

جەھەننەمنىڭ دەھشەتلىك قورقۇنۇچلۇق بولىشى،كۆيۈۋاتقان ئوتلارنىڭ دولقۇنلىنىپ ئايلىنىپ تۇرۇشى بىلەن ئۈستىگە پىلسېرات كۆرىكى قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستى تېيىلغاق، ئەتراپىغا ئىلمەك زىخلار ۋە ئوغاقلار بېكىتىلگەن، مۆمىنلەر بۇ يەردىن قىلغان ئەمەللىرىگە ئاساسەن ئۆتىدۇ، بەزىلەر كۆز يۇمۇپ ئاچقىدەك ۋاقىتتا، بەزىلەر چاقماق چاققاندەك، بەزىلەر شامالدەك، بەزىلەر قۇشلار ئۇچقاندەك، بەزىلەر يۈگرۈك ئاتتەك ۋە تىز ماڭىدىغان ئۇلاغدەك ئۆتىدۇ، سالامەت ئۆتكۈچىلەر  نىجات تاپىدۇ، ئۆمۈلەپ قالغانلار ئېلمەكلەرگە ئېلمىشىپ يۈز كۆزلىرى تىتىلىپ ئۆتىدۇ، تېيىلىپ كەتكەنلەر جەھەننەمنىڭ ئاستىغا چۈشىدۇ، ئۇلاردىن جەھەننەمنىڭ ئوتىدا ھوشۇقىغىچە كۆيىدىغان، تىزىغىچە كۆيىدىغان، بېلىگىچە كۆيىدىغان ۋە كېكىردىكىگىچە كۆيىدىغانلار بار. دوزاخ ئەھلى جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ، ئۇلار قورقۇپ، تىترەپ كېلىدۇ، ھەممە تەرەپتىن چاقىرىلىپ جەھەننەمگە ئىتتىرىلىدۇ، ئۇلارغا جەھەننەمدە قايناق سۇ بىلەن لاۋىلداپ يېنىپ تۇرغان ئوتلار ھەمراھ بولىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئوتلىرى ئۇلارنى قازاننى قايناتقاندەك قاينىتىدۇ، ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ ئېشەك ھاڭرىغاندەك سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ، ئۇلار ئاچلىقتىن نالە پەرياد قىلغاندا دوزاختىكى ئاسى گۇناھكارلارغا تەييارلانغان ئەڭ ناچار نەرسىلەر بېرىلىدۇ. زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر، ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك قىززىقتۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر زەققۇمدىن بىر تامچە زېمىنغا تۆكۈلۈپ كەتسە زېمىن ئەھلىنىڭ تاماقلىرىنى ئاچچىق قىلىۋېتىدۇ، زەققۇمنىڭ ئۆزىنى  يېگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارغا زەققۇمدىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ ».  ئۇلار ئۈچۈن بەتبۇي ئاچچىق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ، ئۇ يېمەكلىك كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ، بۇنىڭ تىكەنلىرى قورساقلىرىغا كىرمەيدۇ،كىكىرتەكلىرىدىن چىقمايدۇ، ئۇلار ئۇسساپ ئۇسسۇزلۇقتىن بويۇنلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكىدەك بولغاندا دوزاختىكى پاسىق گۇناھكارلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان قان ـ يىرىڭدىن ئىبارەت سىېسىق ئىچىملىك ۋە قايناپ بۇس چىقىپ تۇرغان، يۇقىرى ھارارەتلىك بۇلاق سۇلىرى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، بۇ سۇ ئۇلارنىڭ ئۈچەيلىرىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، ئۇلار ھارام نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرسە بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى سىلكىنىپ كېتىدۇ، گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرسە يۈزىنىڭ گۆشلىرى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشنى ياخشى كۆرسە بۇ نېمە دېگەن ناچار ئىش ھە!. ئۇلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى ۋە قىلغان گۇناھى نېمە دېگەن يامان ھە !. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيىلىدۇ، سۇ باش سۆڭىكىدىن ئېچىگە ئۆتۈپ ھەممە ئەزالىرىغا يەتكەندىن كىيىن تاپىنىدىن چىقىدۇ، بۇ ئازاب يېڭىلىنىپ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ».

دوزاخ ئەھلىدىن ئەڭ يەڭگىل ئازابتا ئازابلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن بۇغۇچلىرى ئوتتىن بولغان بىر جۇپ ئاياغ كىيدۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ مېڭىسى چۆگۈن قاينىغاندەك قايناپ كېتىدۇ، ئۇ كىشى كۆڭلىدە مەندىنمۇ بەكراق ئازابلىنىۋاتقان ئادەم يوق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابتا ئازابلىنىۋاتقان ئادەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدە تىز ئوت ئالىدىغان تۆمۈر كېيىم بىلەن ئوت ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدا جىگەر باغرىلىرى تىتىلىپ مۇستەھكەم چوڭ تاغلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھەر خىل ئەلەملىك ئازابلارنى تارتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمنىڭ تار جايلىرىدا دات پەرياد چېكىپ، ئاستىن قاتلاملىرىدا مۈدۈرۈپ دومىلاپ، يانلىرىدا نالە قىلىپ، زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىپ، ئۇلارغا سېلىنغان تاقاق، كويزا، كىشەنلەر ۋە باغلانغان زەنجىرلەر ئېغىر كېلىدۇ. ئۇلار پۇتلىرى بىلەن كۇكۇلەكلىرىگە چېتىپ باغلىنىدۇ، گۇناھ ـ مەسىيەتنىڭ ئەسىرىدىن يۈزلىرى قارىداپ كەتكەن ھالدا دەرتلىك ئىڭراپ بۇ يەردىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرى ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلار ئۈچۈن   جەھەننەمدىن قۇتۇلۇش بولمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن تۆمۈر توقماقلار بار، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا: « سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئوتلۇق ئازابىنى تېتىڭلار » دەيدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، ئۇلارغا ھەرتەرەپتىن مۇسىيبەتلەر كېلىدۇ، دوزاخنىڭ يەتتە ئىشىكى بولۇپ ھەر بىر ئىشىكتىن بەلگىلەنگەن جىنايەتچىلەر كىرىدۇ، ئۇلار ئازابنىڭ يامانلىقىدىن بىئارام بولۇپ يىغلايدۇ، ئۇلار جەھەننەمنىڭ ھەممە يېرىدە ئازاب ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرىدۇ، ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە:«ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ، مالىك:«سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ، ئۇلار دائىم بىئاراملىق ئىچىدە ئۆتىدۇ،ھەرگىز خۇرسەن بولمايدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە قورشالغانلىقى ئۈچۈن ھىچ يەرگە كېتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلىنىڭ يىغلىغان يىغىسىغا كېمە سالسا كېمە ئاقاتتى، ئۇلار تولا يىغلىغانلىقتىن ئاخىردا قان يىغلايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلماي دۇنيادا ئۆتكۈزۈۋەتكەن ھاياتىغا توختىماي يىغلايدۇ، ۋاي ئېسىت! ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەسرەتلىنىپ خالايىقلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولغىنىغا !، ئۇلار چاقىرىلغاندا دات پەرياد سىلىپ: « پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ،بۇرۇنقىدەك يامان ئىشلارنى قىلمايمىز، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىمىز، ئەجىلىمىزنى كىچىكتۇرگىن، بىز سىنىڭ ئىمانغا بولغان چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى. پەرۋەردىگارىمىز!ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرغىن، بىز ئەمدى ھەقىقەتەن سىنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈچىلەرمىز، پەرۋەردىگارىمىز!بەدبەختلىكىمىز ئۈستىڭىزدىن غالىپ كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن ئەگەر بىز شۇنىڭدىن كىيىن يەنە گۇناھ قىلساق بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز» دەيدۇ،  شۇ ۋاقىتتا مۇنداق بىر نىدا ئاڭلىنىدۇ: ئى ئاللاھ! ئۇلار ھەرۋاقىت سىنىڭ بۇيرۇقىڭغا خىلاپلىق قىلدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدى، سىنىڭ يېقىن كىشىلىرىڭگە دۈشمەنلىك قىلدى، ئى ئاللاھ! بۇيەردە ئۇلارغا قىلىنغان ھۆكۈم ھەق بولدى، ئۇلارغا سىنىڭ غەزەپ نەپرىتىڭ ۋە ئازابىڭ چۈشتى. ئاللاھ ئېيتىدۇ:«جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، ئۇستۇڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى ھەققىدە ماڭا سۆز ئاچماڭلار». ئۇلارنىڭ يىغىسىغا ئىچ ئاغىرتىلمايدۇ ۋە رەھىم -شەپقەت قىلىنمايدۇ، قىلغان نالە پەريادلىرىغا جاۋاپ بېرىلمەيدۇ، ئۇلار مەقسەت قىلغان ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى گۇناھلىرى ئورىۋالغان، ئۇلار دائىم بۇ ئازاب غەم -قايغۇلاردىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىدا بولىدۇ. ھەتتا جاكارچىنىڭ بۇ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ ئى جەننەت ئەھلى!سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، ئى دوزاخ ئەھلى! سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر » . دوزاخنىڭ ئوتى ئۆچمەيدۇ، ئىچىدىكى كىشىلەر ئۆلمەيدۇ، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللىتىلمەيدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، ھەقىقەتەن كىمكى ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىپ كېلىدىكەن ئۇ ئادەمنىڭ جايى جەھەننەم بولۇپ، ئۇيەردە ئۆلمەيدۇ ۋە ياخشى ھاياتتىمۇ ياشىمايدۇ، ئۇلار بىر بىرىگە تاپا تەنە قىلىپ لەنەت ئېيتىشىدۇ، بىر بىرىگە ئۇچراشسا يالغان ئېيتىشىدۇ، ھەر قاچان بىر ئۇممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىركى ئۇممەتكە لەنەت ئوقۇيدۇ، بىر بىرىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۆزلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ گۇمراھلىققا باشلاپ مۇشۇنداق ئازغۇنلۇق، خار- زەبۇنلىققا سەۋەپ بولغان كىشىلەرنى بەك ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلار ئېيتىدۇ:« پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ خارلاردىن بولىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياقلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز » ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈشكە ۋە ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشقا سەۋەپ بولغان، گۇناھ ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسەتكەن  شەيتان ھەمراھلىرىغا«كاشكى سەن بىلەن مىنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن، سەن نېمە دېگەن يامان ھەمراھ! چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەبچى بولدۇڭ» دەيدۇ. بۇنىڭ ھىچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭ ئازابلىنىۋاتىدۇ، ھەممىسىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن ئازابنىڭ دەھشىتىنى سىلەر بىلمەيسىلەر، دېيىلىدۇ.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى يۇقىردا سۆزلىگىنىمىز دوزاخنىڭ بىرقىسىم سۈپەتلىرى ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ بەزەن ئەھۋاللىرى، دوزاخ ئوتىدىن ئاللاھقا پاناھلىق تەلەپ قىلىڭلار، دوزاخقا يېقىنلىشىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىش ھەركەت سۆزلەردىن ئاللاھقا پاناھلىق تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ مىنى ۋە سىلەرنى دوزاختىن ئازات قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ۋ ە ياخشى تەقۋا كىشىلەرنىڭ  قاتارىدىن قىلسۇن، ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

 ئىككىنچى خۇتبە                                                                  

ئاللاھنى بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرى ئۈچۈن چەكسىز ماختايمىز، بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى تەرەپكە چاقىرغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە، قېرىنداشلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت- مەغپىرەت  تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھدىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاغا ئىتائەت قىلغۇچى تەقۋا كىشىلەر غەلبە قىلىدۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچى بەختسىزلەر ئۆز نەپسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەن ۋاپات بولۇڭلار».

 ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ھازىر پىتنە پاساتلار كەڭ تارالغان، ناچار ئىشلار بىر بىرىگە ئۇلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان، شەك شۈبھىلىك پىتنىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن يەڭگىل كۆرۈنىۋاتقان، مەنپەئەتى يوقالغان، زېيىنى ئالەمنى قاپلىغان، ھاماقەتلىك ھاياتتا، يىڭى ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ پىكرى قوبۇل قىلىنىدىغان، ئەقىدە، ئەخلاقتا ئۇلارغا ئەگىشىدىغان، ئەدەپ قائىدىدە كەينىگە چېكىنىش ئۈمىت قىلىنىدىغان بىر ئەسىردە ياشاۋاتىسلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ھەقىقەتەن مەن سىلەرنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ھاۋايى ھەۋەس شەھۋەتلىرىدە قايمۇقۇپ، ئېزىپ كېتىشىڭلاردىن   ئەنسىرەيمەن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«جەننەت كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن قورشالدى،دوزاخ بولسا كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھاۋايى ھەۋەس شەھۋەتلەر بىلەن ئورالدى». ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن قول ئۆزۈڭلار، قەلبىڭلارنى غەپلەتنىڭ ئۇيقىسىدىن ئويغۇتۇڭلار، نەپسىڭلارنى شەھۋانى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن  يىغىڭلار. ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار.

ئى مۇسۇلمانلار بىلىڭلاركى! سىلەر ھازىر پىتنىگە توشقان بىر زاماندا ياشاۋاتىسىلەر بۇنىڭدىن كىيىن ئەجىلىڭلار كېلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىتىدا پىتنىدىن ساقلىنىشقا تىرىشمىغان كىشى، كىيىن بۇ پىتنىدىن يىراق بولۇشقا زور بەدەل تۆلەيدۇ، قۇتۇلۇشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. كىشىگە ئۇيقۇدىنمۇ چوڭ غەپلەت، نەپسىنىڭ شەھۋىتىگە بويسۇنۇشتىنمۇ بەك بوشاڭلىق ۋە جۇرئەتسىزلىك، قەلبىنىڭ ئۆلۈك بولىشىدىنمۇ كاتتا مۇسىبەت بولمايدۇ. كىشىنى پىتنە -پاسات قىزىقتۇرغاندەك قىزىقتۇرغۇچى يوق، ناچارلىق ۋە ئەسكىلىكتە دوزاختىنمۇ يامان جاي يوق. بۇ بايان قىلىنغان دوزاخ پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز نەسىھەتتۇر، (ئۇنى مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى،  يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى، شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر،( ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)، ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر، سىلەردىن جەننەتكە ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى دوزاختىن چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر».

ئى مۆمىنلەر بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزى باشلىدى، بۇنىڭغا ئاللاھقا دائىم تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى  بىرگە قىلدى، ئىنسان ۋە جىنلارنى بۇنىڭغا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىدىكى ئېسىل سۆزىدە مۇنداق دېدى:«ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

ئى ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچى، ئىلگىركى ۋە ھازىرقى گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغۇچى ئىنسان! توغرا يولغا باشلىغۇچى، شاپائەتچىمىز، ئادەم نەسلىدىن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، شەرەپلىك، پەخىرلىنىشكە لايىق بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت ئېيتىشنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلغىن. سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتقان كىشىگە ئاللاھ ئون قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن دەپ ۋەدە قىلغان، زېمىندا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە نەسەبى ئەڭ ئالى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاڭلار.

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى،ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن، پەزىلەتلىك مۇھاجىرلاردىن، ئېسىل خىسلەتلىك ئەنسارىلاردىن رازى بولغىن. سىنىڭ سىخىلىقىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن، دىن دۇشمەنلىرىنى تاغۇتلارنى تارمار قىلغىن.

ئى ئاللاھ! پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا خىيانەتچى مەككار يەھۇدىيلارنىڭ ئۈستىدىن ياردەم بەرگىن، ئۇلارغا غەلبە ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! ئەقسا مەسچىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىپلاس نىجىسلىقىدىن پاكلىغىن.

ئى ئاللاھ! (ئۆزۈڭ بىلىسەن، زېمىن ئۇستىدە ئاۋازى چىقماي زۇلۇم ئازاۋىدىن ئىڭراۋاتقان مىليونلارچە مۇسۇلمانلار بار، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تارىخىي خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىپ ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن ئۇ بىچارە مۇسۇلمانلارغا ھۆرلۈك ئاتا قىلغىن. ئۇلار سىنىڭ بەندىلىرىڭ، سىنىڭ رەسۇلۇڭنىڭ ئۇممىتىدۇر، ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلغىن، ئۇلار ئىچىدىكى ياشلارغا بىرلىك ۋە جەسۇرلۇق ئاتا قىلغىن. ئۇلار ناھەق بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىپ بارىدۇ، ئۇ شېھىتلەرگە جەننىتىڭدىن ئورۇن بەرگىن، ئۇلارنىڭ ئەھلى ئاياللىرىغا سەۋرى ئاتا قىلغىن. يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەسۇر ئىمانلىق دىن، ۋەتەن، مىللىتى ئۈچۈن ئىمانىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان يىگىتلەرنى يېتىشتۈرۈپ بەرگىن. ئۇلار چوقۇم ساڭا سېغىنىدۇ ۋە ھەممە ئىشلىرىدا ساڭا تەۋەككۇل قىلىدۇ. سەن ھەرقانداق تاغۇت مۇتەكەببىر زالىم ھاكىمىيەتنى تارمار قىلغۇچى زاتتۇرسەن، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل -م-).

ئى ئاللاھ! ئىككى ھەرەمنىڭ شەھەرلىرىگە ئىززەت ھۆرمەت، تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى جۇغلىغىن. ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا، ھەج قىلغۇچى، ئۆمرە قىلغۇچى ۋە زىيارەت قىلغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى توغرا يولغا، تەقۋالىققا يېتەكلىگەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن، ۋابا كسىلىدىن، جازانە خورلۇقتىن، زىناخورلۇقتىن، يەرتەۋرەش ئاپىتىدىن، ھەر خىل قىيىنچىلىقلاردىن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ناچار قەبىھ پىتنىلەردىن، مۇسۇلمان ئاياللاردىكى يىرىم يالىڭاچلىق ھاياسىزلىقتىن ساقلىغىن.  بىزدىن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن ۋاپات بولغان كىشىلەرنى مەغپىرەت قىلغىن. سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ۋە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بەرگىن. بالا مۇسىبەتكە گىرىپتار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ساقلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغىن، بىز بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن بىزگە ياردەم بەرگىن. كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ تۆۋە قىلغان كىشىلەرگە مەغپىرەت ئاتا قىلغىن. سەن تەرەپكە قايتىدىغان كىشىلەرگە قايتىش پۇرسىتى بەرگىن، بىزلەرنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھەقىقى تۆۋە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر،ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.  

                                                               

                                                     

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top