শিয়া উপদল সম্পর্কে বিস্তারিত

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: শিয়া উপদল সম্পর্কে বিস্তারিত
ভাষা: উইগুর
মুফতী: আব্দুল আযীয ইবন আবদুল্লাহ ইবন বায
অনুবাদক: আসমা বিনতে আব্দুল আজীজ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: আমাদের অবশ্যই শিয়া ও আহলে সুন্নাহর মধ্যে পার্থক্যগুলো জানতে হবে। এ সম্পর্কে এ উপস্থাপনা।
সংযোজন তারিখ: 2008-07-16
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/163407
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
شىئەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار
1.1 MB
: شىئەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار.doc
2.
شىئەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار
135.4 KB
: شىئەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

شىئەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار

 

97448 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال: بىز سۈننىي ۋە شىئەلەرنىڭ پەرقىگە دائىر مەلۇماتقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدۇق. بىزگە شىئەلەرنىڭ ئېتىقادىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز؟.

 

جاۋاب: مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

شىئەلەر بىر قانچا پىرقىگە بولۇنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كافىر بولۇپ، ئەلىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.ھەتتا ئۇنى خۇدالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ.  فاتىمەگە، ھۇسەيىنگە ۋە باشقىلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جىبرىئىل (ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن) ۋەھىينى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەرلىك مۇھەممەد ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەمەس، بەلكى ئەلىگە چۈشۈرۈلمەكچى ئىدى دىگەن سەپسەتەلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىمامىيە تەرىقىسىدىكىلەر(راپىزى) ئىسنا ئەشەرىييە(ئون ئىككى ئىمام تەرىقىسى) قاتارلىقلارمۇ  ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا گە ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۆز ئىماملىرىنى پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ.

ئۇلار تۈرلۈك كۈز قاراشلاردا بولۇپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى كافىر، بەزىلىرى كافىر ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇراھالراقلىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى باشقا ئۈچ خەلىفە (ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار) دىن ياخشى دەپ قارايدۇ. بۇنداق قارىغۇچى كافىر بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەققىدە خاتالاشقان بولىدۇ.  چۈنكى ئەلى تۆتىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەرۇل فارۇق ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۇنىڭدىن ئەۋزەلراقتۇر. ئەگەر كىمكى ئەلىنى قالغان ئۈچەيلەندىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ خاتالاشقان بولىدۇ ھەم ساھابىلەرنىڭ ئىجماسىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، لېكىن كافىر بولمايدۇ. شىئەلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىلىرى ۋە تۈرلىرى بار. ئۇلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغانلار تۆۋەندىكى نوپۇزلۇق كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ: مۇھىببۇددىن ئەل خەتىبنىڭ « ئەلخۇتۇتۇل ئەرىدەھ »، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ  « مىنھاج ئەسسۇننەھ » ، ئىھسان ئېلاھى زەھىرنىڭ «  شىئە ۋە سۈننىي »  قاتارلىق ئۇندىن باشقا مۇشۇ مەزمۇندىكى ئۇلارنىڭ خاتا كۆز قاراش ۋە ئېتىقادلىرىنى يورۇتۇپ بىرىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشىنى تىلەيمىز.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچارلىرى ئىمامىيلەر، ئىسنا ئەشەرىيلەر ۋە نۇسەيرىيلەر بولۇپ، ئۇلار زەيد ئىبنى ئەلى دەسلەپكى ئىككى خەلىفە ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرنى ئىنكار قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ  ئۇنىڭغا قارشى چىققاچقا، راپىزە دەپ ئاتالغان. بىر ئادەم ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتالمايدۇ، ئەمما ئىسلامدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلسا دەۋاسى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئۆلچىمىگە سىلىنىپ قاراپ چىقىلىدۇ. كىمكى پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىدىكەن ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئەگىشىدىكەن، ئۇ ھەقىقىي مۇسۇلماندۇر. ئەمما كىمىكى ئىسلامدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىكەنۇ يەنە بىر تەرەپتىن  فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاگە، بەدەۋىگە، ئەيدرۇسقا ۋە ياكى ئاللىقانداق نېمىلەرگە ئېتىقاد قىلسا ئۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ. ئاللاھدىن ئىمانىمىزغا مۇستەھكەملىك، ئېتىقادىمىزغا ساغلاملىق تىلەيمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىرى ئىمانىغا كۆڭۈل بۆلمىسە، دىننى تىللىسا، ناماز ئوقۇمىسا، ئۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇ مۇسۇلمان ئەمەستۇر. شۇنداقلا كىمكى دىننى، نامازنى، زاكاتنى ۋە روزىنى كۆزگە ئىلمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نى كۆزگە ئىلمىسا، ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە، ئۇنى نادان دېسە، ۋەھىينى تولۇق ياكى ئېنىق يەتكۈزمىگەن دېسە شۇ كىشى كافىردۇر. ئاللاھتىن ئىمانىمىزنى ساغلام قىلىشنى، بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى سورايمىز.

 

شەيخ ئىبنى بازنىڭ مەجمۇئەل فەتىۋا كىتابىدىن ئىلىندى 257/28

 

Go to the Top