คำภีร์อินญีลที่ใช้อยู่ปัจจุบันถูกเขียนขึ้นหลังจากนบีอีซาเสียชีวิตแล้ว

ฟัตวา การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: คำภีร์อินญีลที่ใช้อยู่ปัจจุบันถูกเขียนขึ้นหลังจากนบีอีซาเสียชีวิตแล้ว
ภาษา: อุยกูร์
มุฟตี: มุหัมมัด ศอลิหฺ อัล-มุนัจญิด
ผู้แปล: มุหัมมัด ยูซุฟ
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: ถาม-ตอบอิสลาม islam-qa.com
คำอธิบายโดยย่อ: คำภีร์อินญีลที่ใช้อยู่ปัจจุบันถูกเขียนขึ้นหลังจากนบีอีซาเสียชีวิตแล้ว
วันที่เพิ่ม: 2008-07-14
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/162976
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - เบ็งกอล
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
ھازىرقى خىرستىئانلار قولىدىكى ئىنجىللار ئەسلى نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن
1.4 MB
: ھازىرقى خىرستىئانلار قولىدىكى ئىنجىللار ئەسلى نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن.doc
2.
ھازىرقى خىرستىئانلار قولىدىكى ئىنجىللار ئەسلى نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن
130.7 KB
: ھازىرقى خىرستىئانلار قولىدىكى ئىنجىللار ئەسلى نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن.pdf
คำอธิบายโดยละเอียด

 

ھازىرقى خىرستىئانلار قولىدىكى ئىنجىللار ئەسلى نۇسخىسىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن

 

 47516 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

 مەلۇمكى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىدا  ئاللاھ تائالا ئىنجىلنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن. لېكىن مەسىھ ھەققىدىكى بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇغىنىمدا، ئىنجىل ئىسا ئەلەيھىسسالامغا كەلمىگەن، بەلكى ئۇنى ئۇنىڭ مۇرىتلىرى كېيىنچە يېزىپ چىققان دېيىلىدۇ. بىز بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىمىز؟

جاۋاب:

بۇ ئىككى سۆز ئارىسىدا زىتلىق ياكى ئىختىلاپ يوق. سەۋەب ئىككى ئىشنى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمىزدا. ھەر ئىككىسى توغرىدۇر.

بىرىنچى مەسىلە ئىنجىلنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەنلىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش پەرزدۇر. چۈنكى ھەقىقى ئىنجىلنى ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن. ئاللاھنىڭ پۈتۈن كىتابلىرىغا ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.ئاللاھ مۇنداق دېگەن:« پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى اﷲ غا ۋە اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) « اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: « بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر  يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ»(بەقەرە سۈرىسى 285- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىلنىڭ ئىمان ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ:« ئىمان- ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، كىتابلىرىغا، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق - يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش» دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

شۇنىڭدەك يۇقىرىقىلارغا ئىنكار قىلىش ياكى شەك كەلتۈرۈش ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ۋە كۇپرىلىقتۇر. « ئى مۆمىنلەر! اﷲ غا، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە اﷲ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ  پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ»(نىسا سۈرىسى 136- ئايەت).

ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:« شۈبھىسىزكى، اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، اﷲ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (اﷲ غا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر - ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇپرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار. ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ)راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق »(نىسا سۈرىسى 150- 151- ئايەتلەر).

ئەمدى ئىككىنچى مەسىلە، ھازىر كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا بولىۋاتقان ئىنجىللارغا كەلسەك، بىزنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەسلى ئىنجىلغا ئىمانىمىز كامىل بولسىمۇ، ھازىرقى ئىنجىللارنىڭ ھېچقايسىسى ئاللاھ چۈشۈرگەن ھەقىقىي ئىنجىل ئەمەس. پەقەت قۇرئان كەرىمدىن باشقا ساماۋىي كىتابلارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ چۈشۈرگەن پېتى ساقلانغان ئەمەس. بەلكى خرىستىئانلارمۇ قوللىرىدىكى ئىنجىللارنى ئاللاھتىن چۈشكەن ئىنجىللار دېيەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئىنجىللارنى ئىسا ئەلەيھىسسالام يازغان دەپمۇ دەۋا قىلالمايدۇ. دېيەلىسە ئىسا زامانىدا يېزىلغان دەيدۇ. ئىبنى جەرىر مۇنداق دېگەن:« بىز يەھۇدىيلارنىڭ قولىدىكى ساختا تەۋراتنىڭ ئاللاھ چۈشۈرگەن ھەقىقىي تەۋرات ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل - ئىسپات كەلتۈرۈشكە ھاجەت بولغىنىمىز بىلەن خرىستىئانلارنىڭ قوللىرىدىكى ئىنجىللارنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن كەلمىگەنلىكىگە دەلىل - ئىسپات كەلتۈرۈشكە ھاجەت ئەمەسمىز. چۈنكى يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇمىسى قوللىرىدىكى تەۋراتنى ئاللاھ تەرىپىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن تەۋرات دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بۇ گۇمانلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن دەلىلى - ئىسپات كەلتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما خرىستىئانلار بىزنى بۇ جاپادىن بىھاجەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار قوللىرىدىكى ئىنجىللارنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دەپ دەۋا قىلمايدۇ. ھەتتا ئىسا ئەلەيھىسسالام يازغان دەپمۇ دەۋا قىلمايدۇ. ئۇلار بۇ مەشھۇر 4 ئىنجىلنى ئىسىملىرى مەنسۇپ قىلىنغان 4 شەخسنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن خېلى كېيىن يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىرىنچىسىنى مەتتا ئىسىملىك بىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن 9 يىل كېيىن يەھۇزانىڭ يۇرتىدا ئىبرانى تىلىدا يېزىپ چىققان تارىخ كىتاب. ھەجمى ئوتتۇرا خەت بىلەن 28 ۋاراق ئىدى. ئىككىنچىسىنى شەمئۇننىڭ مۇرىتى ماركوس ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن 22 يىل كېيىن يېزىپ چىققان تارىخ كىتاب. ئۇنى ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئانتاكىيە شەھىرىدە يۇنان تىلىدا يېزىپ چىققان. بەزىلەر بۇ ئىنجىلنى ئەسلى شەمئۇن يازغان كېيىن ئۆز ئىسمىنى ئۆچۈرۈپ مۇرىدى ماركوسقا مەنسۇپ قىلغان دەيدۇ. بۇ ئىنجىلنىڭ ھەجمى 24 ۋاراق ئىدى.  ئۈچىنچىسىنى ئانتاكىيەلىك دوختۇر ۋە شەمئۇننىڭ مۇرىدى لۇقا دېگەن كىشى يېزىپ چىققان تارىخ كىتاب بولۇپ، يۇنان تىلىدا يازغان. تۆتىنچىسى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇرىدى يۇھەننا ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاتمىش نەچچە يىل كېيىن يۇنان تىلىدا يېزىپ چىققان تارىخ كىتابتۇر. ھەجمى ئوتتۇرھال خەت  بىلەن 24 ۋاراق ئىدى.

ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: خرىستىئانلارنىڭ قوللىرىدىكى ئىنجىللار مەتتا، لۇقا، ماركوس ۋە يۇھەننا قاتارلىق 4 ئىنجىلدۇر. ئۇلار لۇقا بىلەن ماركوسنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىغا ئىتتىپاقتۇر. پەقەت مەتتا بىلەن يۇھەننا ئىككىسىلا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن. بۇ ماقالىلارنى ئۇلار ئىنجىل دەپ ئاتىغان. ئۇلار بۇلارنى ئاللاھ تەرىپىدىن ياكى ئىسادىن كەلگەن كىتاب دەپ قارىمايدۇ. بۇلار پەقەت ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە مۆجىزىلىرىنى سۆزلىگەن كىتابلاردۇر.

مۇندىن باشقا يەنە ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن يېزىلغان بۇ ئىنجىللارمۇ يېزىلغان پېتى قالمىغان. چۈنكى تۇنجى نۇسخىسى يوقىلىپ كېتىپ، كېيىنچە بىلگەنچە توپلانغان.

ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن: ئەمما خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدا پەقەت ئىختىلاپ يوق مەسىلە شۇكى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا پەقەت 120 كىشى ئەگەشكەن. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئىمانىنى يوشۇرۇپ يۈرەتتى. چۈنكى يەھۇدىيلار بىلىپ قالغانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلار مۇشۇنداق زور قىيىنچىلىقتا ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن 300 يىل داۋام قىلدى. بۇ ئارىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقىي ئىنجىل يوقاپ كەتتى. پەقەت ئاز قىسمىلا ساقلىنىپ قالدى. ئاللا بۇ ئاز قىسىمنى ئۇلارنىڭ زىتتىغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان بولىشى مۇمكىن. قۇستىنتېن پادىشاھ خرىستىئان دىنىغا كىرگەنگە قەدەر خرىستىئانلار دىنىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. مۇنداق بىر تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بىر دىننىڭ مەنبەلىرىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ نەقىل كەلتۈرۈش توغرا ئەمەس.

مۇندىن باشقا يەنە ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت يوقىلىپ كېتىپ، كېيىنچە ئاغزاكى رىۋايەتلەر ئارقىلىق قايتا توپلانغان، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى يېزىلغان تىلىدىكى ھالىتى بىلەن قالماستىن باشقا تىللارغا قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىلىرىلا قېلىپ قالغان مۇنداق بىر كىتابلارغا قانداق ئىشەنچ قىلغىلى بولسۇن! مەزكۇر 4 ئىنجىلنى ئەسلى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلارمۇ خرىستىئانلارغا نامەلۇمدۇر. ئۇلارمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا دەيمىزكى خرىستىئانلارنىڭ قولىدىكى ھازىرقى ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن ئەسلى ئىنجىل ئەمەس. ئاللاھ تائالا نىسا سۈرىسىنىڭ 82- ئايىتىدە  قۇرئان كەرىمنى تەرىپلەپ« ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) اﷲ دىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى» دېگەن.  ئاللاھتىن كەلگەن كىتابتا ئىختىلاپ ۋە ئۆزگەرتىش بولمايدۇ.

 

 

Go to the Top