من حفظ حدود الله حفظه في الدنيا والآخرة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: من حفظ حدود الله حفظه في الدنيا والآخرة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام في مكة المكرمة التي ألقاها فضيلة الشيخ صالح بن محمد آل طالب 23/6/1429 هجري فبين حفظه الله في خطبته إن العبد إذا حفظ الله عز وجل في أوامره ونواهيه، حفظه الله عز وجل في كل أموره وشئونه وحياته، ودور الأذكار اليومية في حياة المسلم وحصول على حماية الله من المصائب إذا داومه، وجميع الأمور في الكون يكون بإرادة الله-تعالى-وبعلمه-سبحانه- .
تأريخ الإضافة: 2008-07-01
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/156396
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانغا ھېچقانداق كۈچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ
1 MB
فتح: ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانغا ھېچقانداق كۈچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.doc
2.
ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانغا ھېچقانداق كۈچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ
109.3 KB
فتح: ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانغا ھېچقانداق كۈچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.pdf
نبذة موسعة

 

ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانغا ھېچقانداق كۈچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ

 

مەككە مۇكەررەمە  ھەرەم مەسچىتىنىڭ 23/6/1429ھـ  2008-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

" ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانغا ھېچقانداق كۈچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلا! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھىمايە قىلغان كىشى خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشىنى ھىمايىسىگە ئالىدىكەن داۋاملىق ئاللاھنىڭ كۈزىتىشىدە بولىدۇ، شۇنداقلا قەلبى خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىققا چۆمىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى ۋە مەرھىمىتىدۇر. سىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ، بارلىق ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھ تەرەپكە قايتسىڭىز ئاللاھ سىزنى بارلىق خەتەرلەردىن ساقلايدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ خوجىسى ھېسابلىنىدىغان ئايەتۇلكۇرسى قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئولۇغ ئايەتتۇر. بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلاتۇ ۋەسسالامغا كىچىدە نازىل بولغاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋەھىي كاتىپلىرىدىن بولغان زەيد ئىبنى سابىتنى چاقىرىپ يازدۇرغان. ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن نەقلى دەلىللەر ئىنتايىن كۆپتۇر. ئايەتۇلكۇرسىنى ئەتتىگەن ئاخشاملاردا ئوقۇش، ئۇيقۇدىن بورۇن ئوقۇش، ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇش سۈننەت. بۇ ئايەت، تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت ۋە تەۋھىدى رۇبۇبىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرەپلىك ئايەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمى سۈپەتلىرى ئاشكارا، يوشۇرۇن بولۇپ 18 قېتىم زىكىر قىلىنغان.

مۇسۇلمان ھاياتىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىپ، تەدبىرلىك،ھېكمەتلىك بولسا، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چەتنەپ كەتمىسە، ئاللاھ ئۇكىشىنى ھەرقانداق خېيىم-خەتەردىن ساقلايدۇ.  بەزى مۇھەققىق ئالىملارنىڭ دېيىشىچە: «ئەلھەييۇلقەييۇم» ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەزەملىرىدىن بىرى. ئاللاھنى قانداق بەندە قاچان چاقىرسا ئىجابەت قىلىدۇ. نېمىنى سورىسا بىرىدۇ.  ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا خاستۇر. ھاكىمىيەتتە، ئىبادەتتە ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر. ئاللاھ كىمگە خالىسا بېرىدۇ، كىمدىن خالىسا توسۇپ قويىدۇ. بارلىق كائىنات ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئاستىدا. بارلىق مەخلۇقلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا خاردۇر. ئاسمان -زىمىن ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدا. ئىنسان،جىن، ئۇچارقۇش، ھايۋان، جانلىق،جانسىز مەخلۇقلار ھەممىسى يىگانە ئاللاھنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرىشىدا بولىدۇ.

ئەگەر ئىنسان بۇ ھەقىقەتنى بىلسە، ئىنساننىڭ قولىدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىكەنلىكىنى تۇيىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئاللاھنىڭ ئورۇنباسارى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ھېچقاچان قارشى چىقمايدۇ. شۇ ھەقىقەتنى بىلىش كېرەككى ئىنسان ھېچقانداق ئىشىدا ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

ئىنسان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئىنساننىڭ قولىدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا ۋاقىتلىق ئارىيەت بىرىلگەن نەرسىدۇر. ئىنسان ئۆلۈش بىلەن قولىدىكى ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ ھەقىقەتلەر ئىنساننى ھەددىدىن زىيادە ھېرىسمەنلىك، تەمەخورلۇق، بېخىللىق، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۇرىدۇ.

دۇنيادىكى ئاللاھقا ئەڭ يېقىن پەيغەمبەر، كۈچلۈك پادىشاهلارمۇ ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسىدۇر. بەندىلىك ماقامى ھېچقاچان ئىلاھلىق ماقامىغا ياندىشالمايدۇ.  ئەۋلىيا،ئەنبىيالارنىڭ ئاللاھقا بولغان يېقىنلىقى قانچە چۇڭقۇر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە رازىلىقىسىز شاپائەت قىلىش ھەققىمۇ بولمايدۇ. شاپائەتنىڭ ئەسلى، ئورنى بار، سابىت بىر ئىش بولسىمۇ، يەنىلا مۆمىن، مۇۋەھھىد بەندىلەرلا شاپائاەتكە لايىق بولالايدۇ. كافىر، مۇشرىكلارنىڭ شاپائەتتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ.

ئاللاھ كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ سىرلىرىنى، ئۇنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى بىلگۈچىدۇر . ئۇئىنسانلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىدۇ. ئاشكارا،مەخپى ھاللىرىدىن خەۋەردار. ئۆتمۈشى، كەلگۈسىمۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەس. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يوشۇرغانلىرى، ئويلىغانلىرىنى ئېغزىدىن چىقىرىشتىن بورۇن بىلگۈچىدۇر. چۆل-سەھرا، دېڭىز ئوكيانلاردىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. دەرەختىن يەرگە چۈشكەن  بىر ياپراقمۇ ئاللاھنىڭ بىلىم دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ. يۇقۇرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز لايىقىدا ئىمان كەلتۈرۈش ئىنساندا ھەقىقىي تەقۋالىقنى قوزغايدۇ. ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا ئاللاھتىن قورقۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.چۈنكى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن ھېچنەرسە يوشۇرۇن قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ جازا،مۇكاپاتىدىن ھېچبىر شەخس قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.

ئەپسۇسكى ئىنسانلارنىڭ كۆپلىرى ئاللاھنىڭ بۇنداق چەكسىز قۇدرىتىنى ئاڭقىرالمايۋاتىدۇ. ئىنسانلارئىچىدە ھېچقانداق كىشى ئاللاھ بىلدۈرگەن نەرسىدىن سىرت ھېچنەرسىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس.  ئىنسانىيەت ھازىرقى تەرەققىياتتا بىلىم سەۋىيسى يۈكسلىپ ئايغا چىققان،زامانىۋى تېخنىكىلاردا ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە زامانىۋىلاشقان بىر سەۋىيىگە يەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئاللاھ بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلىشكە قۇدرىتى يەتمەيدۇ. بىلگەن، كەشپىيات قىلغان نەرسىلىرىمۇ پەقەتلا ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنى ئىرادە قىلغان بىلىم ۋە تەرەققىياتتىن ھالقىمايدۇ.

 

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top