Küfrün Mahiyeti ve Mefhumu

Makaleler Materyal hakkında bilgi
Adres: Küfrün Mahiyeti ve Mefhumu
Dil: Uygurca
Yazan: N. Temkinî
Gözden geçiren: N. Temkinî
Yayınlayan: Rabva İslâmî Dâvet Bürosu - Riyad/S. Arabistan
Kısa Tanım: Bu makale, okuyucuya küfrün sözlük ve terim anlamını, çeşitlerini, fert ve toplum üzerindeki tehlikesini Kur’an ve Sünnetten delillerle açıklamaktadır.
Eklenme tarihi: 2008-06-23
Kısa link: http://IslamHouse.com/154559
Bu başlık, aşağıdaki konulara göre sınıflandırılmıştır:
Bu kart aşağıdaki dillere çevrilmiştir: Uygurca - Arapça - Taylandça - Boşnakça - Bengalce - Malayalam - Özbekçe - İngilizce
Materyalin İlişikleri ( 2 )
1.
كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە
60.7 KB
: كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە.pdf
2.
كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە
35.5 KB
: كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە.doc
Ayrıntılı bilgi

 

كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

      بىر قىسىم ئىنسانلار مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ھاياتى جەريانىدىن خەۋەرسىز، ئاڭسىز ھالدا ياشاشنى (ئىلاھى قانۇنىيەت ئاساسىدا) داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ياراتقان ئىگىسىنى تونۇش ئۈچۈن ئەقلىنى، زېھنىنى ۋە سەزگۈ قابىلىيىتىنى ئىشلەتمەستىن، ئىنكار قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىشلىتىپ ئاللاھقا  ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى كورۇۋالالايمىز.

     كۇپۇرنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى، يوشۇرماق ، يۈگىمەك، پەردىلىمەك دىگەن مەنالارنى بىرىدۇ. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبېئىتىدىكى (يارىلىتىشىدىكى) ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ. (چۇنكى ئىنسان پىترەت ئۇستىگە تۇغۇلىدۇ) ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ، ئەزالىرى، مۇسكۇل ۋە نېرۋىلىرىنىڭ ھەربىر تالاسى تەبىئي قانۇنىيەتكە بوي سۇنغان ھالدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھى قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۇرمەكتە.

    كۇپۇر، جاھالەت (بىلىمسىزلىك، نادانلىق) نىڭ ئۆزى دىمەكتۇر، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە بىردىن بىر ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەئالانى بىلمەسلىكتىنمۇ بۈيۈك جاھىللىق ۋە نادانلىق بولماس! ئىنسان ئەتراپىدىكى تەبىئەتنىڭ چەكسىز مەنزىللىرىنى، كېچە-كۈندۈز توختىماستىن ئىشلەۋاتقان ئاجايىپ تەبىئەت مېخانىزىمىنى ھەمدە كائىناتنىڭ ھەر يىرىدە ئاشكارا مەۋجۇد بولغان بۈيۈك مەۋجۇداتلارنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ بۇلارنى ياراتقان ۋە ئىدارە قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنى تونۇماسمۇ!؟ مۇكممەل بىر شەكىلدە ئىشلەۋاتقان كەم كۈتىسىز بىر ئورگانىزمدىن ئىبارەت ۋۇجۇدىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزى خالىغان مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. لېكىن، بۇلارنى ياراتقان قۇدرەتنى، بۇ مېخانىزىمىنى سېزىپ پىلانلىغان ئىنژېنېرنى تونۇمايدۇ ۋە ياكى تونۇشقا ئىنتىلمەيدۇ. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ جاھالەت قاراڭغۇلىقى ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۇرگىنى يۇرگەن. 

   ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇنىڭغا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشنى تەۋسسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئائىت بىلىملەرنى ئۈگۈنۇش ۋە ئەمىلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمىتىگە كۇپۇر قىلماق، ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زۇلۇم قىلغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا اﷲ زۇلۇم قىلمىدى ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»ئال ئىمران سۈرىسى 117-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 دىمەك بىزنىڭ ھاياتتا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە خاتىرجەملىك تۇرمۇشقا ئىرىشىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئىكەن، ئۇنداق بولغانىكەن، بېز نېمىشقا ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۇممىتى ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىمىزنى ئىسپاتلىشىمىزغا نېمە توسقۇنلۇق قىلار؟ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، اﷲ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان اﷲ تىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ» رەئد سۈرىسى 11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئاللاھ ھەممىمىزنى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى توغرا يولغا يىتەكلىشىنى ۋە ئۆز رەھمىتىگە ئىلىشىنى سورايمەن.

 

Go to the Top