تسخط الزوج إذا ولدت زوجته بنتاً

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: تسخط الزوج إذا ولدت زوجته بنتاً
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: بعض المسلمين هداه الله إذا رزقه الله بنتاً تسخط بها ، وضاق ذرعاً بمقدمها ، وأعرف من هدد زوجته بالطلاق إذا أنجبت بنتاً ، نرجو إلقاء الضوء من الشريعة الإسلامية على هذا الموضوع ؟.

تأريخ الإضافة: 2008-05-20
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/144385
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري - بنغالي - تايلندي
المرفقات ( 2 )
1.
ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى
1.1 MB
فتح: ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى.doc
2.
ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى
130 KB
فتح: ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى.pdf
نبذة موسعة

 

ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى

نومۇرلۇق سوئال11422

سوئال:

بەزى مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرى قىز تۇغۇلسا دەرتلىنىدۇ، ھەتتا ئەگەر ئايالى قىز تۇغسا تالاق قىلىش بىلەن تەھدىد قىلغانلارمۇ  بار. بۇ ھەقتە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلار؟.

جاۋاب:

ئاللاھ قىز پەرزەنت بەرسە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىق جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. قۇرئان ۋە  ھەدىسلەردە  مۇنداقلار قاتتىق سۆكۈلگەن. بەزى دوختۇرخانىلاردا ئاياللىرى قىز تۇغقانلارنىڭ ھالىغا قارىسىڭىز ئۇلاردا ئەينەن جاھىلىيەتنىڭ تەسىرىنى ۋە جاھىلىيەت قالدۇقلىرىنى كۆرىسىز. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش. ئاللاھ مۇنداقلارنى سۆكۈپ « ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى اللەغا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!»(نەھل يۈرىسى 58-59- ئايەتلەر).

بەزى دوختۇرخانىلاردا بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى رەسىمگە ئېلىش ئارقىلىق بىلگەن ئەرلەرنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. بالا ئوغۇل بولسا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى خوشاللىقتىن كۈلىدۇ. ئەگەر قىز بولسا چىرايلىرى تۈرۈلۈپ بىگۇناھ ئايالىغا ئازار قىلىدۇ. بۇ ئەينەن جاھىلىيەت ئەخلاقى ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدا ئايالنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ بۇنداق نارازىلىقنىڭ خەتەرلىرى چوڭدۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1 . مۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق.

2 . مۇنداق قىلىش ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئورنىغا نا شۈكۈرلۈك قىلغانلىق. مۇنداقلار ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولغۇچىلاردۇر.

3 . مۇنداق قىلىش ئايالىنى خورلىغانلىق، شەنىنى چۈشۈرگەنلىك ۋە ئۇنىڭدىن قولىدىن كەلمەيدىغان ئشنى تەلەب قىلغانلىق.

4 . مۇنداق قىلىش ئەبگالىق ۋە ئەخمەقلىق ۋە ئەقىلسىزلىق.

5 . مۇنداق قىلىش جاھىلىيەت ئەخلاقىنى داۋام قىلدۇرغانلىق.

مۇسۇلمان ئادەم مۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئۆزىنى مۇنداق ھالاكەتتىن قۇتقۇزىشى لازىم. ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا رازى بولۇش پەرزدۇر. رازىمەنلىك مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى.

قىزلارنىڭ ئارتۇقلىقى ھەممىگە مەلۇم مەسىلە. ئۇلار ئانىلىرىمىز، ئۇلار قىزلىرىمىز، ئۇلار ھەدە - سىڭىللىرىمىز، ئۇلار ئاياللىرىمىز، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ يېرىمى. جەمئىيەتنىڭ يېرىمى بولغان ئەرلەرنىمۇ شۇلار تۇغىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەممىسىدۇر.( ئىبنى قەييىمنىڭ « يېڭى تۇغۇلغان بالا توغرۇلۇق ئەھكاملار»ناملىق ئەسىرى 16- بەت).

قىزلارنىڭ ئارتۇقلىقىنى ئاللاھ بايان قىلىپ، ئۇلارنى ئوغۇللارنىڭ بايانىغا ئىلگىرى قىلغان:« اللە نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ»(شۇرا سۈرىسى49- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قىزلارنى ئارتۇق سانىغان ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان.ئۇ مۇنداق دېگەن:« كىمكى مۇشۇ قىزلارنىڭ خاپىلىقنى تارتىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۇلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇزاختىن قالقان بولىدۇ». (مۇسلىم).

الترجمات ( 1 )
Go to the Top