สามีของนางเป็นคนดืมเหล้า นางจะบาปไหมที่อยู่ร่วมกับเขา ?

ฟัตวา การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: สามีของนางเป็นคนดืมเหล้า นางจะบาปไหมที่อยู่ร่วมกับเขา ?
ภาษา: อุยกูร์
มุฟตี: มุหัมมัด ศอลิหฺ อัล-มุนัจญิด
ผู้แปล: มุหัมมัด ยูซุฟ
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: ถาม-ตอบอิสลาม islam-qa.com
คำอธิบายโดยย่อ: สามีของนางเป็นคนดืมเหล้า นางจะบาปไหมที่อยู่ร่วมกับเขา ?
วันที่เพิ่ม: 2008-05-11
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/142839
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - เบ็งกอล
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
ئېرى ھاراقكەش بولسا ئۇنىڭ بىلەن ياشىغان ئايالنىڭ ھۆكمى
1.1 MB
: ئېرى ھاراقكەش بولسا ئۇنىڭ بىلەن ياشىغان ئايالنىڭ ھۆكمى.doc
2.
ئېرى ھاراقكەش بولسا ئۇنىڭ بىلەن ياشىغان ئايالنىڭ ھۆكمى
241.4 KB
: ئېرى ھاراقكەش بولسا ئۇنىڭ بىلەن ياشىغان ئايالنىڭ ھۆكمى.pdf
คำอธิบายโดยละเอียด

 

 

ئېرى ھاراقكەش بولسا ئۇنىڭ بىلەن ياشىغان ئايالنىڭ ھۆكمى

 

10831- نومۇرلۇق سوئال
 

سوئال:

ئايال كىشى ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ھاراقكەش بولسا قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ كۆپ قېتىم قارشى چىقتى، لېكىن توختىتالمىدى. ئايال ئېرىنىڭ بۇ يامان ئىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭمۇ جازالىنىشىدىن قورقىدۇ. ئېرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بۇزۇشنىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇنى سۆيىدۇ. زادى نېمە قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب:

ئالدى بىلەن بۇ ئەرنىڭ ھاراقنى تاشلاپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھاراق ئىچىش ئاللاھنىڭ كىتابى ،پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر.  ئاللاھ مۇنداق دېگەن:« ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان  ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن،قىماردىن) يانمامسىلەر؟ اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر» (مائىدە سۈرىسى 90- 92- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق مەس قىلغۇچى نەرسە ھاراقتۇر ۋە ھەرقانداق ھاراق ھارامدۇر» ( مۇسلىم رىۋايىتى)

پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھېچ ئىختىلاپسىز، كەسكىن ھالدا ھاراقنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار ھاراقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى دىندىكى ئەڭ ئاساسلىق تەلىماتلار قاتارىدىن سانىغان. ئۇنىڭغا شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى، ھاراقنى قەتئىي تاشلىسۇن، ئۇنىڭ ئورنىغائاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى قوللانسۇن. ھاراق پاسكىنىلىقلارنىڭ ئانىسى ۋە پۈتۈن يامانلىقنىڭ ئاچقۇسىدۇر. ئاللاھ ھاراق ئىچىپ تەۋبە قىلمىغانلار ئۈچۈن قاتتىق ئازابنى ۋەدە قىلاغن. جابىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« ھاراق ئىچكەنلەرنى قىيامەت كۈنى دۇزاخ ئەھلىنىڭ تەرلىرى بىلەن سوغۇرۇش بىلەن ئازابلاش ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر.»(مۇسلىم رىۋايىتى).

ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش، ھاراقنى تاشلاشقا چىن دىلىدىن بەل باغلاش بىلەن ئۇنى تاشلىغىلى بولىدۇ. ئەمما ھاراقكەشنىڭ ئايالى بولغان ئەي مۇسۇلمان ئايال! سىزگە ئېرىڭىزنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكى سەۋەبلىك گۇناھ يوق. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى قىلمىغان ئىش ئۈچۈن جازالىمايدۇ. « بىراۋ بىرانىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بەلكى سىز ئېرىڭىزنى ھاراق ئىچمەسلىككە دەۋەت قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش بىلەن ساۋاب تاپىسىز. مۇنداق ئەر بىلەن ئەر - خوتۇنچىلىق قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ سىزگە گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ھاراق ئىچكەن ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ، كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ. كۆپرەك مەلۇمات ئۈچۈن شەيخ ئۇسەيمىننىڭ  2/890 نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قاراڭ.

 

 

Go to the Top