Kurban bajram

ČLANCI ID kartica
Naslov: Kurban bajram
Jezik: Ujgurski
Autor: Kamil Džan
Revizija: Temkini
Izvor: www.munber.org
Kratki opis: Veselje za ovaj dan se primjeti na svakom vjerniku.
Objavljeno: 2008-04-06
Kratki link: http://IslamHouse.com/99678
Ovaj post je uvršten u sljedeću kategoriju:
Ova ID kartica je prevedena na sljedeće jezike: Ujgurski - Arapski - Tajlandski - Malajalamski - Bangalski
Atačmenti ( 2 )
1.
قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟
1.2 MB
: قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟.doc
2.
قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟
153.5 KB
: قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟.pdf
Detaljni opis

 

قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟

 

ئالدى بىلەن بىز ھەممىمىزنى ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈنلا مۇنبەرگە جەم بولۇشقا ۋە قۇربان ھىيتنى تەبرىكلەشتەك مۇشۇ مۇبارەك سائەتلەرنى بىرگە ئۆتكۈزىشكە مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەددى ـ ھېسابسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن ھەمدە ھەق ئۈچۈن قۇربان بېرىشنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئۆز ئەمەلىي سۈننەتلىرى بىلەن بىزگە ئۆگەتكەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇمەنمىڭلاپ دۇرۇد ـ سالاملار بولسۇن، ئاندىن ھەممىڭلارنىڭ كىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئايەم كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ مەنىۋىي ماھىيىتى بولىدۇ. ماھىيىتى چۈشىنىلمەي ئورۇندالغان ئىش ماھىيەتتە ئۇرۇندالمىغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈن قۇربان ھېيتنى مۇبارەكلەشنى كۇتۇۋاتقان ئىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەنىۋىي ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىمىز لازىم.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىسلام دىنىمىزدا روزا ھىيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئىككىلا بايرام مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار قانداقتۇر باشقا دىنلارنىڭ قۇتلۇق كۈنلىرىگە ئوخشاش، بىرەر تارىخىي ۋەقەگە ياكى بىرەر تارىخىي شەخسنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان كۈنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ. بەلكى پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا باغلىنىشلىق بولىدۇ. روزا ھېيتنى نېمە ئۈچۈن مۇبارەكلەيدىغانلىقىمىزنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز، ئەمما قۇربان ھېيتنىچۇ؟! بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشىنىپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ، قولىغا، قول پۇتىغا پۇت بولىدىغان جاندىنمۇ ئەزىز ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلىنى، جۈملىدىن دۇنيادىكى بىردىن ـ بىر تايانچىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بېجا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ئەشۇ پىداكارانە روھىغا قارىشىمىز لازىم. ئاندىن ياراملىق ئوغلىنىڭمۇ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، جاۋاپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت مانا بۇ ئىمان، ساداقەتنىڭ ھەممىنى لەرزىگە سالغۇچ تەسىرلىك مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىشىمىز لازىم. ئەنە شۇ چاغدىلا شۇنى بىلىپ يېتەلەيمىزكى، قۇربان ھېيتنى مۇبارەكلەش ماھىيەتتە ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن مۆئمىننىڭ قەلبىدە دائىم جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان جاننى قۇربان قىلىش ئىشتىياقىنىڭ قوبۇللۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى قۇتلۇقلىغانلىق بولىدۇ شۇنداقلا ئەشۇ ئوتلۇق ئىشتىياققا تەسكىن بولسۇن ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پادىنى قۇربان قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى قۇتلىغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇش ئۈچۈن ئۇگەتكەن تۆۋەندىكى دۇئامۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن تەپسىرلەپ بېرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بارلىق مۇسۇلمانلار قۇربانلىققا پىچاق سۈرۈشتىن ئىلگىرى:"مەن پۈتۈن ئىخلاس بىلەن ھەممە تەرەپتىن بۇرۇلۇپ، زېمىن ئاسمانلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم. مەن ھەرگىزمۇ شىرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. شەكسىزكى، مىنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ھەممىسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۈر. ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، مەن ئىتائەتمەن مۇسۇلمان (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تۇلۇق بويسۇنغۇچى) بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئى ئاللاھ! مانا بۇمۇ سەن ئۈچۈن ھازىردۇر ۋە سېنىڭ ئاتا قىلغىنىڭدۇر" دېگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئاجايىپ بىر ئىخلاسمەنلىك كەيپىياتىغا چۆمۈلگەن ھالدا ئىتتىك پىچاق بىلەن مالنى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى: "بسم اﷲ اﷲ أكبر، "ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا، ئىي ئاللاھىم! بۇ قۇربانلىقىمنى خۇددى دوستۇڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەبىبىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن" دەپ دۇئا قىلىدۇ.

بۇ دۇئانى قىلىش بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ماھىيەتتە "ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! مانا بىز سېنىڭ مۇسۇلمانلىرىڭ (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچىلىرىڭ)، ساڭا بارلىقىمىز بىلەن بوي سۇنۇش بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز، بىز ساڭا ساداقەتمەنلىكىمىزنى جاكارلىماقتىمىز، سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ پىشىۋايىمىز ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بوينىمىزنى تىغقا تۇتۇپ بېرەلەيمىز. ئى مېھرىبان پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۈزۇڭ بۇ سۈننەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدىڭ، شۇڭا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئەمەس، پادىلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئېقىتىش ئارقىلىق جېنىمىزنى رىزالىقىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلىش ئىشتىياقىمىزغا تەسكىنلىك بەرمەكتىمىز. ھالبۇكى، بىزنىڭ بارلىقىمىز سىنىڭ ئۈچۈندۇر، ئەگەر بىرلا ئىما قىلىدىغان بولساڭ، دىنىڭنىڭ يولىدا ھەر زامان بوينىمىزنى كەستۈرىشكە تەييارمىز، مانا بىزمۇ ھەم بارلىقىمىزمۇ سىنىڭ ئۈچۈندۇر. بىز ھەقىقەتەنمۇ ۋاپادار، جانپىدا بەندىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمىز، پۈتۈن ۋجۇدىمىز بىلەن ئۇلارغا چىن ئەقىدە قىلىمىز" دەپ ئەھدە قىلىدۇ. جۈملىدىن ئاللاھقا بولغان پىداكارلىقىنى ئەنە شۇنداق ئىزھار قىلىدۇ.

دەرھەقىقەت، قۇربان ھېيتنىڭ روھى ھەم بىردىن بىر مەقسىتى مانا مۇشىنىڭدىنلا ئىبارەتتۇر. ناۋادا بۇنداق ھېس، بۇنداق غايە بۇنداق ئىرادىمىز بولمىسا، پەقەتلا پادىلارنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ قويۇش ياكى گۆش يېيىش ۋە تەقسىملەش بىلەن ھەرگىزمۇ ھەقىقىي قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىيەلىگەن بولۇپ ھېسابلانمايمىز. بەلكى ئەكسىچە ھەر يىلى بىر قېتىم گۆش بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، "بىز قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلىدۇق" دېگەن ساختا داۋايىمىز بىلەن ئېغىزىمىزنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن بولىمىز. كەرەملىك ئاللاھ تائالادىن بۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت كۈنلىرىنى ئۇنىڭ تەلىپىگە لايىق قۇربان بېرىش روھىغا چۆمۈلگەن ھالدا ئۆتكۈزىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋە شۇنداقلا جانابى ئاللاھ تائالادىن، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چىرايىدا داۋاملىق تەبەسسۇم كۇلكىسىنىڭ جەۋلان قىلىشىنى سورايمىز.

 

Linkovi koji su relativno vezani za ovaj post ( 1 )
Go to the Top