ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن سىلەرنىڭ تور بەتتىن نامەھرەملەرنىڭ ئارىلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر قانچە پەتىۋالارنى ئوقۇدۇم، مەن بەزى يازمىلاردا زىتلىق بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم، بەلكىم مەن خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن. مەسىلەن: 75945-نومۇرلۇق پەتىۋادا، "ئەر ئۇستازنىڭ قىزلارغا بىۋاستە دەرس ئۆتۈشى توغرا ئەمەس پەقەت ئارىسىدا پەردە تارتىپ ئاندىن دەرس ئۆتىشى كېرەك" دەپ بايان قىلىنىپتۇ. ئاندىن 113431-نومۇرلۇق پەتىۋادا، "ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىزلار ئالى مەكتەپتە ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ دەرس ئالسا بولىدۇ" دەپ بايان قىلىنىپتۇ. مەن ماراكەشتە ياشايمەن، بۇ يەردە قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشى ئائىلىدە بولسۇن، ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى كوچىلاردا كىشىلەر بىلەن بولسۇن كۈندىلىك ھاياتنىڭ نامايەندىسى. ھېچكىم بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ، ھەتتا مەسچىتنىڭ ئىماملىرىمۇ قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىنى توغرا دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشى قايسى دەرىجىگىچە بولسا بولىدۇ بۇنىڭدىكى قائىدىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەرمەيدۇ. مەن ھەرقانداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭ سورايدىغان سوئالىم: بەزىلەر، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ياشايدىغان مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش بولماي تۇرۇپ قانداقمۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ قايسى ئىش ياخشى بولىدۇ؟ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشمۇ ياكى ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشمۇ؟ دەپ سورايدۇ. توغرىسى: بىز ئەركەك ۋە ئايال ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى ئۆيگە چاقىرغاندا ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئۆيگە باشلاپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىدىن ساقلىنالايمىز. لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قالغاندا قانداق قىلىمىز؟، چۈنكى ئۇنداق ھالەتتە ئارىلىشىشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پىتنە بولىشى ئېنىق، بىز قانداق قىلىمىز؟ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان يېقىن كىشىلەر بار. ئاتا-ئانىمىز تەرىپىدىن بولغان تاغا تۇغقانلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ يات ھېسابلىنامدۇ؟، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشى ئومۇملىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە بۇ قىيىنچىلىقتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. لېكىن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدا توغرا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ ئاللاھ تائالا قىلغان خىزمىتىڭلار ئۈچۈن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2015-03-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/821675
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ
281.2 KB
: ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.pdf
2.
ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ
3 MB
: ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.doc
Go to the Top