75 savjeta za mlade

ČLANCI ID kartica
Naslov: 75 savjeta za mlade
Jezik: Ujgurski
Prijevod: Karloki
Revizija: Temkini
Izvor: Centar za prevođenje - Uvjgurija - www.munber.org
Kratki opis: Savjeti upućeni samo mladima.
Objavljeno: 2008-03-22
Kratki link: http://IslamHouse.com/81666
Ovaj post je uvršten u sljedeću kategoriju:
Ova ID kartica je prevedena na sljedeće jezike: Ujgurski - Arapski - Bangalski - Tajlandski - Malajalamski - Uzbekistanski - Turski
Atačmenti ( 2 )
1.
ياشلارغا 75 نەسىھەت
441 KB
: ياشلارغا 75 نەسىھەت.doc
2.
ياشلارغا 75 نەسىھەت
179.9 KB
: ياشلارغا 75 نەسىھەت.pdf
Detaljni opis

 

ياشلارغا 75 نەسىھەت

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق» ئايىتىنى نازىل قىلغان جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمەن. «سىلەرگە ئاللاھدىن قورقۇشقا، بۇيرىقىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا نەسىھەت قىلىمەن» ھەدىسى ئارقىلىق نەسىھەت قىلغان ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.

تەقۋالىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرىغانلىرىنى بىجانىدىل ئۇرۇنداش، توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىدۇ.

ئىبادەت، مۇئامىلە، ئەدەب- ئەخلاق ۋە ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردىكى بۇ قىممەتلىك ئىسلامىي نەسىھەتلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. جانابى ئاللاھنىڭ بۇ نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۇقۇغانلارغا مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى، بۇنى يازغان، تارقاتقان ۋە بۇلارغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجىر ۋە ساۋابلىرىنى قاتمۇقات زىيادە قىلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» نەسىھەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1 - نىيىتىڭنى ئاللاھقا خالىس قىلغىن، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىڭدە رىيادىن ساقلانغىن.

2 - ئەدەب- ئەخلاق، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكىن.

3 - ئاللاھتىن قورققىن، بۇيرىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا، توسقان ھەممە ئىشنى تاشلاشقا بەل باغلىغىن.

4 - ئاللاھقا سەمىمىي رەۋىشتە تەۋبە قىلغىن، كۆپلەپ ئىستىغپار ئېيتقىن.

5 - ئاللاھ تائالا پۈتۈن ھەرىكەت ۋە سۈكۈناتلىرىنڭنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، بىلگىنكى، ئاللاھ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ، قەلبىڭدە يۇشۇرغانلىرىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ.

6 - ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق- يامانلىقنىڭ تەقدىر بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتقىن.

7 - باشقىلارنى قارىغۇلارچە دورىمىغىن، ماقۇلجان بولمىغىن.

8 - ياخشى ئىشلارنى بىرىنچى بولۇپ قىلىۋېلىشقا تىرىشقىن، ساۋابقا ئېرىشىسەن ۋە سەندىن ئۆگىنىپ ئۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ساۋابىغىمۇ نائىل بولىسەن.

9 - «ياخشىلارنىڭ باغچىسى» ۋە «زادۇل مەئاد» قاتارلىق كىتابلارنى ئۆزەڭمۇ ئوقۇغىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرگە ئوقۇپ بېرىشكە ئادەتلەنگىن.

10 - تاھارەت بىلەن يۈرۈشكە ۋە ئۇنى يېڭىلاپ تۇرغىن، ھەمىشە نىجاسەت ۋە ناپاك نەرسىلەردىن يىراق تۇرغىن.

11 - نامازلىرىڭنى - خۇسۇسەن بامدات ۋە خۇپتەننى- دەسلەپكى ۋاقىتىدا جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بول.

12 - ئۆزەڭگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىك ئۈچۈن سامساق ۋە پىيازغا ئوخشىغان پۇرىقى ناچار نەرسىلەرنى يىمىگىن، تاماكۇ چەكمىگىن.

13 - تېگىشلىك ئەجىرگە ئېرىشىش ئۈچۈن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى چىڭ تۇتقىن.

14 - پەرز زاكاتنى ئادا قىلغىن، ئۇنى زاكات ئېلىشقا ھەقلىق كىشىلەرگە بىرىشتە بېخىللىق قىلمىغىن.

15 - جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بارغىن، ئىككىنچى ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىگىنكى، گۇناھكار بولۇپ قالمىغىن.

16 - ئاللاھنىڭ ئىلگىرى- كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈن، رامىزان روزىسىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتقىن.

17 - رامىزان كۈنلىرى شەرئىي سەۋەبىڭ بولماستىن روزىنى بۇزۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن، چۈنكى ئۇنداق قىلساڭ گۇناھكار بولۇپ قالىسەن.

18 - ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن رامىزان كېچىلىرى، بولۇپمۇ شەبى قەدىر كېچىسى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەتكە تۇرغىن.

19 - تاقىتىڭ يېتىدىغانلا بولسا ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەيتىگە بېرىشقا ئالدىرىغىن، كېچىكتۈرۈشتىن ساقلانغىن.

20 - قۇرئان كەرىمنى مەنىلىرىنى ھەققىدە ئويلانغان ھالدا ئوقۇغىن، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدا سەن ئۈچۈن ھۆججەت ۋە شاپائەتچى بولۇشى ئۈچۈن بۇيرىغانلىرىنى ئادا قىلغىن، توسقانلىرىدىن يىراقلاشقىن.

21 - مەيلى ئۆرە تۇرغان بول مەيلى يانپاشلىغان بول ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالدا بولسۇن ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، غەپلەتتە قېلىشتىن ساقلانغىن.

22 - ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە سۆز بولىدىغان سورۇنلارغا قاتناشقىن؛ چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ باغچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

23 - كۆزۈڭنى ئەۋرەتلەردىن، ھارام نەرسىلەردىن ساقلىغىن، ھارام نەرسىلەرگە كۆز تاشلاپ تۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلىگىن، ھارامغا تاشلانغان كۆز ئىبلىسنىڭ ئوقيالىرىنىڭ بىرىدۇر.

24 - كىيىملىرىڭنى ئوشۇقۇڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈرمىگىن، ھاكاۋۇرلارچە مېڭىشتىن ساقلانغىن.

25 - ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان يىپەك ۋە ئالتۇن نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمىغىن.

26 - ئاياللارغا ئوخشىۋالمىغىن، ئاياللىرىڭنىمۇ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشقا چاقىرمىغىن.

27 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بۇرۇتلارنى قىسقارتىپ، ساقاللارنى قويۇپ بېرىڭلار» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن ساقىلىڭنى قويۇپ بەرگىن.

28 - دۇئايىڭنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن ھالال يېگىن، ھالال ئىچكىن.

29 - يىمەك- ئىچمەككە باشلىغاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغىن، يەپ- ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتقىن.

30 - ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن، ئىچكىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالغىن ۋە بەرگىن.

31 - زۇلۇم قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلە، زۇلۇم قىيامەت كۈنىسى ھەقىقەتەن نۇرغۇن زۇلۇملارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

32 - مۆمىنلەردىن باشقىلار بىلەن دوستلاشما، تائاملىرىڭنى تەقۋادارلاردىن باشقىلار يېمىسۇن.

33 - پارا ئېلىش، بېرىش، ۋاسىتە بولۇشلاردىن ھەزەر ئەيلە، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۇ مەلئۇندۇر.

34 - ئاللاھنى نارازى قىلىش بەدلىگە ئىنسانلارنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىمىگىن، ئاللاھ ساڭا غەزەپ قىلىدۇ.

35 - يوللۇق ئىشلاردا مەسئۇللارغا ئىتائەت قىلغىن ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغىن.

36 - يالغان گۇۋاھلىق بىرىشتىن ھەزەر ئەيلە، شاھىدلىقىڭنى يوشۇرما. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. اﷲ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر.[ [سۈرە بەقەرە، 283-ئايەت] 

37 - ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىغىن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ](كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)[ [سۈرە لوقمان، 17-ئايەت] ياخشىلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان بارلىق ئىشلاردۇر، يامانلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى توسقان بارلىق ئىشلاردۇر.

39 ، 38- چوڭ- كىچىك بارلىق ھارام ئىشلارنى تاشلىغىن، ئاللاھقا ئاسىلىق قىلمىغىن، بىرسىنىڭ ئاللاھقا ئاسىلىق قىلىشىغىمۇ ھەمدەم بولمىغىن.

40 - زىناغا يېقىنلاشمىغىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.[ [سۈرە ئىسرا، 32-ئايەت]

41 - ئاتا- ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنى قاقشاتمىغىن.

42 - ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭغا سىلە- رەھىم قىلغىن، ئۇلارنى تاشلىۋېتىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.

43 - خوشناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇنى رەنجىتمىگىن، ئېغىرلىقلىرىنى كۆتۈرگىن.

44 - ياخشى كىشىلەرنى ۋە ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلىرىڭنى كۆپلەپ زىيارەت قىلغىن.

45 - ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگىن، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرگىن. ئەنە شۇ ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسىدۇر.

46 - ياخشى سورۇنلارغا قاتناشقىن، يامان كىشىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشتىن ساقلانغىن.

47 - مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشىپ بىرىشكە ئالدىرىغىن، ئۇلارنى مەمنۇن قىلغىن.

48 - سىلىق- سىپايە، مۇلايىم بولغىن، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە قۇپاللىقتىن ساقلانغىن.

49 - باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەستىن، ياخشى قۇلاق سالغىن.

50 - تۇنۇيدىغان ۋە تۇنۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام بەرگىن.

51 - سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرگىن، قولۇڭ ۋەياكى بېشىڭ بىلەن ئىشارەت قىلىپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلمىغىن.

52 - كىشىلەرنى تىللىمىغىن ۋە ناچار سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمىگىن.

53 - بىرسىگە - ھەتتا ئۇ ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك بولغان تەقدىردىمۇ- لەنەت ئۇقۇمىغىن.

54 - چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى بولغان كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىش ۋە ئىپپەتلىرى خۇسۇسىدا ئەيىبلەشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.

55 - كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ تۇشۇپ، سۈخەنچىلىك قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگىن.

56 - غەيۋەتتىن ساقلانغىن. غەيۋەت- قېرىندىشىڭنى ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەر ئارقىلىق تىلغا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

57 - مۇسۇلماننى قورقۇتما ۋە ئۇنى رەنجىدە قىلما.

58 - كشىلەرنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشقا تىرىشقىن. بۇنداق قىلىش ئەڭ ياخشى ئەمەللەر قاتارىغا كىرىدۇ.

59 - ياخشى سۆزلەرنى قىل، ياخشى سۆزۈڭ بولمىسا سۈكۈت قىلغىن.

60 - راستچىل بول، يالغان ئېيتما. يالغان ئىنساننى گۇناھ، گۇناھ بولسا دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ.

61 - بىرىگە ئۇنداق، بىرىگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى بولما.

62 - ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلما. راسىت بولغان تەقدىردىمۇ كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلان.

63 - باشقىلارنى پەس، تۆۋەن كۆرمە. ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت تەقۋالىق ئارقىلىقلا ئۆلچىنىدۇ.

64 - كاھىن، سېھرىگەر، داخان، پېرىخۇنلارنىڭ قېشىغا بارمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىگىن.

65 - ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى تارتمىغىن، قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلار رەسىمگە تارتقۇچىلاردۇر.

66 - ئۆيۈڭگە جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى ئاسمىغىن. پەرىشتىلەرنىڭ ئۆيۈڭگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان بولىسەن.

67 - چۈشكۈرگەن ئادەم ئەگەر «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېگەن بولسا سەنمۇ «يەرھۇمۇكەللاھ» دېگىن.

68 - ئىسقېرتىش ۋە چاۋاك چېلىشتىن ساقلانغىن.

69  - بارلىق گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغىن، يامانلىق قىلغان بولساڭ ئارقىدىن ياخشىلىق قىلغىن، يامانلىقنى ئۈچۈرۈپ تاشلايدۇ. تەۋبىنى كېچىكتۈرۈشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگىن.

70  - ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىنى، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغىن. ئاللاھ بارىسىدا ياخشى گۇماندا بولغىن.

71  - ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورققىن، خاتىرجەم بولۇپ كەتمىگىن.

72  - بالا- قازاغا دۈچ كەلگەندە سەۋرچان قىلغۇچى، باياشاتلىقىڭدا شۇكۇر قىلغۇچى بولغىن.

73  - مەسچىت سېلىش، ئىلىم ئۆگىتىشكە ئوخشىغان ئۆلۈمىڭدىن كېيىنمۇ ساڭا ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلغىن.

74  - ئاللاھتىن جەننەت ئاتا قىلىشىنى، دوزاختىن ساقلىشىنى تىلىگىن.

75  - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىق كۆپلەپ دۇئا ۋە سالام يوللىغىن.

Go to the Top