তোমার হিজাব কোথায় গেছে?

প্রবন্ধ পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: তোমার হিজাব কোথায় গেছে?
ভাষা: উইগুর
লেখক: জুনদুল্লাহ আইগুরী
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.alnur.cn আল নূর ওয়েব সাইট
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: তোমার হিজাব কোথায় গেছে? এ প্রবন্ধটি ঐ সকল বোনদের উদ্দেশ্যে লেখা। এতে হিজাবের গুরুত্ব, তার প্রচলন, কে হিজাবের নির্দেশ দিয়েছে এবং কেন? মুসলিম সমাজে হিজাবের গুরুত্ব ইত্যাদি আলোচিত হয়েছে কুরআন ও সুন্নাহর আলোকে।
সংযোজন তারিখ: 2008-01-16
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/74396
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - থাই - মালয়ালাম - বসনিয়ান
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟
1.4 MB
: ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟.doc
2.
ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟
178.4 KB
: ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟
 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئسىمى بىلەن باشلايمەن

 

  بارچە ھەمدۇ-سانا ئاللاھغا خاستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئامانلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز.

  ئى ئسىلامىي قېرىندىشىم! سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلىقىڭىزغا رەھمەت. بۇ ماقالەمنى ھىجاپلانمايدىغان، ھىجاپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە ھىجاپلانسىمۇ ئۇنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلمايدىغان ھەدە- سىڭىللىرىمغا بېغىشلايمەن.

  "گۆھەر- قىممەتلىك، ئۇنى قوغداڭ". سىڭىلچىقىم، سىز گۆھەر، سىز قىممەتلىك، سىز قوغداشقا مۇھتاج. سىزنىڭ ياراتقۇچىڭىز بۇرۇنلا ئۆزىڭىزنى قانداق قوغدىشىڭىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمما سىز ئۇنى كۆزگە ئىلمىدىڭىز، خالىغىنىڭىزنى قىلدىڭىز، خالىغىنىڭىزنى كەيدىڭىز ھەم خالىغان جايلىرىڭىزغا باردىڭىز.... ئەمما ئاقىۋەتتە پۇشايمان قىلىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز، ئەمما بۇ چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز.ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسى شەھۋىتى يوقلار)دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھ غا تەۋبە قىلىڭلار" (سۈرە نۇر 31- ئايەت) بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ساغلام ھەدىسلەردە،  رەببىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام،پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەپ ئىتىقات قىلىدىنغان ھەر قانداق بىر ئايال ئۈچۈن ھىجابنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ئىسپاتلار كۆپتۇر.

    يۇقۇرىدىكى ئايەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايال كىشى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ بەدىنىنى نامەھرەملەرگە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەكلىكى، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ كۆكرەكلىرىنى يۆگىشى، ئۆزىنىڭ زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، دادىسىدىن، قېينئاتىسىدىن،... باشقا كىشىلەرگە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. شۇڭلاشقا ئاللاھ نىڭ بۇ ئەمرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم ھىجاپلىنىشىڭىز زۆرۈر.

ھىجاپ دېگەن نېمە؟

   قۇرئان كەرىمدە، "ھىجاپ" ئاتالغۇسى ئۇمۇمى ھالدا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىملىرىگە ئىشلىتىلگەن. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ھاياتتىكى پائالىيەت ۋە ھالەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، "ھىجاپ"- باش ۋە كۆكرەكنى يۆگەيدىغان ياغلىق ۋە چۈمبەلگە قارىتىلىدۇ.

   "ھىجاپ"- ئەرەپ تىلىدىكى "ھەجەبە" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، "يوشۇرۇش ياكى كۆرىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش" دېگەن مەنىدە. شۇڭلاشقا، بەدەننى باشقىلارنىڭ كۆرىشىدىن توسۇپ تۇرىدىغان، بەدەننى كۆرسىتىپ قويمايدىغان رەخت ھىجاپ بولالايدۇ.

ھىجاپلىنىشتىكى مەقسەت نېمە؟

ئىسلامدىكى ھىجاپلىنىشنىڭ مەقسىدى مۇسۇلمان ئاياللارنى جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن توسۇپ قويۇش ياكى ئەر ۋە ئاياللارنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش ياكى ئايال كىشىنىڭ ھاياتتا نورمال پائالىيەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويۇش ئەمەس. ئەكسىچە، ھىجاپ - ئاياللارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ۋە شەرىپىنى قوغدايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئازادە ۋە قولايلىق ھالدا بىجىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 قەدىرلىك قېرىندىشم، ھىجاپ پەقەت سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈنلا پەرىز قىلىنغان. ئۇ سىزنى رەزىل كىشىلەرنىڭ شەھۋانى مەقسەتلىرىدىن قوغداپ قالىدۇ. ئى سىڭىلچىقىم! ھىجاپ سىزنىڭ قەدىر قىممىتىڭىزنى ساقلايدۇ.

 شۇڭلاشقا، باشقا بارلىق شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئوخشاش، ھىجاپلىنىشقىمۇ يۈكسەك ئىتىبار قارىتىلىشى زۆرۈر. چۈنكى ئۇ بىھىساپ مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.ھىجاپ- ئەر ۋە ئاياللارنىڭ كەمتەرلىك، قەدىر- قىممەت، شان- شەرىپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئىسلامدىكى كىيىنىش تۈزىمىدۇر. ھىجاپلىنىشنى ئەمىر قىلىش -ئاللاھتائالا مۇسۇلمان ئاياللارغا بۇيرىغان ئاياللارنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ئەمەلدۇر.چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش)قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى- يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە- ئەمال) بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ" (سۈرە مۇئمىنۇن 61- ئايەت)

ھىجاپنىڭ شەرتلىرى نېمە؟

ھىجاپ ياكى ئۆلچەملىك ئىسلامى كىيىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1- ھىجاپ- يۈز ۋە قولدىن باشقا بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى يۆگەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەمما كوپلىگەن ئۆلىمالار  بۇگۇنكى پىتنە-پاساتچىلىق زاماندا يۇزنىڭمۇ ئورۇلىشىنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ.(بۇلارنىڭ دەلىلى كۈچلۈكتۇر )

2- ھىجاپ- كەڭ كۇشادە بولۇش، تار بولماسلىقى كېرەك.

3- ھىجاپ- نىپىز ۋە بەدەننى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولماسلىقى كېرەك.

4- ھىجاپ- ئەرلەرگە خاس كىيىم بولماسلىقى كېرەك.

5-ئەتىر ۋە خۇشبۇي پۇرىماسلىقى كېرەك.

6-كاپىر ئاياللارنىڭ كىيىملىرىگە ئوخشىماسلىقى لازىم.

7-ئورىنىدىغان تاش كىيىمى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كىيىم بولماسلىقى لازىم.

8-ھىجابنىڭ ئۆزى زىننەتلەنگەن بولماسلىقى لازىم.

ھىجاپنىڭ يۇقۇرىدا دېيىلگەن بىرىنچى شەرتى سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچى شەرت بولسا، كەيگەن كىيىملىرىڭىز تار بولۇپ بەدەننىڭ شەكلى بىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا كەيگەن كىيىملىرىڭىز يۇپقىلىقىدىن بەدەننى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولماسلىقى كېرەك. ئاخىرىدا ھىجاپ ئەرلەرگە خاس كىيىملەر بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئۆزىنى ئەرلەرگە ئوخشىتىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىتىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان. شۇڭلاشقا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى كېسىپ يۈرىشى ياكى ئەرلەرلا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، يەنە ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋېلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئى قېرىندىشىم، ئاللاھ نىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇڭ، يىگانە يىتەكچى قۇرئان كەرىمگىلا ئەگىشىڭ! پەقەت سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز يۇقارقى شەرتلەر بويىچە بولسىلا، سىزنىڭ ئەندىشە قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

ھىجاپنى بۈيۈك ئاللاھ ئاياللارغا، يەنى سىزگە ۋاجىپ قىلغان . ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

"ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر- ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ  ۋەئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكإم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئۇچۇق ئازغان بولىدۇ" (سۈرە ئەھزاب 36- ئايەت)

شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارنى نىجىس ئەرلەرنىڭ شەھۋانى ھەۋەسلىرىنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنى تۈگىمەس دەرت- ئەلەمگە مۇپتىلا قىلىدىغان كىيىم- كىچەكلەرنى كىيىشتىن چەكلەپ، ئۇلارغا ھىجاپنى پەرز قىلدى. شۇڭلاشقا ھىجاپ سىلەر ئۈچۈن سىلەرنىڭ قەدىر- قىممەت، شەرىپىڭلارنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. ئۇ سىلەرنى بۇ جەمئىيەتنىڭ كېسەللىكلىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ. ھىجاپ يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلاپ، ماددى تۇرمۇشنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

        خوش، يۇقۇرىدىكى ئايەتلەرنى ۋە بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سىز شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى ئاللاھ غا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ كەلگەنلىكىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ گۇناھكار ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ شۇڭا يەنە نېمىنى ساقلايسىز؟ سىز ھەقىقى ئىسلامنى ھاياتىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان پەيت كەلدى دەپ قارىمامسىز؟ قولىڭىزدا ھەق دىن تۇرسا، نېمىشقا ئەشۇ كۇففارلارغا ئوخشاش يۈرىشنى ياقتۇرىسىز؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ كافىرلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرمەيۋاتامسىز؟  ئۇنداقتا يەنە نېمىنى ساقلايسىز؟ پەرۋەردىگارىڭىزغا قايتىڭ!ئاللاھ غا قايتىڭ! ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بېرى گۇناھ ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن كۈنلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلەڭ! ھىجابىڭىزنى كىيىۋېلىڭ!

ئەگەر بىر ئايال ھىجاپنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى رەت قىلسا، ئۇ شەكسىز ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بولىدۇ ۋە ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە كەچۈرگىسىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ باشقىنى ئىرادە قىلمىغانلا بولسا، بۇ ئايال جەزمەنكى بۇ گۇناھى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىدۇ.

سىز نېمە ئۈچۈن ئۆز بەدىنىڭىز ۋە گۈزەللىكىڭىزنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشمەكچى بولىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ سىز ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىز بەدىنىڭىزنى ئاشكارىلىماقچى بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنى نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، پەقەت يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىسىڭىز بولىدۇ.

سىز كىمدىن قورقىسىز؟ ئاللاھدىنمۇ ياكى كافىرلاردىنمۇ؟ بەزى ئىنسانلارنىڭ سىزنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپلا ھىجاپلىنىشتىن نومۇس ھېس قىلىۋاتامسىز؟ ئاللاھ سىزدىن نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭىزنى سورايدىغان چاغدا ئۇيالمامسىز؟ سىز ھىجاپنى پەقەتلا ئۆز ياراتقۇچىڭىزنى رازىلىقى ئۈچۈن كىيەلمەمسىز؟

سىز ھازىر ھىجاپلانمىدىڭىز، چۈنكى سىز كاپىرلارنىڭ سىز كەيگەن كىيىمنى مودىدىن قالغان دېيىشىدىن قورقىسىز. ياق سىڭىلچىقىم! ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا شۇنداق دېيىشىدۇ.ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن جەننەتتە سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئەڭ گۈزەل ئەڭ مودا كىيملەرنى تەييارلىغانلىقىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك. دەۋرىمىزدىكى ئەخلاقى قىممەتلەرنىڭ تۆۋەنلىشىپ كېتىشى -بىزگە ھىجاپلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ تونۇتتى. بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئىنسانلار شەھۋانى نەفسىگە قۇل بولغان، كىيىمگە ئورىنىۋالغان بۆرىلەرگە ئوخشايدۇ. جىنسى جىنايەتلەرنىڭ ئىزچىل كۆپىيىشى ۋە جەمئىيەتتىكى "ئاياللار ئازادلىقى" دەۋالىرىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىك ۋە باسقۇنچىلىقلارغا ئۇچراش خەۋپى بارغانسېرى چوڭ بولماقتا. قەدىرلىك سىڭىلچىقىم! ئاللاھ تائالا سىزنى ئەنە شۇ زىيانلاردىن قوغداش ئۈچۈن ھىجاپنى پەرىز قىلدى. سىز مەكتەپكە، خىزمەتكە ياكى باشقا ھەر قانداق ئورۇنلارغا بېرىڭ، جەزمەن ھىجاپلىنىشىڭىز كېرەك. بۇ ئاللاھ نىڭ قانۇنى، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قادىر ئاللاھ نىڭ قانۇنى سەھۋەن-خاتالىقلاردىن خالىدۇر. نۇرغۇن نادان كىشىلەر ھىجابىڭىزنى سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى بوغۇپ، ھاياتىڭىزنى چەكلەپ قويىدىغان ھەرىكەتچان تۈرمىگە ئوخشىتىشى مۇمكىن. سىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇنداق يالغان-ياۋىداقلارنى سۆزلەپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى ئۇلار سىزنىڭمۇ گۇناھتا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. شۇڭا ئاگاھ بولۇڭ! ساددىلىقىڭىزدىن ئالدىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن ئايرىلىپ قالماڭ! ئى مۇسۇلمان سىڭىلچىقىم، ئويغىنىڭ!ئىسلام دىنى سىز بىلەم پەخىرلىنىدۇ. سىز دىنىمىزنىڭ ئىپپىتى، مىللەت، ۋەتەننىڭ ئىززىتى ۋە پەخرى. سىڭىلچىقىم!سىزنىڭ بۇگۇنكىدەك ھالدا قىلىشىڭىزغا مەلۇم سەۋەپلەر ئاساسلىق ئامىلدۇر؛ ئەمما سىز بىر مىللەتنىڭ ئانىسى كىلىچەك ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئاساس سالىدىغان بۈيۈك بىر ئىنسانسىز.سىز ئۆزىڭىزنىڭ قېممىتىڭىزنى نامايەن قىلىشىڭىز كېرەك ۋە تاۋلىنىشىڭىز لازىم.

نېمە ئۈچۈن جىنسى پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەممىگە قادىر ئاللاھ نىڭ قانۇنىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن، ئىسلامنى باشقا نەرسىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تەييار تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن، ھەقنى ئىنكار قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداق بولدى. قەدىرلىك قېرىندىشىم! بىز سىزنىڭ ئىسلامنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز. بىز يەنە سىزنىڭ بىزلەرگە ئوخشاش كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز. بىز سىزنىڭ دىلىڭىزدا ئىمان بارلىقىنى بىلىمىز. شۇڭلاشقا ئى قېرىندىشىم، ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، جەننەتكە كىرىشىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىز بىلەن كافىرلارنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھقا سەمىمى تەۋبە قىلىڭ! ياراتقۇچىڭىزغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭ! ئاللاھ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ئورۇنغا- يەنى جەننەتكە كىرىشىڭىز ئۈچۈن بۈگۈنلا ھىجابىڭىزنى كىيىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھۆر ئاللاھنى تونۇيدىغان بىر ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى نامايەن قىلىڭ.

ئۆلۈمدىن كېيىن بارىدىغان جاي پەقەت ئىككىلا قارارگاھتۇر: بىرى جەننەت، يەنە بىرى دەۋزەخ. قەدىرلىك سىڭىلچىقىم! سىز ئاچا يولغا كەلدىڭىز. ئەمدى سىزنىڭ نىشانىڭىزنى بەلگىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.ئالدىڭىزدا يەنىلا چېقىش يولى كورۇنۇپ تۇرۇپتۇ، ئويلىنىڭ، شەيتاننىڭ سىزنى بۇ قارارنى چىقىرىشىڭىزدىن توسۇپ قويۇشىدىن ئىھتىيات قىلىڭ! شەيتان سىزنى كور قىلىپ قويمىسۇن! بىز سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىڭىزغا ئاللاھ نىڭ ياردەم بېرىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ پۇتۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىڭىللىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ ئۆز ھىدايىتىگە مۇيەسسەر قىلىش بىلەن بىرگە، ھاياتتا غايە ۋە ئىرادە بىلەن ياشايدىغان، جەمىيەتتىكى ئازغۇنلۇقلارغا تىز پۇكمەس ئانىلاردىن بولۇپ چېقىشىنى ئۈلۈغ ئاللاھتىن سورايمىز .ئامين!!!

ماقالىنى قايتا ئۆزگەرتىپ رەتلىگۇچى: ن .تەمكىنى

Go to the Top