কেন আমরা দায়িত্ব থেকে পালিয়ে যাই?
এ প্রবন্ধে উরগুই মুসলিম সমাজে প্রচলিত কিছু কুসংস্কার সম্পর্কে প্রতিকারমুলক ব্যবস্থার কথা আলোচনা করা হয়েছে। এর মধ্যে মুহাসাবার বিষয়টিও রয়েছে। লেখক বলেন, তাদের উচিত নিজেদের সঠিক ধর্মে ফিরে যাওয়া। সাহসী হতে হবে, ভীরু হলে চলবে না। আল্লাহ বলেন, যে জাতি নিজেদের অবস্থা পরিবর্তন করতে উদ্দোগী হয় না আল্লাহ তাদের অবস্থা পরিবর্তন করেন না।
نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتتىن قاچىمىز؟
«مەجبۇرىيەت بوسوغېسىدا»
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .......... ئەزىز قىرىنداشلار ! ئاللاھ ھېدايەتسىز قالغانلارنى ھېىدايەت قىلسۇن ..! ھېدايەت قىلغانلارنى تەۋپىققا يىتەكلىسۇن ...!
ئاللاھ نىڭ نېئمەتلىرىنى بىز ساناپ بولالمايمىز . ئۇنىڭ تۈرى ، رەڭگى ، شەكلى ، ھېكمىتى .... ئىشلىقىلىپ ھەممە جەھەتتېكى تەڭداشسىز كاتتىلىغى بىزگە ئاللاھ نى تونۇشنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ . بۇنى پەقەت ئاللاھ ھېدايەت قىلغان قەلىب ئېگىلىرىلا ھەقىقى بىلەلەيدۇ .
تور لېينىيىسى ئاللاھ نىڭ بىزگە بەرگەن سانسىز نېئمەتلىرىنىڭ ئېچىدىكى پەقەت بىرى خالاس. ئەمما ئاللاھ بەرگەن بۇ نېئمەت ئەتراپىمىزدىكى يانا باشقا نۇرغۇنلىغان ، ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ۋە شۈكرانېسى ئۈچۈن ئۆز ھەققىگە ھەقىقى ئېگە بولالمايۋاتقان نېئمەتلەردەك ، تۈرلۈك باتىل ، جاھېل ، نادان ، ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولۇۋاتقان ئاڭ ئىددىيەدىكى ناچارلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن خالىي بولالمايۋاتماقتا ...
قارايدىغان بولساق تور بەتلىرىدىكى شەھۋانى مەزمۇن قىلىنغان ، ئىنسانىي ئەخلاقنى ، مىللي ئەنئەنىلەرنى ، ئېسىل مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ، تور بوشلىقىنىڭ مەنىۋى ئاتمىسفۇرا قاتلىمىنى بۇلغاۋاتقان ئىشلار ، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىمىزدە خېلى ئاۋۇپ قالدى . تور دۇنياسىدا يات ، غەيرى دىننى - ئەجنەبىلەرنىڭ قىلغانلىرى ئاز كەلگەندەك ، خەلقىمىز ئېچىدىمۇ تۈرلىك باتىل ئىتىقاد ، خاتا كۆز قاراشلارنى تارقىتىش ، پىتنە - پاسات ، تەپرىقىچىلىك پەيدە قىلىشلار ۋە ھەتتا ئىسلامغا ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەت قىلىش ، توھمەت قىلىش ، جۈملىدىن قەستەن دۈشمەنلىشىدىغانلار خېلى باش كۆتۈرۈپ چېقماقتا ... بۇ ئىش بىزدەك بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمانلاردىن سەگەك بولۇپ ، خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادى ھاۋاسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلماقتا ...
شۇڭا بۇ جەھەتتە ھەر بىر مۇسۇلمان قىرىندىشىمىز ئۆزىنى تەربىيلەش بىلەن بىرلىكتە قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ساھەدە ، خەلقىمىزگە مەسئۇل بولۇش ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى قەتئى ئادا قىلىشى لازىم . بۇنىڭدا كىم قانچىلىك خىزمەت قىلالىسا ، شۇنچېلىك يەتكۈزۈش ، يېزىش ، تەرجىمە قىلىش ، تەييارنى يوللاش ، يەتكۈزۈش ئارقىلىق بولسىمۇ ، ئەمىلى كۈچ چېقىرىشى لازىم .
ئاللاھ كىمگە قانچېلىك ئىقتىدار ۋە شارائېت بەرگەن بولسا ئۇ كىشىدە شۇنچېلىك مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ . بىر ئادەمنىڭ قولىدا بارى ئۇنىڭ غەلبىسى بولمىغاندەك ، ئۆز ئىلكىدە يوقلىقى ئۇنىڭ مەغلۇبىيېتى ئەمەس . بەلكى بۇ ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن سىناق . شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى ئاللاھ بەرگەن ھەر بىر نېئمەتنىڭ كەينىدە بىر سۇئال - سوراق بار ......! ھەر بىر قىسمەتلىرىنىڭ كەينىدە يەنە بىر ئۈندەش بار !!!!!!!!!!!!!
ئاساسلىق گەپكە كەلسەك :
بىزنىڭ بۇگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ كەلگەن ئامىل دەل ئىتىقاد ئىدى . ئىتىقاد ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىمىز ھەم ئەلۋەتتە ئىسلام ئىتىقادى بولغان ئىدى . دىيارىمىزغا ھېدايەت تېپىپ بۈگۈنگېچە باشتىن كۆچۈرگەن 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان بەخىتلىك ئىنسانلار قاتارىدا ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۆز بەختىنى تاپالىغان ئىدى .
ئىنسانىيەت تارىخىدا غەرىپ دۇنياسىنىڭ ماددىيەتتىكى نەتىجېلىرى بىلەن ئۆز ئازغۇنلىقىلىرىنىڭ مەسخۇشتلىقىدا بىلجىرلاپ ، ئىنسانىيەت روھېيىتىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم . ئوخشاشلا ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھېنى ، نەفسې - خاھېشلىرىغا بوي سۇندۇرۇپ ، تالايلىغان ئىنسانلارنىڭ ئازغۇنلىقىغا سەۋەپچى بولغان ، يەھۇدى ۋە ناسارالار گوروھى ، ئاللاھ ۋە دىن نامىدىن توقۇپ چىققان سەپسەتىلىرى بىلەن دۇنيادا قىلمىغان زۇلۇم - سېتەملىرى قالماي تەكرار - تەكرار شەرمەندە بولۇپ كەلدى . ئەمما ئۇلارغا بولغان نەپرەت ۋە غەزەپ ئاخىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا بولغان خاتا يۆنۈلىشتىكى ئاداۋەتكە بىرىپ يەتتى .
دىن ، ئىتىقاد ، روھ قاتارلىق ئىنساننىڭ مەنىۋىيەتلىرىدىن مەجبۇرى ھەيدەپ چىقىرىلغان بۇ ئامىللارنىڭ ئورتاق ئاتالغۇدىكى ئىستېمال قىلىنىشى نەتىجېسىدە ئىسلام دىنىمۇ ، بۇ خىل ھۇجۇمدىن خالى بولالمىدى . چۈنكى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ، ئارىمىزدىكى ئاتالمىش نەفسانىيەتچى ، مۇنافىق ، پوپسىمان موللېلىرىمىزنىڭ شالتىقى بىزنى ۋە دىنىمىزنى ئۇ ئازغۇن يەھۇدي ، ناسارا ، بۇددىست ۋە باشقا باتىل زالىملار بىلەن بىر قاتاردا بارلىق ھوقوق ۋە ئىمتېيازلىرىمىزدىن ئايرىپ ، دۆۋلەت - جەمىيەت ، قانۇن - سىياسەت ، ھەتتا ئىجتىمائى ھايات ۋە كۈندېلىك تۇرمۇشلىرىمىزدىنمۇ چەكلەپ ، زەھەرلىك نەرسېلەر قاتارىدا قاتتىق باستۇرۇلدى .
بىچارە ئازغۇن ، نادان خەلىق ، ئۆز قولى بىلەن ئۆز بەختىنى نابۇت قىلىپ تاشلايدىغان تالاي - تالاي ئىشلاردا ، ئېزچىل ئاكتىپ رول ئوينىدى . قۇرئاننى كۆيدۈردى ، مەسجىدلەرنى چاقتى . لىكىن خەلىق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنداق ئاكتىپلارنىڭ ئاخىرقى خارلىقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە خاتالىقلىرىنى تونۇدى .
دىمەك : ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى ھەممىدىن غالىپ كېلىپ ئىسلام ئۆز پېتى سالامەت داۋام قىلىپ كەلدى . ھەر زامان - ھەر ماكاندا ئاللاھ ئۇنى ھېمايە قىلىدىغان قوغدايدىغان بىر تۈركۈم جامەئەتنى ھېچ بىر قەۋدىن ئايرىۋەتمىدى . نەتىجېدە تەكرار ئىلىپ بىرىلغان بىسىم ۋە تۈلۈك سۈيقەستلەرمۇ بىزدەك مۇسۇلمان ئەۋلادلارنى يوقۇتالمىدى . ھەم يوقۇتالمايدۇ .
بىزنىڭ ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىننى تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلىقى ، مۇكەممەللىكى ،ۋە ئىتىقادلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجېسىدە ، ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن بىز بۈگۈنگە ئۇلىشىپ كەلدۇق . بۇ جەرياندا ئىسلام بىلەن بىزنىڭ ھەر بىر ئۆرپ - ئادەت ، ئىش ھەركەت ، ئاڭ -تەپەككۇرلىرىمىز زىچ بىرلىشىپ ئايرىپ بولغۇسىز دەرىجىدە بىرىكىپ كەتتى . گەرچە تۈرلۈك بىدئەت ، ۋە خاتا كۆز- قاراشلار ئارىغا قىسىلىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ ، نادانلىرىمىزنىڭ بىلىمسىزلىكى ۋە جاھىللىقىدىن ھېلى ھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ھەقىقەت ھامان غالىپ كەلدى ۋە كېلىدۇ ...!
بىز بۈگۈن دۇنياغا قارايدىغان بولساق خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىلىرىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى باشقا خەلىقلەرگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ماختالغۇدەك دەرىجىدىكى مەدىنىيەت ، سەنئەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ ئېگسى ئىكەنلىكىمىزنى بايقايمىز .
دۇنيادا ئەيپ - نوقسانسىزلىق ئاللاھ تىن باشقىدا ھامان مەۋجۇت . دىنى جەھەتتىكى بىر قىسىم كەمچىللىكلىرىمىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى مەزھەب ، سۈلۈك ، ئېقىم ، جەھەتتىكى بىرلىكىمىز باشقا ھەر قانداق يەردىكى بىر ماكاندا ياشايدىغان خەلىقلەرنىڭكىگە سىلىشتۇرساق ، بىز يەنىلا ناھايىتى ئىتتىپاق ياشىغان ، بىر ئېقىم ، بىر مەزھەپ بىلەن دەۋىر سۈرگەنلەر قاتارىدىن ئىكەنمىز ( مەن بۇنى چەتئەللەردە يۈرۈپ ئۆزكۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، چۇڭقۇر ھېس قىلغاندىن كېيىن دەۋاتىمەن. يانا بىرى مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئەمەس ، بەلكى مەدىنىيەت قاتلىمىمىزدىكى شانلىق سەھېپىلەر ئەلۋەتتە......! )
ئەمما بىز ئەنە شۇنداق ئىلغار مەدىنىيەتلىك ئەجدادلارنىڭ بەخىتلىك ئەۋلادلىرى تۇرۇپ ، بۈگۈن ئەڭ نۇمۇسلۇق ۋە ئەڭ خار قېسمەتلەردە ، بېغەملەرچە ياشاۋاتماقتىمىز . بىزنىڭ نادانلىقىمىز شۇ دەرجىگە بىرىپ يەتكەنكى ، دۇنيا بىزگە قاراپ نەسلىمىزدىن گۇمان قىلغۇدەك ھالغا كەلدى . بۇنىڭغا ئەنە ئەتىراپىمىزدىكى بىر قىسىم ھارام نەسەپ ، شالغۇتلىرىمىزنىڭ سۆز - ھەركەتلىرى يىتەرلىك دەلىل بولايدۇ .
ئۇلارغا ئوخشاش ۋەتەن - خەلىقنىڭ غېمىدىن ، ئۆز غېمىنى ئەلا بىلىدىغان ، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى تەقدىم قىلىشتىن يالتايمايدىغان ، ئۆزىنىڭ ئادىمى ، ئىنسانى ، مىللى ۋە دىننى كىملىكىنى كېرەكسىز ھېساپلاپ ، ئىككى پۇلغا سېتىپ خەجلەيدىغان، ئېرادىسىز ھايۋانلارچە ياشاۋاتقان بەزى بىر ئىنسانلار ......... ھامان بىر كۈنى قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ .
ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسېلە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە قەۋملەرنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ۋە مۇرەككەپ ، دۇنيادا بىزدەك سىناققا دۇچ كەلگەنلەر ئاز بولمىسىمۇ ، لىكىن بىزدەك ئىنكاس قايتۇرغانلار ھېچيەردە يوق دېسەك، ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز .
مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە توپىلاڭدىن تورغاچ ئوغۇرلايدىغان شەيتانلار ،ئارىمىزدا ئاز ئەمەس . بىزنىڭ بۈگۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىنى تاشلاپ تۇرۇپ ، ئۈمۈت كۈتۈۋاتقان تاغۇتلىرىمىز ، ئۆز ۋاختىدىكى روس ، ئىنگىلىز ، شىۋىت ۋە ئەتراپىمىزدىكى يانا باشقا ھەر قانداق تۈلكە ۋە قاۋان - توڭگۇزلاردىن نەچچە ھەسسە ياۋۇز ۋە نىيېتى قارا . بۇ تارىختا تەكرار ئىسپاتلانغان ئاچچېق ھەقىقەت . قانلىق ساۋاق ...!!!
يانا بىر ھەقىقەت شۇكى ئىنساننىڭ كىملىكى ، دۇنيادىكى ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكى ، ھايات يولىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆلچېمى ، ئۇنىڭ كېيىنكى نەتېجىسى ، ۋە ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە غەرەزسىز ، بۇلغانمىغان ، ساپ ئەقلىمىز ۋە پاك تۇيغۇلىرىمىزدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېئمىتىنىڭ ھەقىقىتىنى ئېقرار قىلماي تۇرالمايمىز !
ئاخىرىدا بىز ئەڭ ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشىمىزغا تىگىشلىك بولغان زۆرۈر ھەقىقەت : بىزنىڭ دىنى ، مىللي ، ئىنسانى ۋە ھەققانى رىزىقلىرىمىزدىن مەھرۇم ھالدا ، دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق مەسىلىلىرىمىزدىن ئۆزېمىزنى قاچۇرۇپ ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ ياشاۋاتقانلىقىزدۇر !
بىز دۇنيادىكى ئۆزېمىزگە ئوخشاش تەقدىرداشلار ئېچىدە باشقېلار قىلغاننى قىلىپ قاملاشتۇرالمىدۇق . ئىرادىمىزنىڭ سۇسلىقى ۋە پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىق ، سەۋەپلىك ئۇنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچتۇق . ئەسلىدە ئىرادە ھەر قانداق ئاتوم بومبېسىدىنمۇ كۈچلۈك قۇرال ئىدى . ھېكمەتلەردە دېيىلگەنكى : ھەر قانداق ۋەھشې زالىم پادىشا قەتئى ئىرادېلىك مەھبۇسقا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ ..!
بىز شۇنداقتىمۇ ھازىرقىدەك بېشىمىزنى ئېچېمىزگە تىقىۋىلىپ ، ھەتتا ئۆز - ئۆزېمىزنى ئالداپ ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ بەرسە ، يالغاننى - راست دەپ بۇرمىلاپ كۆرسەتسە ، ياق ! ئۇنداق ئەمەس ؛ مانداق ! دەيدىغانلاردىن بولالمىساقمۇ ، بۇنداق قايمۇقۇپ يۈرمەسلىكىمىز ئۈچۈن ، ھېچ بولمىسا مۇشۇ مەسېلىلەردە ئەتراپلىق ئويلۇنۇپ ، ھەقىقەتنى ھەقىقى بىر تونۇۋىتىپ ؛ دىلىمىزدە بولسىمۇ بىر ئىقرار قىلىۋىتىپ ؛ ئۆتمۈشىمىز ۋە ھازىرىمىزدىن ، توغرا بىر خۇلاسىگە كېلىۋىتىپ ؛ ئاندىن كېيىن ئۆزرە ئېيتقان ھالدا نۇمۇسسىزلارچە ياشېغان بولساقمۇ ، ھېچ بولمىسا ئاللاھ بەرگەن ئەقلىمىز ، قەلبىمىز ، ۋە دىنىمىزگە ئازراق يۈز كېلەلەيتتۇق . ئەمما بىز ...... ؟
نامدا مۇسۇلمان ئەمەلدە كافىر ،
گۇناھ - مەئېسەت ، زۇلۇمغا قادىر .
خۇدانى ئىنكار قىلىمىز ئەمما ،
جەننەتلىرىگە بولىمىز كادىر .
شەيتاننى شاگاڭ قىلىپ تاشلىدۇق ،
ماركىمىز ئىسلام ، دەۋادا ئۇتتۇق .
قۇرئان - ھەدستىن چېغىر يول تېپىپ ،
پىلسىراتتىنمۇ ئۇچۇپلا ئۆتتۇق .
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلارگە شۇنى ئەسلىتىپ ئوتمەكچىمەنكى؛ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە ئۆخشاش ھاياتلىق ۋە ئاخىرەتلىكىدە چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ئىنسانلار ھۆشىنى تىپىۋالسۇن دەپ بۇ ئايەتنى خۇددى بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە خىتاپ قىلغاندەكلا مۇنداق دەيدۇ:«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلەرگە تۈزكورلۇق قىلىپ گۈناھلارغا چوممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» [رەئد سۈرىسى 11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى] ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.