Ким Аллоҳ учун бир нарсани тарк қилса Аллоҳ унга унданда яхшисини ато қилади

Мақолалар Маълумотлар
Унвон: Ким Аллоҳ учун бир нарсани тарк қилса Аллоҳ унга унданда яхшисини ато қилади
тил: Уйғур тили
Ёзувчи: А. Қорлуқий
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: www.munber.org - Уйғур таржима маркази
Киритилган вақт: 2008-01-15
Линк: http://IslamHouse.com/74070
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 2 )
1.
كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ
65.1 KB
: كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ.pdf
2.
كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ
43 KB
: كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ.doc
Тафсилий намуна

 

كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ

 

بارلىق ھەمدۇ- سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا، دۇئا ۋە سالاملار رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە بولسۇن!

شەھۋەتنىڭ نەپسىگە سۇلتان، قەلبكە ھاكىم بولىۋالىدىغان تەرەپلىرى بار. ئۇنى تاشلىغانلار قەدىرلىنىدىغان، ئەمما تاشلاپ يىراق كىتىش قېيىن بىر مەسىلە. بىراق، كىمىكى ئاللاھدىن قورقسا، ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ، ئاللاھدىن يارىدەم سورىغانلار ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيدۇ...

ئاللاھدىن باشقا بىرىنى خۇرسەنلىكىنى ئىزدەپ ئازغۇن ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى تاشلىغانلار، ھەقىقەتەن بىر خىل روھىي بېسىم ھىس قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئۇ ئىشلاردىن ۋاز كەچكەنلەر بولسا، دەسلىۋىدە، ئۇنىڭ سەمىمى ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش يۈزىسىدىن ئىمتىھانغا دۈچ كىلىپ، بىر ئاز قېيىنچىلىق ھىس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەۋر قىلالىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇشەققەتلىرىنى ھۇزۇر- ھالاۋەت سۇلىرى بىلەن سۇغىرىدۇ. ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن، ئۇلارغا يېقىنلىشىتىن قانچىكى يىراقلاشقانسىرى، ئۇنىڭ ئەجرى ئېشىپ، بىرىلىدىغان ساۋاپ كۆپىيىپ بارىدۇ...

ئاللاھ ئۈچۈن تاشلىغان ئىشلارغا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىشلارنى بەدەل قىلىپ بىرىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆلگىلىرى:

1- كېمىكى، كىشلەردىن ھاجىتىنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزمىسا، ، بارلىق تەلەپ، ئىلتىجالىرىنى يىگانە ئاللاھدىنلا سورىسا... ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قەلىبنىڭ ھۆرلىكى، نەپسىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىنسانلارغا ھاجىتى چۈشۈشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

2- كېمىكى، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشىلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرمەي، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنسا، ئاللاھ ئۇنى ئىشەنچ ۋە رازىلىق بىلەن رزىقلاندۇرىدۇ.

3-كېمىكى، كاھىن- سېھىرگەرلەرنىڭ قېشىغا بېرىشنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنى سەۋر، سەمىمى تەۋەككۇر ۋە تەۋھىدنىڭ قەلبىدە يەرلىشىشى بىلەن رىزقلاندۇرىدۇ.

4-كېمىكى، ئاللاھنىڭ باشقىسىدىن قورقۇشنى تاشلىسا،  ئاللاھ تائالا ئۇنى ھەممە ئىشتىن خاتىرجەم قىلىپ، ئۇنىڭ قورقۇنچىسىنى تىنچلىق ۋە سالامەتلىككە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.

5-كېمىكى، دۇنياغا يېپىشىۋېلىشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ، قەلبىنى ھەممىدىن توق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مال- دۇنيا باش ئىگىپ، ئۆزلىگىدىن ئالدىغا كىلىدۇ.

6-كېمىكى، يالغاننى تاشلاپ، راستچىللىقنى دوست تۇتسا، ياخشىلىققا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سەمىمى سادىق بولۇپ سانىلىدۇ.

7-ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ، تالاش- تارتىش قىلىشنى تاشلىسا، جەننەتتىن ئۇنىڭغا بىر ئۆي ھازىرلىنىدۇ ۋە رەقىبلەرنىڭ يامانلىقىدىن ئامان بولىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەت بولۇپ قالىدۇ.

8-كېمىكى، ساختىلىقنى، رىبانى تەرك قىلسا.. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە بەركەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ.

9- كېمىكى، ھارام قىلىنغان نەرسىلەرگە قاراشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىدە نۇر، يۈكسەكلىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنى يەرلەشتۈرۈپ بىرىدۇ.

10-كېمىكى، بېخىللىقىنى تاشلىسا... ئۇنى كىشىلەر ياخشى كۈرىدۇ. ئاللاھ ۋە جەننەتكە يېقىنلىشىدۇ. ئىچى سىقىلىش، غەم- غۇسسىلەردىن خالاس، پەزىلەتنىڭ يۈكسەك مەرتىبىلىرىگە ئورلەيدۇ.

11-كېمىكى، ئېنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇغلۇق، ئۇنى تەرك قىلىپ، كەچۈرىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ ۋە خۇشھاللىق بىلەن تولدۇرۇپ بىرىدۇ.

12-ئۆزىنى چەكسىز راھەتلەندۈرىدىغان بىر ناچار سۆھبەتنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا، ياخشىلىق ۋە پايدا- مەنپەئەت ئالغىلى بولىدىغان ئۇبدان ئادەملەر بىلەن سۆھبەتداش بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇ كىشى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا- ئاخىرەتلىك سائادەتكە ئىرىشىدۇ.

13-كېمىكى، كۆپ تاماق يىيىشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى سېمىزلىك ۋە باشقا بارلىق كېسەللەردىن ئامان قىلىدۇ. چۈنكى، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچكەن كىشى، كۆپ ئوخلايدۇ-دە، كۆپ زىيان تارتىدۇ.

14-كېمىكى، غەزەپلىنىشنى تاشلىسا، ئۆزىنىڭ ئىززەت- نەپسىنى، ھۆرمىتىنى ساقلايدۇ. كەچۈرۈم سوراش، پۇشايمان قىلىش خارلىقىدىن قوتۇلۇپ، تەقۋادالار قاتارىغا كىرىدۇ.

15-كېمىكى، باشقىلار توغرىسىدا يامان گۇمان قىلىشنى تاشلىسا، قەلبنىڭ بىئارام، پىكىرنىڭ چېچىلاڭغۇ بولىشىدىن ئامان بولىدۇ. يامان گۇمان قىلىش، سۆيگۈنى ۋەيران قىلىپ، پاساتچىلىقنى چىللايدۇ.

16-كېمىكى، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە كۆز- كۆزچىلىكنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى كۆتىرىدۇ، پەزىلىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ ئايىغا ئاستىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان بولىدۇ.

17-كېمىكى، ئاتا- ئانىسىغا يامانلىق قىلىشىنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشى پەرزەنتلەرنى بىرىدۇ ۋە ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.

18-كېمىكى، سىلە- رەھىم قىلىشنى تاشلاپ قويمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ رزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە نام نىشانىنى شەرەپلىك قىلىدۇ.

19-كېمىكى، شەھۋانى ئىشىق ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ... ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ سۆيگۈسى بىلەن بېيىتىدۇ.

20-كېمىكى، ھورۇنلۇقنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جانلىقلىق ۋە خىزمەت ئاتا قىلىدۇ. ھىممىتى ئۆرلىتىپ، ۋاقتىنى قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ. ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسىگە ئىرىشىدۇ.

Go to the Top