Иймон қуввати

Аудиолар Маълумотлар
Унвон: Иймон қуввати
тил: Уйғур тили
Маърузачи: Шамс Нувайд Усмон
Таржимон: Комилжон
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: www.munber.org - Уйғур таржима маркази
Киритилган вақт: 2008-01-15
Линк: http://IslamHouse.com/74067
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 3 )
1.
ئىماننىڭ قۇۋۋىتى
67 KB
: ئىماننىڭ قۇۋۋىتى.doc
2.
ئىماننىڭ قۇۋۋىتى
83.1 KB
: ئىماننىڭ قۇۋۋىتى.pdf
3.
ئىماننىڭ قۇۋۋىتى (لېكتور) ئەھمەد ئوبۇلقاسىم
4.1 MB
: ئىماننىڭ قۇۋۋىتى (لېكتور) ئەھمەد ئوبۇلقاسىم.mp3
Тафсилий намуна

ئىماننىڭ ھەيۋىتى

 

(پاكىستانلىق مەشھۇر ئالىم شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىگە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)

 

ئوھۇد مەيدانى ئۇرۇش خارابىسىگە ئايلىنىپ، ھەممە ئەتراپنى ماتەم قاپلىغان بۇ قايغۇلۇق كېچە ئاچچىق ئەلەمدە قان تۈكۈرمەكتە ئىدى. بۈگۈن قانغا چىلىق ـ چىلىق بولۇپ كەتكەن مەيدان ساھىبلىرى گويا، ئۈممەتنىڭ قانداق روناق تېپىشى بىلەن قانداق زاۋال تېپىشىنى بىر قېتىم تەجرىبە قىلىپ كۆرگەن ئىدى.

ئۇلار بۈگۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ سىزىقىدىن چىقماي مېڭىپ، ئازغىنە بىر توپ ئۈممەتنىڭ قوراللىرى خىل، شۇنچە نۇرغۇن دۈشمەننى بىر دەمدىلا مەغلۇبىيەت ئازگىلىغا ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى كۆردى.  ھەمدە يەنە بىر قانچە قەدەملەرنىڭ ئازراقلا خاتالاشقانلىقى پۈتكۈل ئۈممەتنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە قانداقلارچە مەغلۇبىيەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويغانلىقىنىمۇ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.

ئۇلار بۈگۈن ئاچلىق ھەم ئۇسسۇزلۇق، ۋە ساناقسىز دەرت ـ ئەلەملەر تۈپەيلى مادارى قالمىغان ئازغىنە ئىنساننىڭ چۇشقۇن ئىمانى روھ ۋە ھېسلار قوينىدا، بىرلا سىلكىنىش بىلەن تەڭ قانداقلارچە يالقۇنلۇق چوغلارغا ئايلىنىپ، پولات ساۋۇتلار بىلەن قوراللانغان كۈچلۈك دۈشمەننى تىرە ـ پىرەن قىلىۋېتەلىگەنلىكىنى، ھەمدە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت بىرلا پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەڭ قانداقلارچە ئەتراپنى مالىمانچىلىق قاپلاپ، قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ـ ئارا تونۇشماستىن قالايمىقان كاللا كېسىشكە كېرىشىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.

قىسقىسى، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق تەرەققى قىلىشى ۋە قانداق زاۋال تېپىشىنى ئاللاھنىڭ سىرلىق خاھىشى تارىختا، ئەنە شۇنداق بىر قېتىم تەجرىبە قىلدۇرۇپ كۆرسەتكەن ئىدى. تەجرىبە ئاياغلاشقاندىن كېيىن پۈتكۈل جاھان مادارسىز ياتاتتى. ھەممە ئەتراپنى جىمجىتلىق قاپلىغان بولۇپ، قانغا بويالغان جەڭ مەيدانى بىر خىل سۈرلۈك سۈكۈتنىڭ قوينىدا پۇشۇلدىماقتا ئىدى. خۇددى تىنماي شاۋقۇن سېلىپ تۇرىدىغان دېڭىزلار، كەلكۈنلۈك دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ئىلگىرى بىردىنلا جىمىپ قالغانغا ئوخشايتتى.  

شۇنداق، بۇ يەردىمۇ ئاجايىپ كۈچلۈك بىر كەلكۈن دولقۇنلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ئاللاھ مۆمىنلەردىن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان ئالماقچى ئىدى.

بىردىنلا بۇ جىملىقنى بۇزۇپ، دۈشمەنلەر غەلىبە سازلىرىنى چېلىشقا باشلىدى. ئاياللار غالىب ئەرلىرىگە مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن شەھۋانىي ناخشا، ئۇسۇللىرىنى باشلىۋەتتى. ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بەختىيارلىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولۇۋاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ قېنىنى ئىچىپمۇ، ئىنتىقام تەشنالىقى قانمايدىغان بۇ ۋەھشىيلەر مۇجاھىدلارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ، دەسسەشكە باشلىغان ئىدى. قايسىدۇر بىرى يەردە ياتقان شېھىتنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئېغىزىدا چايناشقا كىرىشتى. مەغرۇر دۈشمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەبىي نەرە ـ چۇقانلىرى زېمىننى تەۋرىتىپ، ئاسماننىڭ باغرىنى تىلماقتا ئىدى.

ئەمما بۇلاردىن سەللا يىراقتىكى تاغنىڭ باغرىدا غەلىبە ھەم مەغلۇبىيەتتىن تەڭلا زەخمىلەنگەن مۆئمىنلەر سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ قانلىق جاراھەتلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇشقا مەشغۇل ئىدى. مۇجاھىدلاردىن ئۆتۈلگەن ئازراقلا سەبىيلەرچە خاتالىق تۈپەيلى ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەخمىلەنگەن بۇنداق جان ئالغۇچ مەنزىرىگە ئۇلارنىڭ قەلب ۋىجدانى ئەمدى قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇلار گويا قەلب، تەن، روھ ، ھەممە ئەزالىرى  ئوخشاشلا زەخمىلەنگەندەك، ۋۇجۇدىدىكى بارچە تومۇرچىلاردىن قان دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقاندەك ئەلەملىك ھېسسىياتقا چۆمگەن ئىدى. دېمەك، بۈگۈن مۇجاھىدلارنىڭ روھ، تەنلىرى قان ۋە ياش بىلەن تەڭلا يۇيۇنغان كۈن بولغان ئىدى.

شۇ تاپتا ئۇلارنى قىلىچلارنىڭ بىسى ئەمەس، ئەقىدىلەرنىڭ ئەمەلىيىتى سېنىلىدىغان، بىلەكلەرنىڭ زورى ئەمەس، قەلب، روھلارنىڭ كۈچى سېنىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئۇلۇغ يەنە بىر مەنىۋىي جىھاد مەيدانى كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدا ئاشۇ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىي قۇۋۋېتىنى سېناپ كۆرمەكچى ئىدى. بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتنى دۈشمەننىڭ سانى ھەم قورال كۈچىدىن كۆرەمدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا بىرىلىپ كەتكەن ئازغۇنلىقىدىنمۇ؟ بۇنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى ئىدى. بۇ باشقا جىھادلارغا سېلىشتۇرغاندا شۇنچە ئاددى ئەمما ئىنتايىن نازۇك جىھاد ئىدى.

خۇددى ئىككىنچى قېتىملىق جەڭ ئۈچۈن سىگنال چېلىنغاندەك  ئوھۇد مەيدانىنىڭ ئۈستىن تەرىپىدىن قوپال بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ، تاغ چوقىلىرىغا ئۇرۇلغانچە كۆكتە جاراڭلاشقا باشلىدى. بۇ دەل ئەبۇ سوفياننىڭ ئەۋازى ئىدى. تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆز غەلىبىسىنىڭ رىئاللىقىغا ئىشىنەلمەي قالغان كۇففارلارنىڭ ئالاقزادە ۋاقىراشلىرى ئىدى.

ئۇلار: "ئوھۇد مەيدانىغا غەلىبە بايرىقىمىزنى قادىيالىغىنىمىز بىلەن مۇجاھىدلاردىكى ئىماننىڭ ھەيۋىتىنى سۇندۇرالىدۇقمۇ، يوق؟ ناۋادا بۈگۈنكى بۇ قانلىق قىلىچلىرىمىز ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىستىبداتلىقنىڭ ھەيۋېتىنى تىكلەپ، ئىماننىڭ ھەيۋىتىنى سۇندۇرالمىسا، بۇ غەلىبە ئەمەس، بەلكى چوڭ بىر ئالدىنىش ھەم يېڭىلىش بوپ قالمامدۇ؟" دەپ ئويلاشماقتا ئىدى. ئەنە شۇنداق ۋەھىمىلىك خىياللار ئۇلارنى ئەنسىز ۋاقىراشقا مەجبۇر قىلىۋاتاتتى.

ـ ئاراڭلاردا مۇھەممەد ھاياتمۇ؟! گەپ قىلىڭلار، مۇھەممەد ھاياتمۇ؟!

زەخىم، جاراھەتلەر تۈپەيلى مادارسىز ياتقان مۇجاھىدلار ئىمان، غۇرۇرىغا نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان بۇ زەھەرلىك سوئالنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا، غەزەپ بىلەن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەرچە زەخمىلەنگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھايات بەخش نۇرلۇق جامالى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىگە تەمكىن قاراپ تۇراتتى. شۇ تاپتا مۇجاھىدلارنىڭ كۆكرەكلىرىدىكى پارتلاش ئالدىدا تۇرغان ۋۇلقان كەبى غەزەپلىك ھېسسىياتلار دۈشمەنلەرگە جاۋابەن:

ـ ھەئە ! مۇھەممەد ھايات! ئۇ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۆچمەس ئاۋازى! ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ دەرت ـ پىغانلىرى ئۈچۈن ئەبەدىيلىك مەرھەم! ئۇ ئىمان ھەم ئىشەنچنىڭ يىقىلماس ئابىدىيسى! ئۇ مەڭگۈلۈك ھەق، ئادالەت ئىنقىلابى! دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كۈچ ئۇنى مەڭگۈ يېڭەلمەيدۇ! مەڭگۈ باش ئەگدۇرەلمەيدۇ! دەپ توۋلىۋەتمەكچى بولىۋاتاتتى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىككىنە بىر ئىماسى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە شىددەت بىلەن ماۋۇج ئۇرىۋاتقان بۇ غەزەپلىك ھېسسىياتلار دولقۇنى ئۆز ئورنىدا قېتىپلا قالدى.

توغرا، ئىسلام ھەرگىزمۇ قارشىلىق بىلدۇرۇشنىڭ ۋەھشىيانە نەرە ـ چۇقانى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ئاۋازى. ئىجابىي، ئەمەلىي قۈۋۋەتنىڭ بىر نادىر دېڭىزى.

ئەبۇ سوفيان بۇ دېڭىزنىڭ سىرلىق جىمجىتلىقىنى ئۆلۇم ھەم مەغلۇبىيەتنىڭ سۈكۈتى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشقا باشلىدى. ئەمما يەنىلا قانداقتۇر بىر نەرسە ئۇنىڭ غەلىبە شاتلىقىغا تېكەن بولۇپ سانچىلماقتا ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنى ئىچ ـ ئىچىدىن سارسىمىگە سېلىۋاتقىنى دەل ئىماننىڭ ھەيۋىتى ۋە ھەققانىيەتنىڭ ھاياتلىقى ئىدى. ئۇ بىر ئاز جىملىقتىن كېيىن يەنە ۋاقىراشقا باشلىدى.

ـ ئاراڭلاردا ئەبۇ قاھافە (يەنى، ئەبۇ بەكرى) ھاياتمۇ؟!

ئۇ بۇ سوئالنى يەنە قايتىلاپمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئاخىرقى قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك ۋاقىراشقا باشلىدى.

ـ ئۇنداقتا ئۆمەرچۇ؟! ئېيتىڭلار، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ھاياتمۇ؟!

جىمجىتلىق يەنە ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. ئەبۇ سوفيان ھەر قېتىملىق سورىغان سوئالىغا مۇسۇلمانلارنىڭ جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يېنىككىنە بىرنى تىندى. ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ غەلىبە قىلالىغانلىقىغا ئەمدى رەسمى ئىشىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ ئۆز لەشكەرلىرىگە قاراپ:

ـ بۈگۈن ئوھۇد مەيدانىدا ئىسلام پۈتۈنلەي تۈگەشتى. ئۇلار ھەممىسى ئۆلدى. مانا بىز غەلىبە قىلدۇق ـ دەپ تەنتەنە قىلىشقا باشلىدى.

بۇ تەنتەنە گويا زەھەرگە مېلەنگەن قىلىچنىڭ زەربىسىگە ئوخشاش مۆئمىنلەرنىڭ قەلب، روھىدا زىلزىلە پەيدا قىلىپ، غۇرۇر، ۋىجدانىنى ئۆرتەشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى قىززىپ، جاراھەتلىك بەدەنلىرى خۇددى بىر پارتلاش ئالدىدا تۇرغان ۋۇلقانغا ئايلانغان ئىدى. مۆئمىنلەرنىڭ بېسىۋالغۇسىز غەزەپلىك ھېسسىياتلىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان "ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!"دېگەن نەرە ساداسى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ـ ئى، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! كاززابلىق قىلما! مانا بىز ھەممىمىز ھايات! بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىزنى شۇنداق ھايات ساقلاش بىلەن سەنلەرنى ھالاكەتلىك ئاقىۋەتلىرىڭگە يەتكۈزمەكچى!

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ گۇلدۇرمامىدەك ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەبۇ سوفياننىڭ كۆزلىرىگە بىردىنلا قاراڭغۇلىق تىقىلىپ، گويا بېشى ئۈستىدە شىددەت بىلەن چاقماق چېقىۋاتقاندەك، زېمىن ئايىغى ئاستىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇنچە قانلار بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى بىراقلا يەر بىلەن يەكسان بولغان ئىدى. ھېلىدىن بىرى چېلىنىۋاتقان غەلىبە سازلىرىمۇ لەسسىدە توختاپ قالدى. ئۇنىڭ تېخى بايامقى كۆتىرەڭگۈ مەغرۇر بېشى ئەمدى خۇددى ئۆلۈكنىڭكىدەك مۆرىسىدە ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن دەرھال ئىسىگە كەلدىـ دە، بۇ ئوسال ئەھۋالدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ ياكى  مۇسۇلمانلارغا مەنىۋىي جەھەتتە بىر ھۇجۇم قىلىپ بېقىش ئۈچۈنمۇ؟ ئېيتاۋۇر، نامەلۇم ھېسلار قوينىدا يەنە ۋاقىراشقا باشلىدى.    

ـ ھۇبەل ئەڭ كاتتىدۇر، ھۇبەل ئەڭ كاتتىدۇر، ئۇززا بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز سىلەرنىڭ ئەمەس، ئۇززا بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز سىلەرنىڭ ئەمەس.

بۇنىڭغا جاۋابەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىماسى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ياڭراق ساداسى ئاسماننى يەنە لەرزىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.

ـ ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا! ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ! ئاللاھ بىزنىڭ مەدەتكارىمىز سىلەرنىڭ ئەمەس! ئاللاھ بىزنىڭ مەدەتكارىمىز سىلەرنىڭ ئەمەس!

ئەبۇ سوفيان ئەمدىلىكتە، پۈتۈن بەدەنلىرىنى چۇلغىۋالغان ھەيرانلىق، رەشىك ـ ھەسەت، ۋەھىمىلەرنىڭ ئاچچىق ئازابىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىز قانداقتۇر بىر خىيالغا چۆكۈپ كەتتى. ئۇ بەلكىم، "ھەق ساداقەت ئۈچۈن جاننى ئاتىۋەتكەنلەرنى ھالسىزلاندۇرغىلى بولسىمۇ، جىم قىلغىلى بولمايدىكەن. ئاللاھنى كائىناتنىڭ تەنھا ياراتقۇچىسى دەپ تونۇيدىغان قەلبلەرنى زىدە قىلغىلى بولسىمۇ، سۇندۇرۇپ تاشلىغىلى بولمايدىكەن. جىھاد مەيدانلىرىدا سېنالغان مۇجاھىدلارغا پەشۋا تەپكىلى بولسىمۇ، قورال تاشلاتقۇزۇپ، بويۇن ئەگدۈرگىلى بولمايدىكەن" دېگەن يەكۈنلەرنى خىيال قىلغان بولسا كېرەك، بىردىنلا ئىختىيارسىز چۇچۇپ كەتتى. ۋە قاتتىق يېلىنغان ئاھاڭدا: ـ ئى ئۆمەر! پەرۋاردىگارىڭ بىلەن قەسەم، ماڭا بىر راس گەپ قىلغىن، بىز مۇھەممەدنى ئۆلتۈرەلىدۇقمۇ ـ يوق؟ دەپ سوراشقا باشلىدى.

ـ ياق! ـ  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاۋازىدا ئىماننىڭ زىلزىلىلىك ھەيۋىتى، جاسارەت ۋە تەمكىنلىك شۇنداقلا كۇففارلارنىڭ خام خىيالىغا بولغان مەسخىرىلىك نەپرەت ئورتاق ئىپادىلەنمەكتە ئىدى.

ـ ياق! ئۇ ھايات! ئۇ ھازىرمۇ سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاۋاتىدۇ!
بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ سوفيان ئىختىيارسىز ھالدا :ـ ئەسلىدە مۇنداقكەنـ دە، مۇھەممەدنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقاتقان ئىبنى قەمئەگە قارىغاندا، سەن ماڭا نىسبەتەن تېخىمۇ توغرا، ھەق گەپ قىلىدىغان ئادەمسەن ـ  دەپ توۋلىۋەتتى.

بۇ كۇففارلار سەردارىنىڭ جاۋابىمۇ ياكى باتىل كۈچلەرنىڭ  ئىناۋەت، ئابرۇي ئىمارەتلىرى كۇمبىر ـ كۇم بولۇپ يېقىلغان ئاۋازمۇ؟ بىلىپ بولمايتتى. ئىسلامنىڭ بىرجەڭچىسى كۇپۇرلۇقنىڭ نەزىرىدە كاپىرلاردىنمۇ بەكرەك ئىشەنچىلىك ئورۇنغا ئۆتكەن ئىدى. گويا باتىل ھەققانىيەتنىڭ بۈيۈكلىكىنى، زۇلمەت يورۇقلۇقنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتاتتى. جاھالەت ئىسلامىيەتنى ماختاۋاتاتتى. پولات ساۋۇتلارغا ئورالغان شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەنلەر ئاشۇ ئازغىنە ھارغىن ئىسلام جەڭچىلىرىنىڭ ئىمانىي ھەيۋىتى ئالدىدا ئاق بايراق چىقىرىشماقتا ئىدى.

مانا بۇ ئوھۇدنىڭ قانلىق مەيدانىدىن كېيىن قەلب، ئىددىيە، روھ ۋادىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئاددىي ئەمما ئىنتايىن نازۇك جىھادنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

مانا بۇ قورال ئورنىغا ئەقىدىلەر ئوتتۇرىسىدا، بىلەكلەرنىڭ كۈچى ئورنىغا قەلب، روھلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان غەلىبىلىك مەنىۋىي جىھاد ئىدى.

مانا بۇ ئوھۇدنىڭ تارىخى مەيدانىدا بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت زەربىسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سوۋغا قىلىنغان ئىمان ھەيۋېتىنىڭ ئەخلاقىي غەلىبىسى ئىدى.

ئوھۇد مەيدانى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. كۇففارلار بىر قېتىملىق غەلىبىسىدىن كېيىن خۇددى مەڭگۈ ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان مەغلۇبىيەت زەربىسىگە ئۇچرىغاندەك غەمكىن ھالدا باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە مەيداننى تاشلاپ ئاستا ـ ئاستا كېتىشىپ باراتتى. ئىسلامنىڭ ھەممە ئەزالىرى قىپ ـ قىزىل قانلار بىلەن يۇيۇلغان مۇجاھىدلىرى خۇددى شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قىزىل شەپەقتەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ھەممە ئەتراپقا ئىمان ھەم ئىشەنچنىڭ ھەيۋەتلىك نۇرىنى چاچماقتا ئىدى.

قۇلاق سالىدىغان بولساق، مانا بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ يەنە شۇنداق ئاددىي ئەمما ئىنتايىن نازۇك جىھاد مەيدانلىرى بىزنى چاقىرماقتا. ئۇنىڭدىكى مەغرۇر باتىل كۈچلەر "سىلەرنىڭ تومۇرۇڭلاردا بۈگۈنمۇ مۇھەممەد، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ قانلىرى ئېقىۋاتامدۇ؟!" دەپ چۇقان سالماقتا. دۇنيادىكى بىر مىليارتتىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ چۇقانلارنى سۈكۈت ئىچىدە تىڭشىماقتا. ئەمما ئىمان، غۇرۇرى ئويغاق بىرەر مۇسۇلمان ئارىمىزدىن چاچراپ تۇرۇپ، ئۇلارغا: "ھەئە! ھازىرمۇ بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئاشۇ مۇقەددەس قانلار راۋان. ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ! ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا! ئاللاھ ھازىرمۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىز سىلەرنىڭ ئەمەس! ئاللاھ ھازىرمۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىز سىلەرنىڭ ئەمەس!" دەپ نەرە توۋلاپ جاۋاب بېرىشكە تەييار ئەمەس. چۈنكى  دۈشمەننىڭ ھەيۋېتىدىن لاغ ـ لاغ تىترەۋاتقان بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ساختا ئىمانىمىزدىن دۈشمەننى ئەيمەندۈرگىدەك بىرەر ھەيۋەت ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ۋىجدانىمىزنى قانائەت تاپتۇرغىدەك ئەخلاقىي ئوبرازنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەمما شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىز مۇسۇلمان، يەنىلا بىز مۇسۇلمان.

Go to the Top