ঈদুল আজহার নামাজ আদায়ের পদ্ধতি

প্রবন্ধ পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: ঈদুল আজহার নামাজ আদায়ের পদ্ধতি
ভাষা: উইগুর
লেখক: ইসলামজান ইউগুরি
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.munber.org
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: ঈদুল আজহার নামাজ আদায়ের পদ্ধতি: এ প্রবন্ধটি ঈদুল আজহার নামাজ প্রচলনের ইতিহাস, তার পদ্ধতি, হানাফী মাজহাব অনুসারে আলোচনা করা হয়েছে কুরআন সুন্নাহর ভিত্তিতে।
সংযোজন তারিখ: 2008-01-13
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/73674
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - থাই - মালয়ালাম - বসনিয়ান - উযবেক - তুর্কি
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى
1.3 MB
: قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى.doc
2.
قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى
167.4 KB
: قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى

 

بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، رەببىمىز ئۇلۇغ اﷲ تائالاغا بولسۇن! ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن!

قۇربان ھېيت نامىزى ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى نەھر (قۇربانلىق قىلىدىغان) كۈنىدە يولغا قويۇلغان. ئۇ كۈن بولسا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنىدۇر.

قۇربان ھېيت نامىزى شەھەرلەردە ياكى چوڭ كەنتىلەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇ شەھەر ۋە كەنتلەرگە كېلەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ھاياتى بويىچە داۋام قىلدى ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقا بۇيرىدى. بۇ ھەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ھېيت كۈنلىرى (ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەتتا بىز قىزلارنى ئۇلار پۈركىنىپ تۇرىدىغان پەردىلەرنىڭ ئىچىدە ئېلىپ چىقاتتۇق ھەتتا ھەيزدار ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقاتتۇق. ئۇلار ئۇ كۈننىڭ بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

ئەمما مۇساپىرغا، ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغا قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس.

قۇربان ھېيت نامىزى چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىن نەيزە بويى كۆتۈرۈلىپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى قۇياش چىڭ چۈشتىن قايرىلغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر قۇياش ناماز ئوقۇپ تۇرغان ۋاقىتتا قايرىلىپ قالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. قاتتىق يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنىڭ كەلمىگىنىگە ئوخشاش بىرەر ئۆزرىنىڭ سەۋەبىدىن ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئۈچ كۈنگە قەدەر كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنا كۈنلىرىنى: "ھەقىقەتەت بۇ كۈنلەر ھېيت كۈنلىرىدۇر" دېگەن. ئۇنى بىرەر ئۆزرە يوق تۇرۇپ ئۇنداق كېچىكتۈرۋېتىش مەكرۇھى تەھرىمە (ھارامغا يېقىن مەكرۇھ) دۇر.

ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى

قۇربان ھېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت بولۇپ جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن، قۇربان ھېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر (اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دېدى: رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىغا ئەزان ئوقۇلمايتتى. [بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇماستىن ھېيت نامىزىنى باشلاپ ئوقۇپ بەردى. [بۇ ھەدىسنى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان]

قۇربان ھېيت نامىزىنى قازا قىلىۋاتقان ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا باشقا مەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ھېيت نامىزىنى ھەممە كىشىلەر بىر يەردىلا ئوقۇماي بىر نەچچە يەردە ئوقۇسىمۇ توغرا بولىۋېرىدۇ.

ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇ تەكبىر ھەر بىر رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكئەتتە ئىمام تەكبىرنى نامازنى باشلاپ "سۇبھانەكەللاھۇممە" نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەت ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ قوللىرىنى ئىككى يانغا تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام ھەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا: "سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇلىللاھ ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېيىش خاتا ئەمەستۇر.

ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىلىدۇ. تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىككى رەكئەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن دېگەنلىك ئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرنى ھەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىش لازىم.

بۇ تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم بولۇپ جەمئىي ئالتە تەكبىر ئېيتىش بولسا ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى ساھابىلارنىڭ (اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.

ئەگەر ئىمام بىرىنچى رەكئەتتە ئېسىدە يوق تەكبىرنى ئېيتماي ئايەتلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەكبىرنى ئېيتمىغانلىقى ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرنى  ئېيتىدۇ. ئاندىن ئايەتلەرنى قايتا ئوقۇيدۇ. ئەمما تەكبىرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرنى ئېيتماستىن نامازنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ ۋە سەھۋە سەجدىسى قىلىدۇ.  

ئەگەر بىر ئادەم بىرىنچى رەكئەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يېتىشكەن بولسا، ئۇ ئادەم ئېيتىشقا تېگىشلىك تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلاپ بولغان بولسىمۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ھەتتا ئىمام رۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتالمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنى رۇكۇدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن ئېتىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەم ھېيت نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇ رەكئەتنىڭ قازاسىنى قىلىشقا تۇرغاندا ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ.

قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى

ھېيت نامىزىنىڭ كەينىدىن ئىمامنىڭ ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قېتىم قىسقا بىر ۋاقىت ئولتۇرۋالىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (ھېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى. ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنىڭ قېشىغا كېلەتتى ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلاتتى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېتىكىنى يېيىپ تۇراتتى. (شۇ چاغدىكى پېقىرلارغا سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار) سەدىقىسىنى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تاشلايتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]  

ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇپ بولۇشىنى كۆتۈپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام مۇنبەرگە چىقىپلا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.

بىرىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم ۋە ئىككىنچى خۇتبىنىڭ بېشىدا يەتتە قېتىم ئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم  تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەبتۇر.

ھېيت كۈنلىرى قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار

قۇربان ھېيت كۈنىدە تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەر بىر نەرسە يېيىلمەيدۇ.

ھېيت كۈنىدە يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە ئىشلىتىش، چىرايلىق كىيىم ـ كىچەك كېيىش، نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش ۋە خوش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر.

بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى قىزىل تون كىيەتتى. [بۇ ھەدىسنى تەبرانى رىۋايەت قىلغان]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت كۈنلىرى ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيەتتى، دېدى. [بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان]  

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگە قەدەر يولدا تەكبىرنى ئاۋازلىق ئېتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە (ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ) تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى دارى قۇتنىي ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان]

ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزى ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكئەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]

ھېيت كۈنى نامازغا بارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى. (يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭاتتى). [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىى رىۋايەت قىلغان]

ھېيت نامىزىغا بارغىچە يولدا تەكبىرلەر ئاۋازلىق ئېيتىلىدۇ ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچىنچى كۈنىنىڭ (يەنى زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈندىن ئون ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئۈچ كۈن) ئەسىر نامىزىغا قەدەر ھەر پەرز نامازىنىڭ كەينىدىن تەكبىر ئېيتىش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىگە ۋاجىپتۇر. بۇ تەكبىرلەرنى ئېيتىش ھەققىدە اﷲ تائالا مۇنداق دېدى: "ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار) "[سۈرە بەقەر 203 ـ ئايەتنىڭ بىرقىسمى]

"كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋىي) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) اللە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى اللەنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) اللەنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن". سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار "[سۈرە ھەج 28 ـ ئايەت]  

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (ھەر نامازنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان) تەكبىرنى قۇربان ھېيت كۈنىنىڭ بامدات نامىزىنىڭ كەينىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچۈنچى كۈنىنىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبۇشەيبە رىۋايەت قىلغان]

تەكبىر مۇنداق ئېيتىلىدۇ: ئەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ.

يەنى ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم "لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ" دېيىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا "ۋە لىللاھىل ھەمدۇ" دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنى جاراڭلىق ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايال كىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ.

تەكبىرنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.

 

সংশ্লিষ্ট বিষয়াবলী ( 1 )
Go to the Top