อีดอัฎหา

บทความ การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: อีดอัฎหา
ภาษา: อุยกูร์
ผู้เขียน: อะมีน อัลหาจญ์ มุหัมมัด
ผู้แปล: อิสลามญาน อิฆูรีย์
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: www.munber.org
คำอธิบายโดยย่อ: บทความเรื่องอีดอัฎหา
วันที่เพิ่ม: 2008-01-07
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/72147
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - มาลายาลัม - เบ็งกอล - บอสเนีย - อุซเบก
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
قۇربان ھېيتى
1.3 MB
: قۇربان ھېيتى.doc
2.
قۇربان ھېيتى
162.1 KB
: قۇربان ھېيتى.pdf
คำอธิบายโดยละเอียด

 

 

قۇربان ھېيتى

 

قىلىشقا ۋە قىلماسلىققا تىگىشلىك ئىشلار: 

يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقان قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن، دىنىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىدا نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىغا دائېر تەلىماتلىرىدا ھەرقايسىڭىزلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، قۇربان بايرىمىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار دېگەندىن ئىبارەت ئىككى خىل يۈنىلىش بويىچە «//www.islamadvice.com» دا ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىنىڭ مەزمۇن تەرجىمىسىنى ھۇزۇرىڭىزلارغا سۇندۇق.

مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ،  "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈننى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن  ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.

مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا ھېيىت بولغىنىدەك، جەننەتتىمۇ ھېيىت بار. ئوخشىمايدىغان يېرى، جەننەتتە كۈندە ھېيىت بولىدۇ....

ھېيىتتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

بىرىنچى: ئىككى ھېيىت كالىندار ئارقىلىق ئەمەس، ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن.

ئىككىنچى:  گەرچە ئىمام شافىئىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئالىملار ھېيىت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشى دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈشكەن، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغان. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "ھېيىت كېچىسىنى ئىھيا قىلىش دېمەك، خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، بامداتنىمۇ جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بەل باغلاشتۇر" دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى: تەكبىر ئېيتىش؛ ھېيىت كېچىسىدىن باشلاپ بازارلار ۋە ئۆيلەردە، پەرز نامازلاردىن كېيىن، يوللاردا ۋە نامازدىن ئىلگىرى تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. ئىمام خۇتبە جەريانىدا تەكبىر ئوقۇيدۇ. تەكبىر مۇنداق ئوقۇلىدۇ "ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىلھەمد". تەكبىر ھەر نامازدىن كېيىن تاكى ئۈچىنچى كۈنى ئەسىر نامىزىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

تۆتىنچى: ھېيىت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش سۈننەتتۇر. ئەلى ۋە ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ نامازغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنىدىغانلىقىغا ئائىت رىۋايەتلەر بار.

بەشىنچى: مۇسۇلمان كىشى ھېيىت كۈنى مەيلى يېڭى ياكى كونا بولسۇن ئەڭ ياخشى كېيىملىرىنى كېيىشى ۋە ئىمكان بار خوشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى سۈننەتتۇر.

ئالتىنچى: كۈن چىققاندىن كېيىن ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا ئالدىراش. نامازنىڭ ۋاقتى كۈن كۆتىرىلگەن باشلاپ زاۋالغىچە. (نامازنىڭ تەپسىلاتىدا بۇ خۇسۇستىكى باشقا بىر پارچە ماقالىدە توختالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختالمىدۇق)

يەتتىنچى: ھېيىت نامىزى مەككە مۇكەررەمەدىن باشقا جايلاردا زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا مەسجىدتە ئەمەس، سەھرالاردا ياكى چوڭ ناماز ئوقۇلىدىغان مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ.  

سەككىزىنچى: نامازنى ئوقۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەستىن، ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىككى خۇتبىنى تىڭشاش مۇھىم. ئىمام بۇ ۋاقىتتا قۇربانلىق ۋە ھېيىتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلاردا توختىلىدۇ.

توققۇزىنچى: ناماز ۋە خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىمام ۋە جامائەتلەر  گۆشىدا ئىپتار قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقىنى قىلىشقا ئالدىراش. بىرىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلالمىغان بولسا، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنى بولسىمۇ قىلىش لازىم.

ئونىنچى: ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا كەلگەن يولدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشمۇ سۈننەتتۇر.

ئون بىرىنچى: قۇربانلىقنىڭ گۇشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىش، بىر قىسمىنى قولۇم ـ خوشنىلىرىغا، يەنە بىر قىسمىنى ئاجىز ۋە يوقسۇللارغا بېرىش سۈننەتتۇر. ئەمما ئۇنىڭ ھېچبىر نەرسىسىنى سېتىشقا بولمايدۇ.

ئون ئىككىنچى: قۇربانلىق سۈننەت مۇئەككەدە (يەنى ۋاجىپ) بولۇپ،  ئىمكانىيىتى بار بولغان ئەر، ئايال، مۇقىم ياكى مۇساپىر، تۇرمۇشلۇق ياكى بويتاق، ھۆر ياكى قۇل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قىلىش زۆرۈر. ئەمما قېيىنچىلىقى بارلار قىلمىسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.

ئون ئۈچىنچى: قۇربانلىق ئۈچۈن ئالتە ئايلىققا، ئۆچكىدىن بىر ياشنى توشقۇزغان ئوغلاق، تۈگىنىڭ بەش ياشنى تۈگىتىپ ئالتىگە كىرگىنى، كالىنىڭ تۆتنى تۈگىتىپ بەش ياشقا كىرگىنى بولسا بولىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ قارىغۇ، ئاقساق، ئورۇق ـ ئاۋاق ۋە بىر يەرلىرى سۇنۇق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.

ئون تۆتىنچى: قۇربانلىق قىلغان كىشى ئائىلىسىگە، ئورۇق- تۇققانلىرىغا ۋە خولۇم ـ خوشنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىشى، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا بار بولغان يېرىكلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشى ۋە ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىشى لازىم.

ئون بەشىنچى: ئۆزئارا "ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ بايرىمىمىزنى قوبۇل قىلسۇن" دېيىشمەكمۇ ياخشى ئىشلاردىندۇر.

ئون ئالتىنچى: ئاللاھ تائالانى كۆپلەپ زىكىر قىلىش.

ھېيتتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

بىرىنچى: كېيىم ـ كىچەك ۋە قۇربانلىق سېتىۋېلىشتا، ئۆينى رىمونىت قىلىش ۋە زىننەتلەش ئىشلىرىدا ئارتۇق چىقىم قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىش.

ئىككىنچى: يېڭى ئۆلۈم چىققان ئۆيلەرگە يىغىلىپ، ئۇ يەردە بۇنداق قۇتلۇق كۈندە يىغا ـ زارە، قايغۇ ھەسرەتنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىش.

ئۈچىنچى: قەبرىلەرنى زىيارەت قىلماسلىق.

تۆتىنچى: يات ئەرلەرنىڭ ئاياللار بار سورۇنلارغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇرۇشى ۋە قول ئېلىشىپ كۆرىشىشىدىن ساقلىنىش.

بەشىنچى: ئارىلىقىدا ھېچقانداق شەرئىي مۇناسىۋىتى بولمىغان خۇتۇن ـ قىزلار بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا، يىغىلىشلاردا بولۇشتىن ساقلىنىش.

ئالتىنچى: ناخشا ـ مۇزىكا سورۇنلىرى ئويۇشتۇرۇشتىن ساقلىنىش.

يەتتىنچى: قەرت، قىمار ئويناشتىن ساقلىنىش.

سەككىزىنچى: ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن غاپىل بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش.

تۇققۇزىنچى: ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، ئوغۇرلۇق ۋە غەيۋەتكە ئوخشىغان گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىش.

ئونىنىچى: مازار گۈمبەزلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەرلەرگە چىراق يېقىش، يىللىق خاتىرلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش.

ئون بىرىنچى: بالاغەتكە يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىزلارنى  شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە كىيىندۈرمەستىن سىرتلارغا چىقىرىشتىن ھەزەر ئەيلەش.

ئون ئىككىنچى: ھېيىتتا كاپىرلارغا تەقلىد قىلىپ، ئىش ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئېلىپ بارماسلىق.

ئون ئۈچىنچى: ھېيىت كۈنىدە رۇزا تۇتۇشتىن ساقلىنىش.

ئون تۆتىنچى: ھېيىت نامىزىنى ئوقۇماسلىقنى نورمال ئىش دەپ قاراشتىن ساقلىنىش.

ئون بەشىنچى: كېچىلىرى بىر ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇپ، بامداد نامىزىنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئاخىرىدا  ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ خالىس ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن! بىزگە يۇقىرىقى ماقالىدىن شۇ نەرسە ئايدىڭلاشتىكى، ھېيىتنىڭ يېڭى كىيىپ، ياخشى يىگەنلەرنىڭ ئەمەس، ئاللاھقا بولغان تائىتى ئاشقانلارنىڭ، كېيىم ـ كېچەكلەر بىلەن بىزەلگەنلەرنىڭ ئەمەس، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنغانلارنىڭ ئىكەن. ھېيىت كېچىسى مەغپىرەتنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇق بولىدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار ئۈچۈن ھېيىت ھېيىتتۇر، بولمىسا....

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز تائىتىگە  مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

 

Go to the Top