Нима учун росулуллоҳ ҳаётларини ўрганамиз?

Мақолалар Маълумотлар
Унвон: Нима учун росулуллоҳ ҳаётларини ўрганамиз?
тил: Уйғур тили
Ёзувчи: Абдулаҳад Ҳофиз
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: Риёз шаҳри Рабва маҳалласи диний тарғибот идораси
Киритилган вақт: 2008-01-03
Линк: http://IslamHouse.com/71071
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 2 )
1.
نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟
78.3 KB
: نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟.pdf
2.
نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟
57 KB
: نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟.doc
Тафсилий намуна

 

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟

 

     پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى، ئىش ئىزلىرىنى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلۇغ دىنىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش يولىدا ئېلىپ بارغان جىھادلىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چىن كۆڭۈلدىن مۇھەببەت باغلاپ، سەمىمىي سۆيۈش "مەن مۇسۇلمانمەن" دېگەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئالدىنقى پەرزلەرنىڭ بىرى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ مۇھىم بىر ئاساسى.

      پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئۈلگىلىك ئوبرازى، ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ جانلىق تەرجىمىسى، كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ داغدام يولىنى كۆرىسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق. تۆۋەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تونۇشنى پەرز قىلىدىغا بىر نەچچە مەسىلىنى تەقدىم قىلىمىز:

1- ئىماننىڭ تەقەززاسى. ئىماننىڭ ئەسلى؛ (بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن) دەپ چىن قەلبىدىن ئىشىنىشتۇر. شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەزىلىتىنى، باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن بولغانلىقىنى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان كامىل نېمەتلىرىنى، ئۇنىڭ ئېسىل ئەدەپ - ئەخلاقلىرىنى، باشقىلار بىلەن قەتئىي  قىياس قىلغىلى بولمايدىغان تالانت ۋە پاراسەتلىرىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تەئالا ئىنسانلار ئىچىدىن تاللاپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھېچكىمگە بەرمىگەن خىسلەتلەرنى ئاتا قىلغان، ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل بىر زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پۈتۈن سۈپەتلىرى بىلەن تونۇپ، ئۇنىڭغا چىن ئىشىنىش ئىماننىڭ تەقەززاسى.

2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ پەرزلىكى. ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلارغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشنى پەرز قىلدى ۋە مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تەئالانى سۆيگەنلىكىنىڭ دەلىلىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش قىلدى. كىمكى ئاللاھ تەئالانى ھەقىقىي سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھنى سۆيسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» ئالى ئىمران سۈرىسى:31- ئايەت . ئەگىشىش - رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرى پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغاننىڭ سىرتىدا، ھاياتىمىزنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۇنىڭ يولىدىن مېڭىش، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلىش، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، سۆزىمىزدە، ئىش ـ ھەرىكەتلىرىمىزدە ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىشلىرىنى، سۆزلىرىنى ۋە بارلىق ئەھۋالىنى ئۆگىنىشنى، ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى، ئېسىل سۈپەتلىرىنى، گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ۋە ئادەتلىرىنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئۇنىڭ سۆز، ئىش ۋە ئەدەپ ئەخلاقلىرىنى ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىدى. ئەڭ ئاددى ئىشلاردىمۇ رەسۇلۇللاھ قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا تېرىشاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئولتۇرۇش- قوپۇش، مېڭىش- تۇرۇش، سۆزلەش ۋە سۇكۇت قىلىش بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى. ھەتتا ئۇلار رەسۇلۇللاھ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمىغان نەرسىنى يامان كۆرەتتى. ئىمام تىرمىزى ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: "بىر كۈنى بىر تىكىنچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاماققا چاقىردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ساھىبخان رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئارپا نېنى بىلە كاۋا توغرىغان شورپا قويدى. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆپرەك كاۋا يېگەنلىكىنى كۆردۈم. شۇندىن بېرى كاۋىنى ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم." بۇنداق مىساللار ساناپ تۈگەتكۈسىز كۆپتۇر. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت تارىخىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدەك تۇغۇلغاندىن تارتىپ ۋاپاتىغىچە چوڭ- كىچىك بارلىق ئىش ـ ھەرىكەتلىرى بىرمۇبىر رىۋايەت قىلىنىپ، يېزىپ قالدۇرۇلغان ئىككىنچى بىر شەخسنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس. يىغىپ ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بولۇپ . ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋە بارلىق ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىش  پەرزدۇر. چۈنكى "پەرز ئۇنىڭسىز ئادا بولمايدىغان نەرسىنىڭ ئۆزىمۇ پەرزدۇر". خۇددى ناماز ئۈچۈن تاھارەت پەرز بولغاندەك.

3- رەسۇلۇللاھنى سۆيۈشنىڭ پەرزلىكى. ئاللاھ تەئالا مۆمىنلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەرقانچە سۆيۈملۈك نەرسىسىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈپ سۆيۈشنى پەرز قىلدى. رەسۇلۇللاھنى سۆيمىگەنلەرنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: »(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، "ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خاتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭلار، (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» تەۋبە سۈرىسى: 24- ئايەت . ئاللاھ تەئالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز جانلىرىدىنمۇ چارىدۇر.» ئەھزاب سۈرىسى:6- ئايەت.

مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ، سۆيۈلگەن كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىنى بىلىش بىلەن بولىدۇ. مەھبۇبى ھەققىدە مەلۇماتى ئاز كىشىنىڭ مۇھەببىتىمۇ ئۈزەكى مۇھەببەت بولۇپ، چىن قەلبىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. كىشى بىراۋنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك بولغانلىقى ياكى شۇجائەتلىك، قەھرىمان بولغانلىقى ياكى يوۋاش- يۇمشاق بولغانلىقى ياكى كەمتەر كىچىك پىل بولغانلىقى ياكى بىلىملىك ئالىم بولغانلىقى ياكى كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان سالىھ بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. يوقىرىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان زات ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۆمىننىڭ ھەر قانداق مۇھەببەتنى بېسىپ چۈشىدىغان دەرىجىدە سۆيمەسلىكى ئەقىلغا سىغامدۇ؟ مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئېسىل سۈپەتلىرىنى، پاك كۆڭلىنى قانچىلىك كۆپ بىلسە، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت - سۆيگۈسى شۈنچىلك كۈچلىنىدۇ ۋە قەلبى رەسۇلۇللاھقا شۈنچىلىك باغلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھنى كۆپ ياد ئېتىپ ئۇنى تونىغانسېرى ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىپ، تۆۋەندىكى ھەدىستە ئېيتىلغان ھەقىقى سۆيگۈ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئاتا- ئانىسىدىن، بالا- چاقىسىدىن ۋە باشقا بارلىق كىشىلىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆمىن بولالمايدۇ.» ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى، ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:14، مۇسلىمدىكى نومۇرى 63 .  

يەنى ئىماننىڭ تولۇق ۋە كامىل بولۇشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەممىدىن بەك سۆيۈشكە باغلىق. دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۆيۈش ئىماننىڭ كامىل بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ، سەل قاراشقا بولىدىغان ئارتۇقچە ئىش ئەمەس. بۇ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتكە چىقىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن بىلىش لازىم. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھنى تونۇش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز دۇر.

4- زامانىمىزنىڭ ئىھتىياجى. دىن دۈشمەنلىرى ئۆز تەرەپتارلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇسۇلمان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىدىسىنى تەشۋىشكە سېلىپ، ھەقىقەتنى بورمىلاپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىسى ئاجىزلىشىپ، ھەر خىل يات پىكىرلەرنى ئۆزىلىرىگە ئۆزلەشتۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى تونۇشى ۋە باشقىلارغا تونۇتۇشىنى پەرز قىلىدۇ. مۇسۇلمان ياشلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىشىلىكىنى، ئىنسانلارنى ئازغۇنلۇق ۋە جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان- ھىدايەتنىڭ نۇرىغا، ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانغا قۇل بولۇپ چوقۇنۇشتىن ئازات قىلىپ، ئەقلىنى ۋە ئىقتىدارىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىسلامنىڭ داغدام يولىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تارتقان جاپا- مۇشەققەتلىرىنى، بۇ يولدا بېشىغا كەلگەن مىسلىسىز ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن دۇنيالىقىدىن پۈتۈنلوي ۋاز كەچكەنلىكىنى، دۈشمەنلىرىگە قارشى يېڭىلمەس جاسارەت ۋە شۇجائىتىنى، غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى كەڭ قورساق ۋە كەچۈرۈمچانلىقىنى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرىگە خىلاپ كەلمەيدىغان ئىشلاردا ئۆزىگە كەلگەن ئەزىيەتلەرگە غەزەبلەنمەيدىغانلىقىنى، ئاجىزلارغا، كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا چەكسىز مىھرىبانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە ئىنتايىن موھتاج. چۈنكى بۇ مەلۇماتلار مۆمىننىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئۇنىڭ قەلبىنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تونىغان ياشلار دۈشمەنلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىغۋالىرى، پىتنە- پاساتلىرى ۋە شەك- شۈبھىلىرى ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەستىن دىنىدا مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن ۋە "مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىمەن" دەيدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىپ، بارلىق ئىش- ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىش ئىزلىرى بىلەن بېزىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا مۆمىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇممەت بولغانلىقىدىن پەخرىلىنىپ بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرەلەيدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە ئۇممەت بولغانلىقىغا ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، خۇددى ئەھمەد يەسەۋىدەك "بۇ دۆلەت بىزگە يەتمەسمۇ مۇھەممەد ئۇممىتى قىلدى" دەيدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلار ئاممىسى بۇ ھەقىقەتلەردىن پۈتۈنلەي يىراق. دۇنيادا بىر مىليارد 400 مىليۇندىن كۆپرەك مۇسۇلمان بارلىقى مەلۇم. لېكىن ئەشۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانچە پىرسەنتى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ ھاياتىنى بىلىدۇ؟ قانچە پىرسەنتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىز ئۇممەت ئۈچۈن تارتقان جاپا ـ مۇشەققەتلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ بۇ سوئالنى بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزدىن سورىساق ئەھۋال تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھولىۋۇد كىنو ئارتىسلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى، ياۋرۇپا توپچىلىرىنىڭ ئاتلىرىنى بىر- بىرلەپ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە ئوغلى بار؟ دەپ سورىسا، تىلىنى قاغا چوقۇۋالغاندەك قاراپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت.شۇڭلاشقا بىز تور بىكىتىمىز ئارقىلىق كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلۇغ سۈپەتلىرى ھەققىدە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تولۇق مەلۇمات بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈق. خۇدا خالىسا  بىز بۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇشقا  كۆچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىمىز.

Go to the Top