ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

مەشھۇر كىشىلەر تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاتاقلىق ئالىم ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ ئىسمى نەسەبى: مۇھەممەد ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەئد ئىبنى ھەرىز بولۇپ، دىمەشىقنىڭ بەنى زۇرئە قەبىلىسىدىن. كۇنيىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ، باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نامى: شەمسىددىن يەنى دىننىڭ قۇياشى، ئاتىسى ئەلجەۋزىييە مەدرىسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋەقپە قىلغۇچىسى ھەم مۇتەۋەللىسى بولغاچقا، ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە دەپ مەشھۇر بولغاندۇر. ئىمام ئىبنى قەييىم ھىجريە 691 ـ يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7 ـ كۈنى دېمەشىق شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ. ئاتىسى، قېرىندىشى ۋە جىيەنى ئىلىم - مەرىپەت بىلەن تونۇلغانلاردىن ئىدى، ئۇ كىچىكلىكىدىن تارتىپلا ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئالىملار سورۇنلىرىغا قاتنىششقا قىزىقىپ، ئىلىم مۇھىتىدا يېتىلگەن. ئۇ بىرەر ئالىمنى ئۇستاز تۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي كۆپ ئالىملارغا شاگىرت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن ئالغان، ھېچ بىر ۋاقىت ئىلىمگە قېنىپ توختاپ قالمىغان.
ئۇ، شىھابۇددىن نابلىسى، ئەبۇلھەججاج مىززى، شىھاب ئابىد، قازى تەقىيۇددىن سۇلايمان ھەمزى، ئەبۇ بەكرى ئىبن ئەبدۇددائىم، ئەبۇ نەسر شىيرازى، ئىسا مۇتئىم، ئەلمەجدىل ھەررازى، پاتىمە بىنتى جەۋھەر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇستازلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ئەمما ئۇ ئىلىم تەھسىل قىلغان ئالىملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى شەيخۇل ئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىييە بولغان. چۈنكى ئۇ ئىبنى تەيمىييەگە شاگىرت بولۇپ ئەگەشكىنىچە تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ تۇتقان يولىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئىلىم مەيدانىدا تەۋرەنمەس بىر تاغ بولۇپ يېتىشكەن.
ئىمام ئىبنى قەييىم ھاياتىدا ئەلجەۋزىيە مەدرىسىسىدە ئىمامەتچىلىك، سەدرىييە مەدرىسىسدە مۇدەررىسلىك ۋە پەتىۋا بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەنسەپ ۋە خىزمەتلەردە بولغان، بەزى قاراشلىرى سەۋەبىدىن تۇرمىدىمۇ ياتقان. ھىجرىيەنىڭ751- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 13 – كۈنى ۋاپات بولغان. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا كىتاب يېزىپ قالدۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. تۆۋەندىكىلىرى ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدۇر:
«رەۋزەتۇل مۇھىببىن»، «زادۇل مەئاد»، «ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، «ھىدايەتۇل ھەيەرا»، «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، «ئەلجاۋابۇل كافى»، «بەدائىئۇل فەۋەئىد»، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين»، «ئىغاسەتۇللەھفان»، «مەدەرىجۇسسالىكىن».
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ دىنغا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئىنتايىن چوڭدۇر، ئىمامنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان بارلىق مۇسۇلمانلارغا بىلىم بۇلىقى بولۇپ كەلمەكتە.
قوشۇلغان ۋاختى: 2006-03-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/6932
بۇنىڭغا ئالاقىدار ماۋزۇلار ( 4 )
Go to the Top