ক্রোধ ও তার চিকিৎসা

প্রবন্ধ পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: ক্রোধ ও তার চিকিৎসা
ভাষা: উইগুর
লেখক: মুহাম্মাদ সালেহ আল-মুনাজ্জিদ
অনুবাদক: মুহাম্মদ ইউসূফ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: ইসলাম প্রচার ব্যুরো, রাবওয়াহ, রিয়াদ
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: ক্রোধ ও তার চিকিৎসা : এটি একটি সংক্ষিপ্ত প্রবন্ধ কিন্তু এর উপকার বিশাল। ক্রোধ শয়তানের প্রভাবের একটি অংশ। পাপাচার ও মন্দ কাজের কারণে মানুষ তাতে পতিত হয়।
সংযোজন তারিখ: 2007-12-16
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/67275
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - থাই - মালয়ালাম - বসনিয়ান - উযবেক
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى
1.4 MB
: ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى.doc
2.
ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى
162.3 KB
: ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

 

ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى

 

ئاچچىقلىنىپ، تېز غەزەبلىنىش ۋە ئۆزىنى تۇتالماسلىق كىشىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەختسىزلىكلەرنى ۋە بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. خۇسۇسەن، رامىزان كۈندۈزلىرىدە  كۆپلىگەن كىشىلەر  ئاددىغىنا ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماستىن، گاھىدا روزىسىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسەن رامىزاندا ئاچچىقلىماسلىق توغرىسىدا قايتا - قايتا ئېيتقان تەۋسىيەلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلىرىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سېنى بىراۋ تىللىسا ”مەن روزىدارمەن“دېگىن» دېگەن سۆزىدىكى تەربىيە  غەزەبنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرىدىن بىرى بولغاننىڭ سىرتىدا، ئىنساننى ھەمىشە شۇنداق كەڭ قورساق بولۇشقا يېتەكلەيدىغان ئەمەلىي تەربىيەدۇر. رامىزاندا”مەن روزىدارمەن“دېيىش بىلەن كىشىلەرنىڭ يامانلىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ شۇنداق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيىى تەربىيىلىنىش، مەنىۋىياتنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئېيىدۇ. رامىزاندا شۇنداق كەڭ قورساق بولغان ئادەم باشقا ئايلاردىمۇ ھەمىشە شۇنداق بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا رامىزاننىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بولىدۇ ۋە رامىزاننىڭ شاراپىتى بىلەن شاراپەتلەنگەن بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ چارىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« غەزەب شەيتاندىن بولغان بىر پالاكەت بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن مۇسىبەتلەر ۋە بالالار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ يامان خۇلۇق توغرۇلۇق تەپسىلى بايانلار كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە غەزەبتىن ئىبارەت بۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى بايان قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1- ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش. سۇلەيمان ئىبنى سەردتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم. ئىككى ئادەم جېدەللىشىپ يۈزلىرى غەزەبتىن قىزىرىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن بىر سۆزنى بىلىمەنكى، ئەگەر شۇ سۆزنى دېسە ئۇنىڭدىكى غەزەب يوقىلىدۇ. ئەگەر ئۇ،”ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن”دېسە، ئۇنىڭ ئاچچىقى پەسىيىدۇ»دېدى.

2- سۇكۇت قىلىش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«سىلەرنىڭ بىرىڭلار غەزەبلەنگەندە سۇكۇت قىلسۇن»دېگەن. چۈنكى قاتتىق غەزەبلەنگەن ئادەم ئۆزىنى تۇتۇپ، ئېغىزىنى يۇمۇپ تۇرالىسا، سوزلىرى سەۋەبلىك كېيىن كېلىدىغان كۆپلىگەن پۇشايمانلاردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

3- جىم تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار غەزەبلەنگەن چېغىدا ئۆرە تۇرغان بولسا، ئولتۇرىۋالسۇن، ئولتۇرغان بولسا يېتىۋالسۇن»دەپ كۆرسەتكەن. بۇ غەزەبلەنگەن كىشىنى كېيىن پۇشايمان ئىلىپ كېلىدىغان  كۆپلىگەن خاتالىقلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى غەزىبىنى باسالمىغان ئادەم ئۆرە تۇرغىنىدا قارشىسىدىكى كىشىگە تاياق ئېتىشى مۇمكىن. بەلكى ئۆلتۈرىۋېتىش ۋەقەسىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئولتۇرىۋالغىنىدا بۇ خىل خاتالىققا چۈشۈشتىن نىسبەتەن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ يېتىۋالغىنىدا پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالالايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئۆگەتكەن .

4 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نەسىھەت قىلىشىنى سورىغان بىر ئادەمگە:« غەزەبلەنمە»دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم قايتىلىغان.

5 -پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:« غەزەبلەنمە، جەننەتكە كىرىسەن»دېگەن.

6 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:« كىمكى ئىنتىقام ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، غەزىبىنى يۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ قەلبىنى رازىمەنلىك بىلەن تولدۇرىدۇ» دېگەن.

7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:« كۈچلۈكلۈك پەھلىۋانلىقتا ئەمەس، بەلكى غەزىبىنى بېسىۋېلىپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشتا»دەپ كۆرسەتكەن.

8 - غەزەبنى يېڭىش تەقۋادارلارغا خاس گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:« تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»(ئال ئىمران سۈرىسى 134- ئايەت).

9 - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش. غەزەب ئىنسان تەبىئىتىدە بولغان نەرسە. غەزەبلەنمەسلىك ئىنساننىڭ قولىدا ئەمەس. ئەمما غەزەبنى يېڭىش ئىنساننىڭ قولىدا. ئۇنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي مۇئەللىمى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى تەۋسىيەلىرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرى غەزەبلەنگىنىدە، ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى زىكىر قىلىنسا، دەرھال ئاچچىقىدىن يانىدۇ. بۇ ساھابىلارنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ ھاياتىدا، ھەتتا ھازىرقى زاماندىمۇ  كۆپ قېتىم تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەسىلە. شۇڭا قاتتىق غەزەبلەنگەن كىشىگە:« پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭ»دەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسى بار.

10- غەزەپلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى نەقەدەر يامان ئېكەنلىكىنى بېلىش.

11-غەزەپلەنگۈچى، غەزەپلەنگەن ۋاقتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش.

12-ئاللاھدىن داۋاملىق سەۋىرچان غەزىپىنى كۆنتۇرۇل قىلالايدىغان بۈيۈك ئەخلاقنى ئاتا قىلىشىنى تىلەش.

قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداش! سىز بىلەن مەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرىنى ھاياتىمىزدا تەجرىبە قىلىپ كۆرەيلى. چوقۇم پايدىسىنى كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىمانىم كامىل. جانابى ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە مېنى گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا نەسىپ ئەتكەي. ئامىين.

Go to the Top