บัญญัติเกี่ยวกับซะกาตฟิฏรฺ

บทความ การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: บัญญัติเกี่ยวกับซะกาตฟิฏรฺ
ภาษา: อุยกูร์
ผู้เขียน: มุหัมมัด ยูซุฟ
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: สำนักงานเผยแพร่และสอนอิสลาม อัร-ร็อบวะฮฺ กรุงริยาด
คำอธิบายโดยย่อ: บัญญัติเกี่ยวกับซะกาตฟิฏรฺ
วันที่เพิ่ม: 2007-11-29
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/64524
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - เบ็งกอล - มาลายาลัม - อุซเบก - บอสเนีย - อังกฤษ
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە
104 KB
: فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە.pdf
2.
فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە
1.4 MB
: فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە.doc
คำอธิบายโดยละเอียด

فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە

 

فىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا ئېنىقلىما:

    فىتىر- رامىزاننىڭ سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن سەدىقە دېمەكتۇر. فىتىر سەدىقىسى ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسى پەرىز بولغاندىن كېيىن، زاكات پەرىز بولۇشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر سەدىقىسىنى ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئارپىدىن ياكى خورمىدىن بىر سائ ( سائ 2751  گىرام ) بېرىشىنى بەلگىلىگەن » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

فىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى

 فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر. يەنى چوڭ-كىچىك، ئەر- ئايال، ئەقىللىق- ئەقىلسىز ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال- دۇنىياسىدىن بېرىلىدۇ. ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرىزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. ئەمما فىتىر سەدىقىسى بەرمىگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى مۇئەللەقتە قالىدۇ دېگەن رىۋايەت خاتادۇر. بەلكى تۇتقان روزا ھەر ھالەتتە تېگىشلىك ساۋابىنى تاپىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۈستىدە بۇ سەدىقە زاكاتقا ئوخشاش قەرىز بولۇپ قالىدۇ. بىراق تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر.

 ھەدىسشۇناس ئالىملار، كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا مەشھۇر بولۇپ قالغان « فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئۇنى ئادا قىلمىغىچىلىك ئاسمان بىلەن زىمىن ئوتتۇرىسىدا مۇئەللەقتە قېلىپ، ئاللاھ تائالاغا يەتمەيدۇ » دېگەن ھەدىسنى راستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى ئىسپاتلانمىغان يالغان ھەدىس، دەپ قارار قىلىدۇ.

فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرى:

فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىب بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن شۇكى، فىتىر سەدىقىسى روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خوشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى جەرراھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«رامىزان ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى، ناماز ئۈچۈن سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر. سەجدە نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ » . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بۇ كۈندە (يەنى ھېيت كۈنىدە) پېقىرلارنى نەرسە سوراشتىن بېھاجەت قىلىڭلار »(دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى).

  فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟

  ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگىنى قۇياشنىڭ چىقىشى بىلەن ۋاجىب بولىدۇ. "دۇررۇلمۇختار" دېگەن كىتابتا: « روزى ھېيت كۈنى قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن ئۆلگەن كىشىگە فىتىر سەدىقىسى ۋاجىب بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ھېيت كۈنى قۇياش چىققاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بىرسى ئۈچۈن ياكى دۇنىياغا كەلگەن بوۋاق ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى بېرىش لازىم كەلمەيدۇ، دېيىلگەن».

 بۇنىڭغا بىنائەن، فىتىر سەدىقىسى ھېيت كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىش جائىز بولغاندەك، ئۇنى ھېيت كۈنىدىن كېيىن بېرىشمۇ جائىزدۇر. ئەمما ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىشتۇر.

  فىتىر سەدىقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى :

 فىتىر سەدىقىسى ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، تۆت نەرسىنىڭ بىرىدىن بېرىلىدۇ. ئۇلار: بۇغداي، ئارپا ، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار. فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇغدايدىن يېرىم سائ، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سادۇر. ئەمما شافىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى ئاشلىق، زىرائەتلەردىن ۋە يېمەك ئورنىدا قوللىنىلغان خورمىغا ئوخشاش مېۋىلەردىن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى بىر سادۇر. يەنى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ئىراق كەمچەكلىرى بىلەن بىر سائدۇر. بىر سائ ـ نورمال بويلۇق ئەر كىشىنىڭ ئۇۋۇچلىرى بىلەن تۆت ئۇۋۇچتۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بېرىلىدىغان فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇ ئېدى. بۇنىڭ مىقدارى كۈنىمىزدە 2751 گرام، ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، 3800 گراممىدۇر.

 فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا ئاشلىق، زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ قايسى بىرىدىن بېرىش دۇرۇس بولغىنىدەك، بەرمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پۇلغا ھېسابلاپ قىممىتىنى بېرىشمۇ جائىزدۇر. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىب بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ پېقىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا، ئۇلارغا ئاشلىق ياكى مېۋە بەرگەندىن كۆرە بۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر.

 فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

 فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىقتىسادى ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئۇمۇ زاكاتقا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « زاكات پېقىرلارغا (زاكات بېرەلمەيدىغان كەمبەغەللەرگە)، مىسكىنلەرگە (ھېچ نەرسىسى يوق، ئاجىز يوقسۇللارغا)، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا، يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ « (تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەت). ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.

Go to the Top