Kako ćemo dočekati mjesec Ramazan?

ČLANCI ID kartica
Naslov: Kako ćemo dočekati mjesec Ramazan?
Jezik: Ujgurski
Autor: Halid ibn Abdurahman ed Duvejš
Prijevod: Karloki
Revizija: Temkini
Izvor: Centar za prevođenje - Uvjgurija - www.munber.org
Kratki opis: Članak o vrijednosti mjeseca Ramazana te veličini prilike za iskorištavanje mogućnosti koje nudi
Objavljeno: 2007-11-02
Kratki link: http://IslamHouse.com/59431
Ovaj post je uvršten u sljedeću kategoriju:
Ova ID kartica je prevedena na sljedeće jezike: Ujgurski - Arapski - Tajlandski - Bangalski - Malajalamski - Uzbekistanski - Engleski
Atačmenti ( 2 )
1.
مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟
157.1 KB
: مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟.pdf
2.
مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟
406 KB
: مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟.doc
Detaljni opis

 

 مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟

 

مەخلۇقاتلارنى يوقتىن بار قىلىپ، ئۇلارنى رىزقلاندۇرغان بارلىق كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا مىڭلاپ ھەمدۇ سانا، شۈكۈر ـ رەھمەتلەرنى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستەپا ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالاملارنى يوللىغاندىن كېيىن، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئېلىش ھەققىدە خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشايلى، دېگەن مەقسەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل نوقتىنى ھازىرلاپ، بەت يۈزىدە ئېلان قىلدۇق.

بۇ قىسقىغىنە يېزىلغان بىر پارچە رىسالە، رامىزان ئېيىنى ساق  ۋە ساغلام كۆتىۋالغان ھەر بىر موسۇلمان ئەر-ئايالغا قىلىنغان ھەدىيە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بويرىغان ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەتبىقلىغان قائىدە ـ پرىنسىپلىرى بويىچە ئادا قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنداقتا رامىزاننى قارشى ئېلىشنىڭ ئەڭ ساغلام يوللىرى زادى قايسىلار؟.

شۇ نەرسە ئىنتايىن ئايدىڭكى، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى تولىمۇ ئاددى ساۋات. شۇڭا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تۆۋەندىكىلەرگە ھېرىسمەن بولۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1-ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ساق ـ سالامەت ۋە ساغلام ھالەتتە مۇبارەك ئاي رامىزانغا يەتكۈزۈشى، شۇنىڭدەك بۇ ئايدا ئىبادەتلەرنى بولۇپمۇ كۈندۈزى رۇزا توتۇپ، كېچىسى ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىشى ئۈچۈن ھەر ناماز ۋە باشقا مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا دۇئا قىلىپ تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنى رامىزان ئېيىغا ساق ـ سالامەت يەتكۈزىشى ئۈچۈن كۆپلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى ھەدىسلەردە قەيت قىلىنغان. يەنە رامىزان كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى تولۇق ئادا قىلىشقا، ھەممە ئىىشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئويغۇن مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىشى ئۈچۈن ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد، تەبرانى، ئبنى ھېببان قاتارلىقلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدسىلەر بار.

2-رامىزانغا سالامەت يېتىشكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېئمىتىگە شۇكۈر يەنى ھەمدۇ سانا ئېيتىش. ئىمام نەۋەۋىي ئەلئەزكار ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "بىلگىنكى، كىمگە ئاللاھنىڭ بىرەر نىئمىتى بىرىلسە ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نىئمەت يېڭىلانسا، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر يۈزىسىدىن سەجدە قىلىشى ياكى شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە رەھمەت ئوقۇشى تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىشتۇر". دەرۋەقە، ئاللاھ تائالانىڭ بىر بەندىگە قىلغان ئەڭ چوڭ مەرھەمىتى ئۇنى ئۆزىنىڭ تائىتى ۋە ئىبادىتىگە مۇيەسسەر قىلىشىدۇر. رامىزانغا ساغلام يىتىشىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن بۈيۈك نىئمەتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئۇ زاتنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە مۇۋاپىق رەۋىشتە شۈكۈر ۋە رەھمەتلەر ئېيتىشىمىز لازىم.

3-خوشھال بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيى يىتىپ كەلگەندە، ئىنتايىن خوشال ـ خورام كەيپىياتتا ساھابىلىرىگە مۇنداق دەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى. بۇ ئاللاھ تائالا سىلەرگە روزىنى پەرز قىلغان مۇبارەك ئاي. بۇ ئايدا جەننەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكى تاقىلىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].  ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن تارتىپ بارلىق سەلەپ ئالىملىرىمىز رامىزان ئېيىغا ئىنتايىن بەك ئەھمىيەت بېرەتتى. رامىزان كەلگەندە ئىنتايىن بەك خوشال بولۇشۇپ كېتەتتى. بىر مۇسۇلمان ئىنسان قانداقمۇ بونداق كاتتا خەير ۋە رەھمەت مەۋسۇمىدىن خوشاللانمىسۇن!!!

4-رامىزاندىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك ئايدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسدا پىلان، لايىھە تۈزۈش.

مىڭ ئەپسۇسكى، دۇنيا ئىشلىرىغا شۇ قەدەر ئىنچىگە پىلانلارنى قىلىشىپ كېتىدىغان خېلى دىندار كىشىلەرمۇ، ئاخىرەتنىڭ ئىشىغا ئۇ قەدەر ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدۇ. بۇ دەل بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەت ئىشىغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىغا ئىنتايىن روشەن دەلىل. ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگە پەرۋاسىز قاراش، ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك تولىمۇ خەتەرلىك ئىشلاردىندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ياخشى بىر پىلان ياكى لايىھە تۈزۈپ، رامىزاندىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك ئاينىڭ كېچە ۋە كۈندۈزلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىڭ جىددى تەييارلىقىنى كۆرۈشى تولىمۇ مۇھىم.

 بۇ رىسالىنىڭ سىزنىڭ شۇنداق ياخشى پىلانلارنى تۈزىشىڭىزگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

5-بۇ ئايدا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا قەتئىي بەل باغلاش. كېمىكى ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي، سادىق بولىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا سەمىمىي بولىدۇ، ئۇنداق ئىنساننى ئۆزىنىڭ تائىتى ۋە سالىھ ئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى».[مۇھەممەد سۈرىسى، 21 ـ  ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

6-رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم ۋە قائىدە ـ پرىنسىپلارنى بىلىشى ۋە تېخىمۇ ياخشى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنى نادانلارچە ئادا قىلىش جائىز ئەمەس. شۇڭا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان رامىزان كىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىشكە ئىنتلىشى ۋە ئۇنى ياخشى ئۆگۈنىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قىلغان ئىبادەتلىرى ۋە تۇتقان رۇزىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبول بولمايدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ئالىمدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن (يەنى بىلىدىغانلاردىن) سوراڭلار». [ئەنبىيا سۈرىسى 7-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

7- بۇ ئاينى بارلىق گۇناھ ۋە خاتالىقلاردىن قول ئۈزۈش ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلاردىن سەمىمىي تەۋبە قىلىش ۋە گۇناھ ئىشلارغا تەكرار قايتمايدىغانلىقىغا ئاللاھقا ۋەدە بېرىش، ئۇ ۋەدىدە ئىزچىل سەمىمىي بولۇش. تەۋبە ـ ئىستىغپارنى مۇشۇنداق پەزىلەتلىك ئايدا ئېيىتمىسا قاچان ئېيتىدۇ؟ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ غا تەۋبە قىلىڭلار». [نۇر سۈرىسى 31 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

8-قۇرئان ۋە ھەدسلەردىن باشقا يەنە رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك دىنى كىتاب ـ ماتېرىياللارنى ئوقۇش، تەبلىغ، ۋەز ـ نەسىھەت قاتارلىق ئۇنئالغۇ، سىنئالغۇ لىنتىلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگە تەييار تۇرىدىغان ساغلام روھىي شارائىت ھازىرلاش.

9-ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىش. يەنى تۈۋەندىكى يوللار ئارقىلىق بۇ چاقىرىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش:  ـ  رامىزاندا باشقا دوست ـ بۇرادەرلىرىگە ياكى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم ئايەت ياكى ھەدىسلەرنى، ھېچ بولمىغاندا ھېكمەتلىك سۆزگە دائىر بىرەر مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان تەبلىغ پىلانى تەييارلاش. ـ تونۇش ـ  بىلىشلىرىگە رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك ياكى باشقا تېمىلاردا بولسۇن كىتاب ـ ژۇرنال، ئۇنئالغۇ، سىنئالغۇ لېنتلىرىنى تارقىتىش. كۆڭۈل يېقىن، ئۇرۇق ـ تۇغقانلارغا بېرىش ئۈچۈن رامىزانلىق ھەدىيە تەييارلاش. ـ نامرات، كەمبەغەللەرنى ئەسكە ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بىرىدىغان ئۆشرە ـ زاكاتلارنى ۋاقتىدا ۋە دەل جايىدا بىرىش.

10 ـ رامىزان باشلىنىش بىلەن ھاياتىمىزدا بىر يېڭى سەھىپە ھازىرلاش لازىم. بۇ سەھىپە تۆۋەندىكىلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ:

- ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىش.

ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىغانلىرى تولۇق ئادا قىلىش، توسقانلىرىدىن پۈتۈنلەي يېنىش.  

ـ ئاتا ـ ئانا، ئۇرۇق ـ تۇققان ۋە بالا ـ چاقىلارغا سىلە رەھىم قىلىش.

 ـ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بىرىش ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن بىر سەھىپە ئېچىش.

شۇنداق مۇسۇلمان قېرىندىشىم! سىز ئالدىمىزدا ساناقلىقلا كۈن قالغان رامىزان ئېيىنى گويا ئۇسسۇز كىشى سۇغا ئىنتىلگەنگەندەك، كېسەل دۇختۇرغا ھېرىسمەن بولغاندەك ھېرىسمەنلىك بىلەن قارشى  ئېلىشقا تىرىشىشىڭىز لازىم. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن!

 ئاخىرىدا بىز بۇ ماقالىنى ھازىرلاشتا ماقالىسىدىن تولۇق دېگۈدەك پايدىلانغان ئۇستاز خالىد بىن ئابدۇرراھمان ئەددۇۋەيشكە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن!!!

Linkovi koji su relativno vezani za ovaj post ( 1 )
Go to the Top