কাজের সাথে দুআ-প্রার্থনার সম্পর্ক
ﺩﯗﺋﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ
ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯗﺋﺎﺩﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺯﻩﺧﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﯕﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ: «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﭺ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺗﻮﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺭﯨﺰﻗﯩﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﻼﺭ». ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻳﻪﻡ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺗﻮﻳﻐﯘﺩﻩﻙ، ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺗﻮﺷﯘﻏﯘﺩﻩﻙ ﻳﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ : «ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﯩﯖﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﻣﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺭﯨﺰﻗﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻘﯩﻠﺸﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﺭﯨﺰﻗﻰ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ . «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ» ﺩﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻ : «ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ». (53- ﺳﯜﺭﻩ ﻧﻪﺟﯩﻢ 39- ﺋﺎﻳﻪﺕ) ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﭘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﭼﯜﺵ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ .
ﺩﯗﺋﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﺎﺭﻩ - ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻻﺯﯨﻢ. «ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻞ، ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻗﯩﻞ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺳﻪﮬﯩﮫ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ، ﺩﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ، ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﯩﻞ، ﺩﯨﻞ، ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺩﯗﺋﺎ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .