Янги ҳаёт

Мақолалар Маълумотлар
Унвон: Янги ҳаёт
тил: Уйғур тили
Ёзувчи: Иброҳим ибн Абдуллоҳ Ал-Ғомидий
Таржимон: Комилжон
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: www.munber.org - Уйғур таржима маркази
Қисқача танитув: Ушбу мақолада инсонниг ҳаёти қанчалик аҳамиятли эканлиги баён қилинади
Киритилган вақт: 2007-10-21
Линк: http://IslamHouse.com/57853
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 3 )
1.
يېڭى ھايات
35 KB
: يېڭى ھايات.doc
2.
يېڭى ھايات
84.2 KB
: يېڭى ھايات.pdf
3.
يېڭى ھايات
6 MB
: يېڭى ھايات.mp3
Тафсилий намуна

 

يېڭى ھايات

 

ئىنسان دۇنيادا ئىككى قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بىرىنچى قېتىم، ئانىنىڭ قاراڭغۇ قورسىقىدىن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا. ئىككىنچى قېتىم، زۇلمەتلىك ئاسىيلىقتىن نۇرلۇق ئىتائەتكە قەدەم قويغاندا. بىرىنچى قېتىملىق ھايات مۇسۇلمانلارغا، كاپىرلارغا، ياخشىلارغا ھەم يامانلارغا، قۇرۇت ـ قوڭغۇز، ئۇچار قاناتلارغا شۇنداقلا بارلىق تاش ـ تۇپراق، ئۆسۈملۈكلەرگە ئورتاق نىسىپ بولىدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق ھايات ئاللاھ تائالا ھىدايەت ۋە ئىستىقامەتكە باشلاش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نۇسرەت ئاتا قىلماقچى بولغان ئەڭ بەختلىك، قىسمەتكە باي كىشىلەرگىلا مەنسۇپ بولىدۇ.

بۇ ھايات ئىنساننىڭ يېشىغا باقمايدۇ.

بۇ ھايات سىىزگە ئاتا قىلىنىۋاتقاندا، سىز شېرىن ھاياتقا تېخى ئەمدىلا قەدەم قويۇشقا باشلىغان ياكى ياشلىق باھارىڭىزنىڭ گۈزەل نەغمىلىرىدىن زوقلىنىشقا باشلىغان، يېشىڭىز 40 ياكى 60 تىن ھالقىغان، ھاياتلىق سەپىرىڭىزنى تاماملاپ، ئۆلۈم دەرۋازىسىنى چېكىش ئالدىدا تۇرغان ياكى تېخى ئەمدىلا قاراڭغۇ قورساقتىن يورۇق دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان چېغىڭىز بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بۇ ھايات ئورۇنغا باقمايدۇ.

بۇ ھايات سىزگە ئاتا قىلىنىۋاتقاندا، سىز بىرەر بۇتخانا ياكى مەسجىد ئىچىدە، يول ئۈستىدە ياكى ئۆيىڭىز ئىچىدە، تۇرمىنىڭ قاراڭغۇ خىلۋەتلىرىدە ياكى ئەركىن دۇنيانىڭ ساپ ھاۋالىق گىرۋەكلىرىدە ئولتۇرغان، كېسەل كارۋىتىدا ماماتلىق جېڭىنى قىلىۋاتقان ياكى خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تۇرمۇش غېمىنى قىلىۋاتقان بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئاسىيانىڭ كەڭرى يايلاقلىرىدا ياكى ئافرىقىنىڭ يالقۇنلۇق سەھرالىرىدا، تاغلارنىڭ مەغرۇر چوقىسىدا ياكى باياۋاننىڭ قۇمـ بارخانلىق ئۇچىسىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن، شۇنداقلا ھەرەمنىڭ ئازادە ھويلىسىدا تەپەككۇر ئۇنچىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

بۇ ھاياتنىڭ مەخسۇس بىر سەۋەبى بولمايدۇ.

 بۇنىڭ سەۋەبى بىر ياخشى نەسىھەت ياكى بىر ياخشى مۇھىت ۋە ياكى بىر ئىخلاسمەن دوستىڭىزنىڭ غايىبانە دۇئاسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەمدە بىرەر قېتىملىق چۈش ياكى بىرەر قىتىملىق رەنجىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنە بەزىدە بۇنىڭ ھىچ قانداق سەۋەبىمۇ تىپىلماي قالىدۇ. قانچىلىغان كىشىلەر سىزگە بالىلىقىدىن ياشلىقىغا قەدەم قويۇپ، تاكى قېرىپ دۇنيادىن ۋىدالاشقىچە مەسجىد ئۇلارنىڭ ئۆيى شۇنداقلا قۇرئان ئۇلارنىڭ تىلىغا ئايلانغان ھالدا ئۇچراپمۇ تۇرىدۇ.

بۇ ھاياتنىڭ مۇددىتى ۋە چىكى بولمايدۇ. 

بۇ ھاياتنىڭ داۋامىغا بىرەر ئاچچىق ئازابلىنارلىق ھالەت ياكى بىرەر تاتلىق خۇشاللىنارلىق ھالەت تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنىڭ مۇددىتى بەزىدە بىر دەملىك، يەنە بەزىدە نەچچە ئون يىللىق بولىدۇ. ئۇ بەزىدە ئۆيىڭىزنىڭ توت تېمىنى، يەنە بەزىدە پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننى ئۆز قوينىغا ئالغان بولىدۇ. ھەمدە بەزىدە مەخپى، يەنە بەزىدە ئاشكارا، پارلاق قوياشتەك ھەممىگە ئايان بولىدۇ.

بۇ ھايات، ۋاقىت ھەم پەسىلگە باقمايدۇ.

بۇ ھايات سىزگە ئۆزىنىڭ نۇرلۇق جامالىنى كېچىنىڭ زۇلمەتلىك قاراڭغۇلىقىدا ياكى كۈندۈزنىڭ يورۇق ئاپتاپلىقىدا، ئىللىق باھارنىڭ مەيىن شاماللىرىدا ياكى رەھىمسىز كۈزنىڭ دەھشەتلىك بورانلىرىدا ۋىللىدە كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھايات دەم ئىلىش پۇرسەتلىرىدە ياكى ئالدىراش خىزمەت سەپلىرىدە، شاتلىقنىڭ چەكسىزلىكىگە شۇڭغىغان ياكى غەم ـ قايغۇنىڭ ئەدەپسىزلىكىگە ئۇچرىغان ۋاقىتىڭىزدا لىپپىدە كېلىپ بېشىڭىزغا قونىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھايات تۇيدۇرماستىن يوشۇرۇن، ياكى تۇيدۇرۇپ ئاشكارە، بىر دەم ئىچىدىلا قىسمىتىڭىزنىڭ زىننىتىگە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن.بۇ ھاياتنى زادى نېمە دېيىش كېرەك؟

بۇ ھاياتنى ئاسىيلىق زۇلمەتلىرىدىن نۇرلوق ئىتائەتكە، تىڭىرقاش تەڭقىسلىقىدىن راھەتلىك مەمنۇنىيەتكە، خار ـ زەبۇنلۇق ئازگاللىرىدىن يۈكسەكلىك ئەرشىگە، دۇنيادا يۇقىرى ئىززەت مەرتىۋىگە شۇنداقلا ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەختىيارلىققا قەدەم قويۇش، دېيىش لازىم.

بۇ ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنۇلارنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ:

1 ـ ئازابلىق قەلب ۋە بېقارار روھ بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنۈش.

2 ـ ئالدىنقى ئىشلارغا نادامەتكە چۆمگەن، كەلگۈسىدىكى ھىدايەتتىن ئۈمىدكە پۈركەنگەن ھالدا ئۆز ـ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش.

3 ـ ھەققانىيەت ۋە ساداقەتكە بولغان ۋىجدانىي تەقەززا ھەمدە چىن قايناق ھېسسىيات بىلەن كۆزىدىن ياش تۆكۈش .

4 ـ ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەت ۋە مۇكەممەل بەندىچىلىكنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا سەجدىگە باش قويۇش.

ئەمىسە كىلىڭ، تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسا، بىز بىرلىكتە بۇ يېڭى ھاياتنى قىزغىن قارشى ئالايلى! روھىمىزدىكى بېقارارلىق، قەلبىمىزدىكى ئىزتىراپلىق تەلپۈنۈش بىلەن.تەۋبىنىڭ ئىسسىق ياشلىرى، كۆكرەكتىكى يالقۇنلۇق ئىشتىياق بىلەن.كەمتەرلىك، پىداكارلىق، قىزغىنلىق ھەم شات ـ خوراملىق بىلەن.مۇستەقىل غايە، مۇستەھكەم ئىرادە، سەبىر ھەم قانائەت بىلەن. ئۆلمەس ئىشەنچ، يىڭىلمەس ئۇمۇت، پىداكارانە ئەمەلىيەت بىلەن.كۆڭلىمىز يورۇق، قەلب ئازادە، تەشەككۈرلۈك سەجدىمىز بىلەن. قارشى ئالايلى بۇ يېڭى ھاياتنى نادامەتلىك تەۋبىمىز بىلەن.

Go to the Top