Муҳаммад ибн Абдулваҳҳоб даъватлари

Мақолалар Маълумотлар
Унвон: Муҳаммад ибн Абдулваҳҳоб даъватлари
тил: Уйғур тили
Ёзувчи: Монеъ Ҳаммод Ал-Жуҳаний
Таржимон: А. Қорлуқий
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: www.munber.org - Уйғур таржима маркази
Киритилган вақт: 2007-09-02
Линк: http://IslamHouse.com/52822
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 2 )
1.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى
99.5 KB
: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى.doc
2.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى
177.7 KB
: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى.pdf
Тафсилий намуна

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى

 

ئېنىقلىما:

سەلەپىييە دەۋىتى رىسالەت دەۋرىدىن باشلانغان سەلەپ - سالىھلارنىڭ تۇتقان يولىغا قايتىشقا چاقىرىدىغان دەۋەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى ئىسلام دۇنياسىدىكى پىكىر جەھەتتىكى قاتماللىق ۋە قالاقلىق نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ساغلام ئاساسىغا قايتىشقا چاقىرىدۇ، تەۋھىد ئوقۇمىنى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالغان تۈرلۈك شېرىكلەردىن تازىلاشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى، بەزىلەر شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن خاتا ھالدا «ۋەھھابىيلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ يېڭى بىر مەزھەپ ياكى ئىجاد قىلىنغان بىر تەرىقەمۇ ئەمەس، ئۇ سەلەپىييە دەۋىتىنىڭ داۋامى ۋە يېڭىلىنىشى. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن اﷲ رازى بولدى، ئۇلارمۇ اﷲ دىن مەمنۇن بولدى. اﷲ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەخىتتۇر»  دېگەن ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان پىرقە ھەققىدە ئېيتقان «ئۇلار مەن ۋە ئەسھابىلىرىم تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇسۇل بويىچە ماڭغانلار» دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، سەلەپ - سالىھلارنىڭ سىزىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مېڭىشقا چاقىرىدىغان مېتود ۋە چاقىرىقتىن ئىبارەت.

قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

* يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى سەلەپىييە دەۋىتىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىدىن بىرى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب ئەلمۇشرىفى ئەتتەمىيمىي ئەننەجدي(1115ھـ-1206ھـ/ 1703م - 1791م)دۇر.

- رىيادقا يېقىن يەردىكى ئۇيەينە دېگەن جايدا دۇنيا كەلگەن ۋە دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھەنبەلىي فىقھېسى، تەپسىر، ھەدىس ئىلىملىرىنى دادىسىنىڭ قولىدا ئۆگەنگەن، ئون ياشقا كىرگەندە قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان.

- مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ ئالىملىرىدا ئوقۇغان، ئارقىدىن شەرئىي ئىلىملىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن مەدىنىگە بارغان ۋە ئۇ يەردە شەيخ مۇھەممەد ھايات ئەسسىندىي (1165ھـ ۋاپات بولغان) بىلەن ئۇچراشقان, ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىغان. ئۇ يەنە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىبراھىم ئال سەيفتىنمۇ دەرس ئالغان.

- ئۇيەينەگە قايتىپ كىلىپ، ئارقىدىنلا بەسرە، مۇسىل ۋە باغدادلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن (1136ھ -1724ھ) ئىراققا بارغان ۋە ھەر بىر شەھەرگە بارغاندا ئۇ يەرنىڭ شەيخ ۋە ئۆلىمالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلاردىن ئىلىم ئىگەللىگەن.

- ئۇ ئىلاجىسىز ھالدا بەسرەدىن ئەھساغا، ئۇ يەردىن دادىسى قازىلىق قىلىۋاتقان شەھەر ھۇرەيملاغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئاشكارا ھالدا تەۋھىدكە چاقىرىشنى باشلىۋەتكەن. ئۇ ۋاقىت ھىجرىيە 1143، مىلادى 1730-يىلى ئىدى. بىراق، بىر قىسىم ئەخمەقلەرنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە سۈيىقەست قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ ھۇرەيملادىن ئۇيەينەگە بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ ۋالىسى ئوسمان ئىبنى مۇئەممەرگە ئۆزىنىڭ دەۋىتىنى ئىزاھلىغان. ۋالىي ئۇنى ھىمايە قىلغان ۋە بىرلىكتە قەبىر ۋە گۈمبەزلەرنى چېقىپ تاشلىغان، ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن بىر ئايالنى رەجىم قىلىشتا ھەمكارلاشقان.

- بىر قىسىم ناچار ئۆلىمالار ئىبنى مۇئەممەرنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ دەۋىتىدىن شەكلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا خەت يازغىنىغا ئوخشاش، ئەھسانىڭ ۋالىيسىمۇ ئۇرەيئېر ئىبنى دەجىين ئۇيەينە ۋالىيسىغا شەيخنى ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرىسىدا بىر پارچە مەكتۇپ يوللىغان. ئىبنى مۇئەممەر شەيخنىڭ خالىغان بىر يەرگە كېتىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشى بىلەن شەيخ ئۇيەينەدىن چىقىپ كېتىپ، ئال سەئۇد ئەمىرلىكىنىڭ مەركىزى بولغان دىرئېييە تەرەپكە يول ئالغان ۋە مۇھەممەد ئىبنى سۇۋەيلىم ئەلئۇرەينىنىڭ ئۆيىگە (1158ھـ) مېھمان بولۇپ چۈشكەن. ئۇ يەردىمۇ ئۇنىڭ قېشىغا تالىپلار كىلىپ، ئىززەت- ھۆرمىتىنى قىلغان.

- ھىجرىيە 1139-يىلىدىن ھىجرىيە 1179-يىللىرى ئارىلىقىدا ھۆكۈمدارلىق قىلغان ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد شەيخنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغان، ئۇنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن ۋە ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكى سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن، بۇ سۆھبەتنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

ئەمىر: ئۆز يۇرتۇڭدىن ياخشى بىر يۇرتقا خوش كەلدىڭىز! ئىززەت ۋە خەيرلىك بىلەن قارشى ئېلىنىسىز!

شەيخ: مەن سىزگە ئىززەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن خۇشخەۋەر بىرىمەن. بۇ "بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق" دېگەن سۆز، كىمكى ئۇنىڭغا ئېسىلسا، ئەمەل قىلسا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرسە، ئۇنىڭ بىلەن يۇرتنىمۇ، ئەلنىمۇ تۇتالايدۇ. ئۇ تەۋھىد كەلىمىسى، ئۇ ئاللاھنىڭ بارلىق  چاقىرغان كەلىمە. زېمىنغا بۇ كەلىمە ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئەمىر شەيخكە ئىككى شەرتنى قويدى:

بىرىنچىسى، ئۇلارنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئۇلارغا باشقا بىرلىرىنى تېگىشىۋەتمەسلىكى.

ئىككىنچىسى، شەيخنىڭ ھوسۇل مەزگىلىدە دىرئېييە خەلقىدىن داۋاملىق ئېلىنىپ كىلىۋاتقان سېلىقنى ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى.

بىرىنچى شەرتكە قارىتا شەيخ "قولۇڭنى ئاچ بەيئەت قىلىمەن.. قانغا قان، بۇزغۇنچىلىققا بۇزغۇنچىلىق" دەپ جاۋاب بەردى.

ئىككىنچى شەرتكە قارىتا "ئاللاھ ساڭا نۇرغۇن جايلارنى فەتھىي قىلىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق غەنىمەتلەرنى تولدۇرۇپ بەرسە ئەجەب ئەمەس." دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

- شەيخ ھەقىقەتنى ھىمايە قىلىدىغان چوقۇم بىر كۈچ بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتتى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان بىلەن توختىمىغاننى سولتان بىلەن توختىتاتتى.

- شەيخ بىلەن ئەمىر نەجدلىكلەرگە دەۋەتنى يەتكۈزۈش بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزگەن. ئەمىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد (1111ھـ - 1218) شەيخ دىرئېييەدە ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانغا قەدەر شەيخكە ياردەملىشىشنى داۋاملاشتۇرغان.

- شەيخنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بولۇپ، مۇھىملىرى « كتاب التوحيد فيما يجب من حق الله على العبيد »، « كتاب الإيمان »، « كشف الشبهات »، « آداب المشي إلى الصلاة » ۋە « مسائل الجاهلية » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، بۇلاردىن باشقا فىقھىي، ئۇسۇل ۋە كۈپىنچىراقى تەۋھىدنى ئاساس قىلىدىغان رىسالە، كىتابچىلىرىمۇ بار.

* شەيخنىڭ قولىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇغان، ئۇنىڭ تالىپلىرى ۋە تالىپلىرىنىڭ تالىپلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

- سەئۇد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد بولۇپ، ئۇ شەيخ بىلەن بىرگە ياشىغان، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئىگەللىگەن ۋە ئىبارەت ئوقۇپ بەرگەن. سەئۇد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد بولۇپ، ئۇ شەيخ بىلەن بىرگە ياشىغان، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئىگەللىگەن ۋە ئىبارەت ئوقۇپ بەرگەن.

- دىرئېييە رايونىنىڭ قازىسى ھۇسەين ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب.

- ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب: ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم، ئاللاھدىن بەكلا قورقىدىغان كىشى بولۇپ، قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىنغاندا رەت قىلغان.

- ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب (1165ھـ - 1224ھـ): سەئۇد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد مەزگىلىدە دىرئېييەنىڭ قازىسى بولغان. ئىنچىكە چۈشىنىدىغان ۋە مەرىپەتلىك كىشى بولۇپ، مىسىردا ۋاپات بولغان.

- ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب: سېلىشتۇرمىچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان پەزىلەتلىك ئالىم كىشى ئىدى.

- ئابدۇرراھمان ئىبنى خۇمەيس: دىرئېييەدىكى ئال سەئۇد قەسرىنىڭ ئىمامى بولغان ۋە پادىشا ئابدۇلئەزىز ۋە ئوغلى سەئۇد دەۋرىدە قازىلىق قىلغان.

- ھۇسەين ئىبنى غەننام: « روضة الأفكار » ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بولۇپ، مەرىپەت دائىرىسى كەڭ ئالىم ئىدى.

- ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلھۇسەين (1237- ۋاپات بولغان).

- ھەمەد ئىبنى ناسىر ئىبنى مۇئەممەر

- ئابدۇرراھمان ئىبنى ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب (1193ھـ - 1284ھـ): يۈز ئابرۇيلۇق ئالىم ئىدى، ئۇ چوڭ دادىسىدا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بىۋاستە ئىلىم ئىگەللىگەن, قازىلىق ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىشلىرىنى قىلغان. ئۇ « الرد النفيس على شبهات داود بن جريس » ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.

- سۇلايمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب (1200ھـ 1233ھـ) : زىرەك ۋە جاسارەتلىك كىشى ئىدى. ئۇنى دىرئېييە قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئىبراھىم پاشا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ « تيسير العزيز الحميد في شرح كتاب التوحيد » ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى.

- شەيخنىڭ نەۋرىلىدىن شەيخ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم (1389ھـ ۋاپات بولغان): سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇپتىسى، ئىسلام دىنى ئىشلىرى ۋە قازىلارنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئىلمى، تەھقىق قىلىش، ئەستە تۇتۇش، يىراقنى كۆرۈش قاتارلىقلار بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غۇرۇر ئاتا قىلغان. ئۇ يەنە تەمكىنلىك، كۆپ ئىبادەت قىلىش ۋە كەڭ قوللۇقلىقى بىلەن تونۇلغان.

- شەيخ ئەھمەد ئىبنى ئىيسا: « نونية ابن القيوم » ناملىق كىتابنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى بولۇپ، ھىجرىيە 1329-يىلى ۋاپات بولغان.

-شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان بابتېين: بۇ كىشىنىڭ ئۆز دەۋرىدە "نەجد دىيارىنىڭ مۇپتىسى" دېگەن نامى بار ئىدى. ئۇ 1282ھ دە ۋاپات بولغان.

- سۇلايمان ئىبنى سەھمان: ئۆتكۈر قەلەم ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ساھىبى بولۇپ، ھىجرىيە 1349- يىلى ۋاپات بولغان.

- شەيخ ھەمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەتىيق (1306ھ دە ۋاپات بولغان)

- يەنە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىدىن بىرى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ سابىق باش مۇپتىسى مۆھتەرەم شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازدۇر.

- سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ سىرتىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار مۇھەممەد بەشىر ئەسسەھسەۋانىي ۋە مەھمۇد ئەلئالۇسىي ۋە باشقىلار.

- نۇرغۇنلىغان ئالىملار، دەۋەتچىلەر ۋە باشقا بىر قىسىم ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى سەلەپىييە ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

پىكىر ۋە ئېتىقادلار:

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب ھەنبەلىي مەزھىپى بويىچە ئوقۇغان، بىراق پەتىۋالىرىدا بۇ مەزھەپتە چىڭ تۇرىۋالماستىن، ئۇنىڭغا قارشى دەلىل ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ئۇنى قوبۇل قىلاتتى. ئۇنىڭ دەۋىتى سەلەپ - سالىھلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن ھالدا دەلىلگە ئەگىشىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

-ئۇ، قۇرئان، سۈننەتكە قايتىش زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە مەزھىپىنىڭ بىېسىلىپ قالغان تەرەپلىرىنى جانلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

- دەلىللەرنى چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ يولىغا تايانغان.

- تەۋھىد ئوقۇمىنى ساپلاشتۇرۇشقا چاقىرغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ساغلام تەۋھىد ئارقىلىق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قايتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە پەيغەمبىرى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئوبرازلاشتۇرماستىن، ئۆزگەرتمەستىن، بورمىلىماستىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى تەۋھىدىنى ئاساس قىلغان.

- ئىبادەت تەۋھىدىگە مەركەزلىشىش. «اللەغا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» - نەھىل سۈرىسى، 36-ئايەت.

- جىھادنىڭ پەرزلىكىنى تىرىلدۈرۈش: شەيختا بىر يەرلەرنى فەتھى قىلىۋاتقان، دەۋەتنى تارقىتىپ، كىشىلەر ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان شېرىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يوقىتىۋاتقان مۇجاھىدنىڭ ئۆلگىسى بار ئىدى.

- ئۆز دەۋرىدىكى قالاقلىق ۋە نادانلىق سەۋەبىدىن ئومۇملىشىپ كەتكەن خۇراپات ۋە بىدئەتلەرنى بېسىقتۇرۇش. مەسىلەن:

- زىرار ئبن ئەزور ئىسىملىك ساھابىنىڭ قەبرىسى، سورىغان نەرسەڭنى بىرىدۇ، دېگەن سەپسەتە بىلەن قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش.

- زەيد ئىبنى خەتتابنىڭ دەپ گۈمبەزلەرنى زىيارەت قىلىش.

- بىرى ئەبۇ دەجانىڭ دەرىخى دېسە، ئىككىنچىسى تەرەفييە دەپ ئاتىۋالىدىغان دەرەخلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈش.

- مەغارە دەپ ئاتىلىدىغان ئەمىرنىڭ قىزىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش.

* شەرئىي دەلىللەردىن چىقىرىلغان يەكۈنگە ئاساسەن ۋەسىلە قىلىشنى ئىككى تۈرگە ئايرىش:

-        بىرىنچىسى توغرا، دورۇس ۋەسىلە بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى ياكى سالىھ ئەمەللەر ۋەياكى مۇسۇلمان بۇرادىرىنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق ۋەسىلە قىلىش.

-        ئىككىنچىسى، بىدئەت، چەكلەنگەن ۋە ئۇ ھەقتە ساغلام دەلىل بولمىغان ۋەسىلە بولۇپ، ئۇ سالىھ كىشىلەرنىڭ زاتىدىن بىر نەرسە سوراش. مەسىلەن "پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمىتى، پالانى شەيخنىڭ ھۆرمىتى..." دېگەنگە ئوخشاش.

* قەبرىلەرنى ياساش، يۇپۇق ئارتىش، چىراق يېقىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىلىدىغان بارلىق بىدئەتلەرنى چەكلەش.

* تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دىنغا ئىلگىرى يوق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرگەن نەرسىلىرىگە قارشى تۇرۇش.

* ئىلىمسىز ھالدا ئاللاھنىڭ نامىدىن سۆزلەشنى ھارام دەپ قاراش: «ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى» - ئەئراف سۈرىسى، 33-ئايەت.

* تاغۇتلارغا قارشى كۆرەش قىلىش: ئۇنىڭ قارىشىچە تاغۇت بەندە ئۆزىنىڭ بەندىلىك ياكى بويسۇنغۇچىلىك ۋەياكى ئىتائەت قىلغۇچىلىق چىگراسىدىن ھالقىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. تاغۇتلار بەش تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار، ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچىرىغان ئىبلىس، ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئىبادەت قىلىشىنى راۋا كۆرگەن كىشى، كىشىلەرنى روھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلار، غەيىبتىن بىر نەرسە بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلار ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقا بىر نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلاردۇر. ئىنسان تاغۇتلارنى كۇپۇرغا چىقارماي تۇرۇپ ئاللاھقا مۆمىن بولالمايدۇ.

* ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سۈكۈت قىلغان بارلىق ئىشلار ئىنسانلارغا قىلىنغان مەرھەمەت بولۇپ، ھېچكىمنىڭ ئونى ھارام، ۋاجىپ، مۇستەھەپ ياكى مەكرۇھ دېيىش ھەققى يوق. «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار.» - مائىدە سۈرىسى، 101-ئايەت.

* روشەن دەلىلنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان سۆزلەرنى دەلىل كەلتۈرۈش رافىزىي ۋە خاۋارىجلارغا ئوخشاش ئازغۇنلارنىڭ تۇتقان يولىدۇر. «دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەرپىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ).» -ئال ئىمران سۈرىسى، 7-ئايەت.

- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھالالنىڭ ئېنىق، ھارامنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئىشلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىپ ئۆتكەن. كىمكى بۇ قائىدىنى بوزۇشقا ياكى ھەر بىر مەسىلە ھەققىدە مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى قىلىشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇ ئازغۇنلۇق ئىچىدەدۇر ۋە ئازدۇرغۇچىدۇر.

* شەيخ شېرىكنىڭ تۈرى ۋە ئۇنىڭ باسقۇچلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

- چوڭ شېرىك: ئىبادەت، نىيەت، تائەت ۋە مۇھەببەت شېرىكىدۇر.

- كىچىك شېرىك: ھاكىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدىكى «كىچىككىنە بولسىمۇ رىيا قىلىش شېرىكتۇر» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن- رىيادۇر.

- يۇشۇرۇن شېرىك: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بۇ ئۈممەتتىكى شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، سىلىق تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەۋاتقان قارا چۈمىلىدىنمۇ بەكرەك يۇشۇرۇندۇر» دېگەن سۆزىدە بايان قىلنغانغا ئوخشاش شېرىكلەر بولۇپ، مۆمىنلەر بىلمەستىن ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

* بۇ چاقىرىقنىڭ ئۆلىمالىرى زامانىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھېس قىلغان ۋە ئۆز ئەسرىنىڭ پالاكىتىنى چۈشەنگەن. مەسىلەن شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئىبادەت تەۋھىدىنى سىڭدۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭ قارشىسىدىكى ئىشلارنى بايان قىلىشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. چۈنكى، ئىبادەت تەۋھىدى ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چاغدا ئۇنىڭغا تۈنجى بۇيرۇلغان مەسئۇلىيەتتۇر، يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ مۇھىتىدىكى ئاساسلىق ئېغىشمۇ بۇ ساھەگە مەركەزلەشكەن ئىدى. بۇ چاقىرىق باشقا ئەللەردە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بابىدا تېخىمۇ تەپسىلى، تېخىمۇ ئېنىق بايانلارنى بېرىش ئېھتىياجى توغۇلدى. چۈنكى، كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە، مىسال ئۈچۈن، شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ھەسەن ۋە ئوغلى ئەللامە شەيخ ئابدۇللەتىيف، شەيخ ئەھمەد ئىبنى ئىيسالارنىڭ رىسالىلىرىدە ئۇچىرىتىدىغىنىمىزدەك، سۈپەتلەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالغان ئىدى.

- غەربنىڭ بەشەرىي قانۇنلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاغۇت ھۆكۈملىرى كۆپىيىپ كەتكەن بۇ ئەسىردە، بۇ چاقىرىقنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ قانۇنلارغا قارشى تۇرۇش ۋە بۇ ھەقتىكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن جىددى جاۋاب ۋە مۇقىم مەيدان بولۇشى كىرەك ئىدى. شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىمنىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلىرى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

* بۇ چاقىرىق، قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش، ھارغىنلىق ۋە قالاقلىق پەردىلىرى يېپىشىۋالغان ئىسلام ئۈممەتلىرىنى پىكرى جەھەتتىن ئويغۇتۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى.

* ئاۋامغا تەلىم بىرىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىيالىيلارنىڭ زىھنىنى ئېچىپ، ئېتىبارلىرىنى دەلىل ئىزدەشكە يۈزلەندۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەرقانداق بىر پىكىرنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى مەنبەلەر ۋە ئاساسلىق كىتابلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشقا چاقىرىش قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش.

ئەقىدە ۋە پىكىرلىرىنىڭ مەنبەسى:

بۇ دەۋەت، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەسىرلەر (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى، ئۇنىڭدىن قالسا ساھابىلەر.....- تەرجىمان) دىكى كىشىلەر تۇتۇپ ماڭغان يولنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇ سەلەپ - سالىھلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئويغۇن ھالدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تارقىلىشى ۋە تەسىر دائىرىسى:

* شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە چاقىرىقىنى ئومۇمىي دەۋەت ۋە خەلق ھەرىكىتى سۈپىتىدە نەجدلىكلەرنىڭ ئاساسىي قاتلىمى قوبۇل قىلغان. سەئۇدى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھىمايىسى بىلەن مەككە مۇكەررەمەدە ھىجىرىيە 1219-يىلى ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ھىجرىيە 1220-يىلى ھۆكۈمەتتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇننى ئىگەللىگەن.

- ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئۇرۇشىۋاتقان ئەسكەرلەر سېپىدە بۇ دەۋەتنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بار ئىدى. ئۇلار بۇ ئەسكەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ يېزىشىدۇ: «ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە مۇئەززىنلەر ئەزان ئوقۇيدۇ ۋە بىر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا قورقۇش ۋە ھېيىقىش ئىچىدە ئىنتىزاملىق بىر سەپكە تىزىلىدۇ.» ۋە گازارمىلىرىدا «مۇشرىكلەرگە، ساقاللىرىنى ئالغۇچىلارغا، زىنانى ھالال سانىغۇچىلارغا، ھەزىلەكلەرگە، ھاراق ئىچكۈچىلەرگە، نامازنى تاشلىغۇچىلارغا، ئۆسۈم يىگۈچىلەرگە، ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەرگە ۋە ھارامنى ھالال سانىغۇچىلارغا قارشى ئاتلىنىڭلار!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ نامى ھەممە يەردە زىكىر قىلىنىدىغان بولدى، ئۇلار ھەققىدە ياخشى كىشىلەرمۇ، يامان كىشىلەرمۇ سۆزلىدى، ئىشلىرى دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىگە تارقالدى.

* بۇ ھەرىكەت ئىسلام دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئىز ۋە ئەسەرلىرىنى قالدۇردى.

شۇ نەرسە ئايانكى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە چاقىرىقى ئۇنىڭغا يامانلىق كۆزى بىلەن قارىغان، ئۆزلىرىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدە يالغانلارنى تارقاتقان كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇپ ئەھلى ۋە ئازغۇن پىرقىلەردىن ئىبارەت بىدئەتچىلەرنىڭ دۈشمەنلىكلىرىدىن ئەمىن بولالمىدى. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىدىكى كۆرەشتە بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى نورمال ۋە تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ بەزىلىرىنى توغرا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بىر قىسىم ئىشلاردا ئەيىبلەشتى. مەسىلەن؛ بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىرى، بۇ دەۋەتنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرىنى بىر خاتالىقنى كۆرگەندە قاتتىق تۇرىۋېلىش، شېرىك ۋە بىدئەت مەسىلىلىرىگىلا مەركەزلىشىۋېلىپ، ئىسلامنىڭ سىياسەت، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەرەپلىرىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقى بىلەن سۈپەتلەش. بۇ ئىش يېڭى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆزگەردى، ئۇلار جەمئىيەتكە ۋە ئىسلامنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىيلىققا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى ۋە بۇ كۆڭۈل بۆلۈش دەۋەتنىڭ پائالىيەتلىرىدە روشەن ئىپادىلەندى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان ئەللىرىدىكى ئومۇمىي دەۋەت ۋە قوتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قوللىرىغا ئالدى. يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە چاقىرىقى- خالىس تەۋھىد ئەقىدىسىگە قايتىش ۋە روشەن دىنىمىز مەيدانغا كەلگەندىن بويان سەلەپ - سالىھلار تۇتۇپ كەلگەن يول بىلەن مېڭىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ دەۋەت قۇرئان، سۈننەتكە ۋە دەلىللەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىشتا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ مېتودىغا تاياندى. شەرتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا ئىجتىھاد بابىنى ئېچىشقا، تەۋھىدنى شېرىككە ئوخشاش ئىشلاردىن تازىلاشقا ۋە شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار تەۋھىد ئەقىدىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى ۋە رىزق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە ئوخشاش رەببانىي تەۋھىد بىلەن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھنى ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش بىلەن بىر، دەپ تونۇيدىغان ئىلاھىي تەۋھىد بىلەن تەڭ ئېلىپ مېڭىشى ۋاجىپ. ئاللاھ تائالا يىگانە بىردۇر، ھەممە اﷲ غا مۇھتاجدۇر، اﷲ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھ تائالانى ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئوبرازلاشتۇرماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە بورمىلىماستىن يىگانە دەپ تونۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. جىھادنى تىرىلدۈرۈش، ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە كەڭ تارقىلىپ كەتكەن شېرىككە ئائىت ئىشلار، خۇراپات ۋە بىدئەتلەرنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ. بۇ يېقىنقى زاماندىكى ئىسلام بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان بىر دۆلەت قورۇشقا قادىر بولالىغان يىگانە ئىسلاھات چاقىرىقىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن!

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:

- ئوسمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى بىشر ئەلھەنبەلىي: عنوان المجد في تاريخ النجد ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.

- شەيخ ھۇسەين ئىبنى غەننام: روضة الأفكار ، د.ناسىرۇددين ئەلئەسەد تەرىپىدىن تەھقىق قىلىنغان، ئەلمەدەنىي باسمىخانىسى، مىسىر.

- د.ئەھمەد مۇھەممەد ئەززەبىيب: آثار الشيخ محمد بن عبد الوهاب ، ئوفىست ئەھلىييە باسمىخانىلىرى، رىياد- 1397ھـ.

- ئابدۇلھەلىيم ئەلجۇندىي: الإمام محمد بن عبد الوهاب انتصار المذهب السلفي ، مائارىپ نەشرىياتى- مىسىر.

- ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتار: محمد بن عبد الوهاب ، - 1397ھـ باسمىسى.

- ئابدۇرراھمان سۇلايمان ئەررۇۋەيشىد: الوهابية: حركة الفكر والدولة الإسلامية ، پەنلەر نەشرىيات- قاھىرە. 1977م/ 1397ھـ

- ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات مەركىزى: بحوث أسبوع الشيخ محمد بن عبد الوهاب ، رىياد_ 1403ھـ / 1983م.

- ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىكىتابچىلىرى: مؤلفات الشيخ الإمام محمد بن عبد الوهاب - رىياد.

- مەنەر باسمىخانىسى: مجموعة الرسائل والمسائل النجدية

- شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇللەتىيف ئال شەيخ تەرىپىدىن تەھقىق قىلىنغان ۋە ئىلاۋە يېزىلغان كىتاب: في سيرة محمد بن عبدالوهاب ، پادىشا ئابدۇلئەزىز نەشرىياتى كىتابچىلىرىدىن.

- مۇھەممەد كامال جۇمئە: انتشار دعوة الشيخ محمد بن عبد الوهاب خارج الجزيرة العربية ، پادىشا ئابدۇلئەزىز نەشرىياتى كىتابچىلىرى- رىياد. ئىككىنچى باسما، 1401ھـ/ 1981م.

-  نامەلۇم يازغۇچى: كيف كان ظهور شيخ الإسلام محمد بن عبد الوهاب ، د.ئابدۇللاھ ئەسسالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرىپىدىن تەتقىق، تەھقىق ۋە ئىلاۋە يېزىلغان_ پادىشا ئابدۇلئەزىز نەشرىياتى كىتابچىلىرىدىن- رىياد، 1403ھـ - 1983م.

- ئابدۇلئەزىز ئەلئابدۇللەتيف: دعاوى المناوئين لدعوة الشيخ محمد بن عبد الوهاب ، ۋەتەن نەشرىياتى.

- ئابدۇلمۇتەئال ئەسسەئىيدى: المجددون في الإسلام من القرن الأول إلى القرن الرابع عشر الهجري ,

- د.مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئەلئەجلان: حركة الإصلاح والتجديد في نجد ، (بۇ 1405ھـ/ 1986مىلادىدا بەھرەيندە ئۆتكۈزۈلگەن ھازىرقى زامان ئىسلامىي پىكىر يۈزلىنىشلىرى ناملىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا سونۇلغان ماقالە.)

- د.راجىھ ئەلكۇردى: الاتجاه السلفي بين التأصيل والمواجهة ، (بۇ 1405ھـ/ 1986مىلادىدا بەھرەيندە ئۆتكۈزۈلگەن ھازىرقى زامان ئىسلامىي پىكىر يۈزلىنىشلىرى ناملىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا سونۇلغان ماقالە.)

-سالاھۇددين مەقبۇل: أثر دعوة شيخ الإسلام ابن تيمية في الحركات الإسلامية المعاصرة , ئىسلام ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بىرلىگى- يېڭى دىلھىي.

-سالىھ ئەلئەبۇد: عقيدة الشيخ محمد بن عبد الوهاب

-ئەھمەد ئىبنى ھەجەر ئال بۇتامېي: الشيخ محمد بن عبد الوهاب

-مەسئۇد ئەننەدەۋىي: محمد بن عبد الوهاب مصلح مظلوم ومفترى عليه

-ئابدۇللاھ ئەلئۇسەيمىين: محمد بن عبد الوهاب حياته وفكره

-مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەلمان: دعوة الشيخ محمد بن عبد الوهاب

- ئابدۇللاھ ئەلبەسسام: علماء نجد خلال ستة قرون

- ئابدۇرراھمان ئال شەيخ: مشاهير علماء نجد

- ئابدۇرراھمان ئەلقاسىم (توپلىغۇچى): الدر السنية في الأجوبة الندية

- مۇھەممەد جەمىيل زەينۇ: دىوە دعوة الشيخ محمد بن عبد الوهاب بين المؤيدين والمعارضين والمناوئين

- د.مۇھەممەد ئىبنى سەئد ئەششۇۋەيئېر: تصحيح خطأ تاريخي حول الوهابية

 

Go to the Top