Ал Мисбоҳ Ал Мунир

Китоблар Маълумотлар
Унвон: Ал Мисбоҳ Ал Мунир
тил: Уйғур тили
Муаллиф: Исмоил ибн Умар ибн Касир
Таржимон: Абдулазиз Раҳматуллоҳ - Абдулғани Абдулазиз - Муҳаммад Абдуллоҳ Қори - Муҳаммад Умар - Мўминж - Юсуф Қори - Ҳожи Абдулҳамид Қори
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: www.munber.org - Уйғур таржима маркази
Қисқача танитув: Ибн Касир тафсирининг қисқартмаси
Киритилган вақт: 2007-09-01
Линк: http://IslamHouse.com/52777
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 6 )
1.
قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر1-توم
52.5 MB
: قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر1-توم.pdf
2.
قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر2-توم
64.8 MB
: قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر2-توم.pdf
3.
قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر3-توم
63.4 MB
: قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر3-توم.pdf
4.
قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر4-توم
58.7 MB
: قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر4-توم.pdf
5.
قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر5-توم
54.3 MB
: قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر5-توم.pdf
6.
قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر6-توم
54.2 MB
: قۇرئان كەرىم تەپسىرى-ئبنى كەسىر6-توم.pdf
Тафсилий намуна

تەپسىرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەشرى مۇناسىۋىتى بىلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ‹قۇرئان كەرىم› تەپسىرىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى! تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىرىنچى بولۇپ ئىسلامىيەتنى سەلتەنەت سەۋىيىسىگە كۆتۈرگەن، يەنە تۈركىي تىللىق قەۋملەر ئىچىدە قۇرئان كەرىم بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، قۇرئان كەرىم تەپسىرى دىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان بىرمۇ تەپسىرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تارقىغان بولماسلىقى، مەنبە خاراكتېرلىك بارلىق دىنىي كىتابلارنىڭ يا ئەرەبچە ياكى پارسچە بولۇشى، خەلقىمىزنىڭ دىنىي مەلۇماتلارغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالماي ياكى خاتا كۆرسەتمىلەر بىلەن تەمىنلىشىگە، بىرلىرىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بويان ھەر خىل ساھەلەردىكى دىنىي كىتابلار ئارقا - ئارقىدىن بېسىلىپ بۇ بوشلۇق بىر ئاز بولسىمۇ تولدۇرۇلدى. قۇرئان كەرىم تەپسىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشىمۇ، بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تارىخىي بوشلۇقىنى قىسمەن بولسىمۇ تولدۇردى. تەپسىرنىڭ، ئەسىرلەردىن بويان داۋاملىشىپ كەلگەن چاڭقاقلىق، تەشنالىق، مەنىۋىي قۇرغاقلىققا تەسەللىي بىر تامچىنىڭ رولىنى ئوينالىغىنى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدۇق ۋە بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەسەرلەرنىڭ ئىزىدىن قوغلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، جانابى ئاللاھنىڭ ساغلام قەلب، پۈكۈلمەس ئىرادە، ھارماس كۈچ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن!ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئىمام ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىرنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغىنىغا 7 يىل بولۇپ قالدى. كىتاب نەشىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەلتۆكۈس تۈگەپ كەتتى. كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇنىڭغا لايىق، پايدىلىنالايدىغان كىشىلەرنىڭ قوللىرىغا چۈشكەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن ئىشەنسەكمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى قاراڭغۇ بازارلاردىن بىر قول تراكتورنىڭ پۇلىغا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ھەقسىز تارقىتىلغان بۇ كىتابنىڭ سودا - تىجارەتنىڭ بىر ئامىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى بىزنى ئېچىندۇردى. يۆتكەش ياكى پوچتا چىقىملىرىنى ئېلىش مۇۋاپىق بىر ئىش بولسىمۇ، ئۇنى ئۇنچىلىك كۆپ پۇلغا سېتىش، مۇھتاج كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇش ياخشى ئىش بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمىز. كىتاب خەلقىمىز يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە پەيدا بولغان ئىنكاس ۋە قايتا بېسىلىشىغا دائىر تەلەپلەرنى بىرمۇ بىر خاتىرىتىلىپ ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك. ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، قۇرئان كەرىم تەپسىرىنىڭ ئىككىنچى نەشرىنى باسمىخانىغا تاپشۇرۇشقا پەقەتلا ئالدىرىمىدۇق. بۇنداق بولۇشتا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار ئىدى: بىرىنچى، قولىمىزدا ھەر خىل تېمىلاردا بېسىشنى، تەھرىرلىنىشنى، ھەتتا تەرجىمە قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان قانچە ئونلىغان كىتاب تۇرغانىكەن، تەپسىرنى ئىككىنچى قېتىم بېسىش خۇسۇسەن ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئىككىنچىسى، تەپسىر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەر خىل پىكىر - تەلەپلەر تاپشۇرۇپ ئېلىندى، ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار بىلدۈرۈلدى. تەرجىمە مەركىزىمىز بۇ تەلەپلەرنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەرگە ئېلىپ، كىتابنى قايتا - قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئىملا ۋە جۈملىلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە بىر قىسىم تېخنىكىلىق خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلدى. مەركىزىمىز يەنە، كىتابنى خەلقىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى شەكىلدە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. كىتابنىڭ ئىككىنچى نەشرى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، دۇنيادا بارلىق ئىشلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا قائىدە - يۇسۇنلىرى بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىشنىڭمۇ بىر قاتار شەرتلىرى بار؛قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىر - بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ، ئىزاھلايدۇ ياكى ئايەت تېپىلمىغاندا ھەدىسلەر، ھەدىسلەر بولمىغاندا قىياس ... ئارقىلىق تەپسىر قىلىنىدۇ. شۇ جۈملىدىن تەپسىرىنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ بىر - بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەپسىرنى ئوقۇشنىڭمۇ تېگىشلىك شەرتلىرىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپسىردىكى مۇئەييەن نۇقتىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا ھۆكۈم ئورنىدا ئىشلىتىشى، مۇناسىۋەتلىك فىھقىي ھۆكۈملىرىنى بىلمەي تۇرۇپلا پەتىۋا بېرىشى توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقىمىزگە قۇرئان كەرىمنى، شۇ جۈملىدىن دىنىمىزنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تەپسىر باشتىن ئاخىر ئوقۇش، بىر پۈتۈن ھالدا يەكۈن چىقىرىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىر ياكى بىر قانچە پارچە كىتابنى ئوقۇپلا مۇپتى ياكى موللا بولۇپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، پەتىۋا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز... ئاللاھ ھەممىڭلارغا رەھمەت قىلسۇن!

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

Go to the Top