Товба қилганлар жаннати

Китоблар Маълумотлар
Унвон: Товба қилганлар жаннати
тил: Уйғур тили
Муаллиф: Фаҳд ибн Абдураҳмон Ал-Ҳумайд
Таржимон: А. Абдураҳмон Хоқоний
Таҳрир: Н. Тамкиний
Нашр қилувчи манба: Уйғур таржима маркази
Киритилган вақт: 2007-08-26
Линк: http://IslamHouse.com/52486
Ушбу тема қуйидаги қисмлар орасида мавзуга кўра қўйилган
Формати ( 2 )
1.
تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى
2.9 MB
: تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى.doc
2.
تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى
1 MB
: تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى.pdf
Тафсилий намуна

مۆھتەرەم مۇسۇلمان، ھۆرمەتلىك كىتابخان!

قولۇڭلاردىكى بۇ كىتابچىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەسلى نۇسخىسى شەرەپلىك شەھەر مەككىدىكى ھەج مەزگىلىدە ھەدىيە سۈپىتىدە تارقىتىلغان بولۇپ، كىتابچىنىڭ تاش ۋارىقىغا «تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى» (جنان التائبين) دېگەن ئىسم ئۇنىڭ ئاستىغا بىر پارچە رەڭلىك سۈرەت بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتتىكى نۇرلۇق قۇياش، زەڭگەر ئاسمان، زۇمرەت ئۆستەڭ، ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يۇمران كۆكاتلىق، خىلمۇخىل گۈل – گىياھلار پايانسىز يىراقلارغا سوزۇلغان بولۇپ، سۈرەتكە قارىغان كىشىنىڭ قارىغانسىرى قارىغىسى كېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا، ئاللاھنىڭ جەننىتى بۇنىڭدىنمۇ تۈمەن ھەسسە گۈزەلدۇر – ھە، دېگەن خىيالغا كېلەتتى.

كىتابچىدە نەقىل قىلىنغان قىسسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام ئىلىم دۇنياسىدىكى داڭلىق ئالىملاردىن رىۋايەت قىلىنغان، مۆتىۋەر كىتابلاردىن ئېلىنغان بولۇپ ۋەقەلىكىنىڭ ئەينەنلىكى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى بىلەن دىققىتىمىزنى چەكتى. ھەر بىر قىسسىىنىڭ مۇئەييەن تەرىپىدىن ئۆزىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكى ئاللىكىملەرنى كۆرگەندەك بولۇپ چۆچىدۇق.

گۇناھ پاتقىقىغا كەينى – كەينىدىن پېتىپ، شۇ گۇناھلارنى قىلغاندا خىجىل بولمىغان بىلەن، گۇناھىمىزنى ئەسلىسەك، ئەسلىتىلسەك خىجىل بولىدىغان بىزدەك بەندىلىرى ئۈچۈن، جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا تەۋبىدىن ئىبارەت بۇ قۇتۇلۇش يولىنى رەھمەت سۈپىتىدە قالدۇرغان ئىكەن، بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولساق، جانابى ئاللاھنىڭ « ئەلغاففار » (مەغپىرەت قىلغۇچى، كەچۈرگۈچى) دېگەن ئۇلۇغ ئىسمىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ قالىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى تەۋبە قىلغۇچىلار، پاكلانغۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن، (ئامىن!)

خۇددى ئوخشىغان تاماقنى خوشنىمىزغا سۇنغان كەبى، بۇ كىتابچىنى دەرھال تەرجىمە قىلىپ، سىلەرگە ئازدۇر – كۆپتۇر مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە سۇندۇق.

تەرجىمىدە، گەرچە بىر قىسىم ئەرەبچە سۆز – ئىبارىلەر ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر ساھە، ھەر ياشتىكى ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ سۆز – ئىبارىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىزاھلاشقا تىرىشتۇق. شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجابىي قاراشتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمىدە ئۇقۇم ۋە تىل جەھەتتىن خاتا كەتكەن، چۈشۈرۈپ قويغان، زىيادە قىلىپ تاشلىغان جايلىرىمىز بولسا پېقىر، كەمىنە – كەمتەرىن، ئىلمى ناقىس، قەلىمى گال، تەجىربىسى چولتا بالا تەرجىمان قەلىمى توختىمىغان، چىكىت قويۇلمىغان، سىياھ قۇرىمىغان، سول مۈرىمىزدىكى پەرىشتە بۇ گۇناھنى يېزىپ ئۈلگۈرمىگەن مۇشۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە، جانابى ھەقتىن بۇ بۈيۈك گۇناھىمىزنى رەھمەت سەترىلىرى بىلەن يېپىشىنى، بىزنى ئۇلۇغ كۈن (قىيامەت) دە، بۇ گۇناھىمىز ئۈستىدە سوئال – سوراققا تارتماسلىقىنى بەدىنىمىزدىكى ئەڭ شەرەپلىك ئەزا يۈزىمىزنى تۇپراققا قويۇپ (سەجدىدە) تۇرۇپ تىلەيمىز.

بۇ كىتاپچىنىڭ قەلىمىمىزدىن ئۇيغۇرچە زۇۋانغا كىرگەن بۇ ۋەقەلىكتىن ئىبرەت ئالغان، قەلبى تىترىگەن ئۇيغۇر تىللىق ئىمان ئەھلىنىڭ چاڭقىغان دىلىنىڭ تەۋبە شەربىتى ئىچىپ، ھىدايەت نۇرىنى قايتىدىن تېپىپ، دۇنيالىق بەختنىڭ تەمىنى تېتىپ، جەننەت ۋىسالىغا يېتىپ ئىككى دۇنيالىق مۇرادىغا مۇيەسسەر بولۇشىغا تۈرۈتكە بولۇپ قېلىشىنى، بۇ ئازغىنا ئەمگىكىمىزنى نىيىتىمىزگە يارىشا، ئۈزۈلمەس سەدىقە (سەدىقە جارى) قىلىپ بېرىشىنى قەلىبلەر ئىلكىدە بولغان ئاللاھتىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

چۈنكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) «ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر كىشىنى ھىدايەت قىلغىنى، سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىدىنمۇ[1] ياخشىدۇر »[2] دېگەن ئەمەسمۇ!


[1] قىزىل تۆگە ئەينى زامان ئەرەبلىرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مال ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ساۋاب كۆزدە تۇتۇلغان – ت

[2] بۇخارى – 2787 .

Go to the Top