پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

مەشھۇر كىشىلەر تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
قىسقىچە چۈشەنچە: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتورنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتور ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتور سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ.
2002-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان.
بۇ جەرياندا دوكتورنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتور يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتورلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
دوكتورنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2007-08-02
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/49244
بۇنىڭغا ئالاقىدار ماۋزۇلار ( 2 )
Go to the Top