ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى - رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن باشقا مىللەتتىن بولغان بىر كىشى بىلەن توي قىلماقچى بولغىنىمدا، دادام دەسلەپتە بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلمىدى، كېيىن ئۇ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىپ، مېنى بەزلەپ، ئەركىلىتىپ تويغا قىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىيىن ئەھۋال ئۆزگەردى، مەن توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىم بىلەن ئاتا-ئانام بار يۇرتتىن يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسى بار دۆلەتكە كەتتىم. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ توي مۇناسىۋىتى بىلەن خۇرسەن بولۇشتى، كېيىن ئۇلار مېنىڭ بىر قىز پەرزەنتلىك بولغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا بەختكە چۆمدى. يولدىشىم بولسا، بىز توي قىلغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى ئالتە ئايدا تەسۋىرلىگۈسىز مېھرى-مۇھەببەت، سۆيگۈلىرىنى ئىزھار قىلدى، مەن ھامىلدار بولۇپ تۆتىنچى ئايغا قەدەم قويغاندا، يولدىشىم مېنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىدا قويۇپ، يەنە بىر ئايالىنىڭ يېنىغا كەتتى، ئۇنىڭ ئۇ ئايالىدىنمۇ ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنى پەقەت يوقلىمىدى لېكىن ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم قىزىنى يوقلاپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرى مېنىڭ يالغۇزلىقىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئايرىلىش يەنە بىرى ئائىلەمدىن ھەقىقەتنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئوتنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن. ئۇلار ھەر قېتىم ماڭا تىلىفۇن قىلغاندا مەن ئۇلارغا ئەھۋالىمنىڭ ناھايىتى ياخشى، ئېرىم بىلەن بەك بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئېرىمدىن ئاجرىشىپ ئائىلەمگە قايتسام، خۇددى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئائىلىدە يۈزبەرگەن جىددىيچىلىك ۋە كەيپىياتسىزلىق ئىچىدە ياشاشقا زورلىنىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىش پۈتۈن ئائىلەمنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا سەت بولىدۇ. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى ئېرىمدىن مەھرۇم بولدۇم، ئۇ بىر قېتىممۇ مەن بىلەن بىرگە بولمىدى، بۇ ماڭا ئوخشاش ياشلىق غۇنچىسى ئەمدى ئېچىلىۋاتقان قىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا ۋە قىزىمغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن مەن، مەن بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئەرنى خالايمەن، يالغۇز-بويتاقلىق ھاياتنى خالىمايمەن، يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، مەن ئېرىمدىن ئاجرىشىپ، قىزىمدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشنى مەقسەت قىلمايمەن، مەن ئىلگىرى ئاسىيلىق پاتقاقلىرىغا كۆپ كىرىپ كەتكەن، كېيىن مۇشۇ ئېرىم بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم، گەرچە ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىسىمۇ يەنىلا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالايمەن، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن، تەۋەككۈل قىلىپ ئېرىم بىلەن ئاجرىشىپ، ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزەيمۇ؟ ياكى مەن توي قىلىپ ئېرى بولمىغان ۋە تالاقمۇ قىلىنمىغان مۇشۇ ھالىمغا سەۋر قىلىپ ئۆلۈمنى كۈتەيمۇ؟ بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2013-11-11
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/448439
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟
178.6 KB
: ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟.pdf
2.
ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟
1.9 MB
: ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟.doc
Go to the Top