رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/9/1432ھـ 2011-يىلى08-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى، رامىزان ئېيىنىڭ باشقا ئايلاردىن پەزىلەتتە پەرقلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئاينىڭ ئىستىغفار ئېيتىش ۋە ئاللاھقا قايتىش ئېيى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-08-18
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/364895
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر
147 KB
: رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر.pdf
2.
رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر
1.9 MB
: رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر

 

 

2011-يىلى 08- ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا مۇنۇلارنى سۆزلىدى:

رامىزان ئېيى ئالاھىدە پەزىلەت ۋە كۆپ خۇسۇسىيەتلەر بىلەن باشقا ئايلاردىن پەرقلىقتۇر. بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، رامىزان روزىسىنى پەرز قىلدى. رامىزان ئاللاھ يولىدا سەدىقە، خەير-ئېھسان ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ھاسىل قىلىدىغان مەۋسۇمدۇر. ياخشى ئىشلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ داۋاملىشىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت-بەرىكىتى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە بەرىكەتلىك رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، بۇ ئايدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، ئىنسانلارنى ئازدۇرغۇچى جىن-شەيتانلارغا ئىشكەل تاقاق سېلىنىدۇ، بۇ ئايدا ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشتا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچە بار، بۇ كېچىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشى ھەقىقەتتە كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ». [نەسائىي رىۋايىتى].

رامىزان ئېيى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھەممە ئايدىن شەرەپلىك ۋە پاكراقدۇر. بۇ ئاي تۈرلۈك تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەردە بەسلىشىدىغانلارنىڭ مەيدانىدۇر. بۇ ئاي باشقىلارنى ئۆچ كۆرۈش، ھەسەتخورلۇق ۋە تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلايدۇ ۋە تازىلايدۇ. بۇ ئاينى قۇرئان تىلاۋەت قېلىش، كېچىسى قىيامدا تۇرۇش، سەدىقە، خەيرى-ئېھسان قېلىش، روزا تۇتۇش، باشقىلارغا كۆيۈمچانلىق قېلىش، روزىدارنى ئىپتارلىتىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتقان كىشىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا، روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى].

رامىزاندا قىلغان ئۆمرىنىڭ ساۋابى ھەج قىلغاننىڭ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قېلىنىدۇ، ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئاللاھ تائالا زېمىننىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: «ماڭا دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلىمەن ۋە بىر نەرسە سورىغانلارغا تىلىگىنىنى بېرىمەن» دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچىلار ناھايىتى كۆپتۇر. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قېلىش، ئۇلارنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قېلىش، ئەھلى-ئەۋلادلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قېلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش قاتارلىقلار ئەمەللەرنىڭ رامىزاندا رېئاللىققا ئايلىنىشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بايلارنىڭ كەمبەغەللەرگە قىلىدىغان سەدىقە، خەيرى-ئېھسانلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق-قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلار ئارىسىدىكى يامان كۆرۈش ۋە ھەسەتنى كەتكۈزىدۇ. بۇ مۇبارەك ئاينىڭ سەۋەبى بىلەن ياخشىلىق، بەرىكەت شاماللىرى ھەممىنى ئورايدۇ.

رامىزاندا ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىش كېرەك، چۈنكى گۇناھ-مەسىيەت ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ئاللاھ چوقۇم ئىستىغپار ئېيتقۇچىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ قورالى بولۇپ، ئۇ گۇناھ ئىشلىگۈچىنى ئۆز قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن ئىنسان گۇناھ-مەسىيەتنى ھەرقانچە كۆپ قىلسىمۇ ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبە قېلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، ھەقىقى يوسۇندا قېلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھ-خاتالىقلارنى يوق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش ئىلگىرىكى كەمچىللىكنى يۇيىۋىتىدۇ. خاتالىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، مەزكۇر خاتالىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى پەقەت بىر ئاللاھدىنلا تەلەپ قېلىشى كېرەك.

تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن: ئۆتكەنكى خاتالىقلارغا پۇشايمان قېلىش ۋە شۇ قىلمىشتىن قول ئۇزۇش، يېڭىدىن خاتالىق سادىر قېلىشتىن ئەنسىرەش، ناچار-يامان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش، ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتۇر.

ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىززىتى، شان-شەرىپى، ئىپپىتىنى مۇھاپىزەت قېلىشى، ھايا ۋە سەترىدىن ئىبارەت بولغان دىننىڭ زىننەتلىرى بىلەن زىننەتلىنىشى لازىم.

رامىزان كېچىلىرى ساناقلىقتۇر، ئىنساننىڭ ھاياتى قىسقىدۇر، ھاياتىنى تائەت-ئىبادەت، خەيرى-ئېھسان بىلەن ياشناتقان، گۇناھ-مەسىيەت، خاتالىقلاردىن يىراق تۇتقانلار ھەقىقى بەختلىك كىشىلەردۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رامىزان ئېيىدا ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولغۇچىلاردىن قىلسۇن. روزا ۋە نامازلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن. ئامىن....


 
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top