مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/7/1432ھـ 2011-يىلى07-ئاينىڭ01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمان كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بارلىق ماددى -مەنىۋى ئىشلاردا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملارنى ئۈلگە قىلىپ ياشاشنىڭ لازىملىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھايات كەچۈرۈشى، كېلىچەك ئەۋلادلارنىڭ پەزىلەت ۋە ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-07-05
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/354886
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر
167.4 KB
: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر.pdf
2.
مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر
1.9 MB
: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر

 

2011-يىلى 07-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا "مۇسۇلمانلار نەپسىنى ئىسلاھ قىلىپ، رەسۇلۇللاھنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بارلىق ئىشلاردا ئۈلگە قىلىپ ياشىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسانلارنىڭ ياخشى ۋە باياشات، خاتىرجەملىك تۈسى ئالغان بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىغا ساغلام رەۋىشتە قەتئى تەۋرەنمەستىن ئېتىقاد قىلىشىغا باغلىق بولۇش بىلەن بىرگە، كېلىچەك ئەۋلادلارغا بارلىق پەزىلەتلەردە ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. ياخشى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا شەخس ۋە ئائىلە شۇنداقلا جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق دۇنيا گۈللىنىدۇ، ياخشىلىق ۋە بەرىكەت ئومۇملىشىدۇ، ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرى بەختكە چۆمىدۇ-دە، نەتىجىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان سالىھ ئەمەللىرى سەۋەبلىك يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ.» [سۈرە كەھف 107-ئايەت].

نەمۇنىلىك ئىنسانلار ياش-ئەۋلادلارنى دىنى-ئېتىقاد، ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتلەردە توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئالى نىشان ۋە يۇقىرى غايىگە يېتىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىش-ئىزلىرىغا ئەگىشىدىغان نەمۇنىلىك كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، يەنى دىن-دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا رەھمەت-شەپقەت قىلىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان نەمۇنىلىك ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار ئىنسانلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن چەكلەپ، يەككە-يېگانە ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا بۇيرۇپ، تۈرلۈك رەزىللىك، پەسكەشلىك، بۇزۇقچىلىقتىن چەكلىدى ۋە ئۇلارنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: "ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار" دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.» [سۈرە نەھل 36-ئايەت].

ھەر بىر ئۈممەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، بارلىق ئىشلاردا شۇ ئۈممەتكە ئۈلگە بولىدۇ، بۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ئىلغار-ياخشى كىشىلىرى ئاشۇ پەيغەمبەرگە ھەمراھ بولۇپ بىر دەۋىردە ياشىغان كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئۇ پەيغەمبەر بىلەن بىر دەۋىردە ياشىدى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۆردى ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ياخشىلىقتا نەمۇنىلىك ئۈلگە بولالايدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى، ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، پەزىلەت ۋە ئېسىللىكنىڭ ساھىبى بولغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇردى. ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن-شەرىئەت ئارقىلىق، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلاھى قانۇن-تۈزۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن ھېچبىر كىشىنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى بويىچە ئەۋەتىلگەن نەمۇنىلىك ئۈلگىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام ئۈممىتىگە ئۈلگە، ئىنسانىيەتكە نەمۇنە قىلدى. ئۇنىڭ دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق كىشىگە ئاللاھ كاتتا نېمەت ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىگە بارلىق ياخشىلىق، ئېسىللىك، ئەخلاق-پەزىلەتنى مۇجەسسەملەشتۈردى، ئۇنى پۈتۈن ھاياتىدا توغرا يولدا دەپ سۈپەتلەپ قەسەم قىلدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلىدى. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئەيىب-نۇقسان، كەمچىللىكىدىن پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، ئەڭ توغرا يول مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ قاباھەتلىكراقى، دىن نامىدىن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشلاردۇر، دىن نامىدىن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق ئەسلى يوق ئىشلار ئازغۇنلۇقتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

ساھابىلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ئىنسانلار بولىشىدىكى بىردىن-بىر سىر، ئۇلار ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكى، يەر شارىدا ئىسلام دىنىنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتى بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ھارماي-تالماي كۆرەش قىلغانلىقى، بۇ يولدا ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى، ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقى ۋە ئاخىرقى ھاياتىغىچە قۇرئان-ھەدىس روھىنى زېمىن ئەھلىگە تارقىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئەڭ پەزىلەتلىك-شەرەپلىك، نەمۇنىلىك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئۇلارنىڭ پەزىلىتى، ياخشىلىقى ۋە جەننەت ئەھلى ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنى پەقەت ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقلارنىڭلا ياقتۇرمايدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى، چۈنكى ساھابىلار دىننىڭ بىزلەرگە قەدەر يىتىپ كېلىشى ئۈچۈن بىز بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئارىسىدىكى ۋاستىدۇر، ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغانلار بولسا، ئاللاھنىڭ دىنىنى ياقتۇرمايدىغانلاردىندۇر. (يەنى ئۆز ياراتقۇچىسىغا گەدەنكەشلىك قىلىشنى ئىختىيار قىلغانلاردۇر).

پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ئەگىشىش مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر، مۇسۇلمانلار ئۇلار ئارقىلىق توغرا يولنى تاپىدۇ، ھەقىقەتتە تەۋرەنمەي تۇرىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ھەق بايرىقىنى لەپىلدىتىدۇ، باتىل يوللاردىن ساقلىنىپ، جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان داغدام يولغا ئېرىشىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى ئۈلگىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، ئاندىن ساھابىلاردۇر، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىنكى ئىسلامدىكى توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئالىملار ۋە يىتەكچىلەردۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەممە كىشى خاتالىقتىن ساقلىنالمايدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ۋە شەخسلەرنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلگەن كەمچىللىكلەر، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىدا نەمۇنە قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تولۇق ئەگىشىش، سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى، بۇ مەقسەتكە يېتىش يولىدا نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىشى كېرەك.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن مېڭىش كېرەك. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيا-ئاخىرەتتە خار بولىدۇ ۋە توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان بارلىق ئىشلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ياشاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: "ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر". ئېيتقىنكى: "ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار". ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 30-31-ئايەتلەر].

ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش-ئەۋلادلار كۆزى بىلەن كۆرگەن ياكى ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلار ۋە جەمئىيەتتە ئۆزىدىن چوڭلاردىن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىگە ئەگىشىدۇ، ئەگەر ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى سۆزلىرىنى ئاڭلىسا ياخشىلىققا يۈزلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئۇلارنىڭ تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئۆسمۈر ۋە ياشلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك قاناللار، ئېنتىر تورلىرى، قول تىلىفۇنلىرى قاتارلىق قوش بىسلىق ھەر-خىل مېدىيا ۋاستىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان زاماندا، مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمانى ۋە مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىسلامىي ۋە دىنى تەلىم-تەربىيەنى چىقىش قىلغان ئەخلاق-پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ يەنىلا ھاياتىمىزدىكى بارلىق ئىشلىرىمىزدا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنى ئۈلگە قىلىپ ياشاشقا تىرىشىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە - ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.» [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

يەنى بىر ئايەتتە: «ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى! ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى ئىمانىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ مەدھىيىگە لايىقتۇر.» [سۈرە مۇمتەھىنە 6-ئايەت].

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن تۇرمۇش شارائىتلىرىنى بەرپا قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن...

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 5 )
Go to the Top