ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: جانابى ئاللاھ بارچە نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى ياراتتى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-07-03
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/354872
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
143 KB
: ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.pdf
2.
ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
1.9 MB
: ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھنىڭ خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى يارىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

 

120870-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

جانابى ئاللاھ بارچە نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەرنى ياراتتى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا بولسۇن.

بىز ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە بۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھېكمىتىنى بىلىمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كۆپۈنچە نەرسىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مەۋجۇد ئىكەنلىكىدىكى ھېكمەتنى بىلمەيمىز.

جانابى ئاللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: «ئې مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. "روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ" دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن.»  [ئىسرا سۈرىسى 85- ئايەت].

ئەگەر بىزدىن بىر كىشى جانابى ئاللاھنىڭ تۆگە، ئات، ئىشەك، ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقاتلارنى ھەربىرىگە خاس ۋە ئۆزىگە لايىق شەكىل سۈرەتتە يارىتىشتىكى ھىكمەت نېمە؟ دەپ سورىسا بۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرنى بىز بىلمەيمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر بەش ۋاقىت ناماز توغرىسىدىكى، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت، پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت، دىگەر نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت، شام نامىزىنىڭ ئۈچ رەكئەت، خۇپتەن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت ۋە ئۇندىن باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ھېكمەتلەرنى سورىسا، بۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرنى بىز بىلمەيمىز.

يۇقىرىقىغا ئوخشىغان كائىناتتىكى كۆپلىگەن نەرسىلەر ۋە شەرىئەتتىكى بەزى پرىنسىپلارنىڭ ھېكمىتى بىزگە نامەلۇم.

بىزنىڭ كائىناتتىكى بەزى مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتنى ۋە شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بەزى ئەھكاملارنىڭ ھىكمىتىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولغىنىمىز، جانابى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن پەزلى ۋە مەرھىمىتىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتنى بىلمىگەنلىكىمىز ياكى بىلدۇرۇلمىگەنلىكىمىز تۈپەيلى بىزگە ئاللاھنىڭ پەزلى كاملاپ قالغان بولمايدۇ.

يۇقىرىقى سوئالنىڭ جاۋابىغا قايتساق: جانابى ئاللاھنىڭ ھەر-بىرىمىزنىڭ نېمە ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىۋاتقانلىقىمىزنى خاتىرلەپ تۇرۇش ئۈچۈن كىرام- كاتىبىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.

ئۇنىڭدىكى ھېكمەت: جانابى ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىنى سىستېمىلىق ۋە ناھايىتى مۇستەھكەم قىلىپ ياراتقان، ئىنساندىن ھەرقانداق ئىش- ھەركەت سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى، جانابى ئاللاھ ئۇ بەندىسىنىڭ قانداق شەكىلدە ئىش-ھەركەت سادىر قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن - ئەلا بىلىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىنسانلاردىن سادىر بولدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرنى يېزىپ تۇرىدىغان ھۆرمەتلىك پەرشتىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇنىڭ مەنىسى؛ جانابى ئاللاھنىڭ چەكسىز كامالەت ئىگىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ھاياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى  ساقلاشقا ۋە ھىمايە قىلىشقا قادىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى سىستېمىلىق ۋە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

[پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋالار توپلىمى 1-توم 121-بەتكە قارالسۇن].


 
Go to the Top